كېلىنتۇن ئەر-خوتۇن ئوباماغا مەدەت تىلىدى |

مەنبە: hnrb.hinews.cn
ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرزىدېنتى بىل كىلىنتون 1-ئۆكتەبىر ھازىرقى پىرزىدېنت ئوبامانى ئاقلاپ مۇنداق دېدى: ئوباما ئەينى ۋاقىتتا مىنىڭ ئىككى قېتىم پىرزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىپ ئىككى نۆۋەت پىرزىدېنت بولغان ۋاقتىمدىكىگە ئوخشاش ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇش كەيپىياتىگە دۇچ كەلدى. كىلىنتون 1-ئۆكتەبىر ئاركانزاس شىتاتىنىڭ مەركىزى كىچىك تاش شەھىرىدىكى «كونا شىتات ئاۋام پالاتاسى مۇزېيى»نىڭ سىرتىدا تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، 5000 كىشىگە نۇتۇق سۆزلىدى. كىلىنتون سۆزىدە كۆپ قېتىم مۇنداق دېدى: ئومابا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان مەن پىرزىدېنت بولغان چاغدىكىدەك نۇرغۇن ئوخشاشلىقلارغا دۇچ كەلدى، پارلامېنت، سايلام قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ رىقابىتىگە دۇچ كەلمەكتە. ئوباما ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قانداق رول ئويناۋاتقانلىقىغا ئەينى ۋاقىتتا مەن جاۋاب بەرگەنگە ئوخشاش جاۋاب بېرىشى كېرەك. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئادەتتە كىچىك ھۆكۈمەتنى تەرغىب قىلىپ، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ چوڭ ھۆكۈمەتنى يولغا قويۇپ، ئىقتىسادقا زىيادە ئارىلىشىۋالغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. كىلىنتون مۇنداق دېدى: ئومابا ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇزاق مۇددەتلىك ئاممىۋىي قەرزنى ئازايتىش ۋە تۇرالغۇ بازىرى كىرزىسىگە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھازىر پارلامېنت بۇ لايىھەلەر بويىچە ئىش كۆرۈشى كېرەك، ئەگەر ئۇلار بۇ لايىھەنى ياخشى كۆرمىسە، بۇنىڭدىن ياخشى پىلاننى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ.
ھىلارى بىلەن كىلىنتون خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قول تۇتۇشۇپ قاتناشتى. بۇندىن بىر كۈن بۇرۇن، بۇ سابىق 1-خانىم كىچىك تاش شەھىرىگە جايلاشقان پىرزىدېنت كىلىنتون كىتابخانىسىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئوراقىنى ئېتىپ تاشلاش بىزنى تېخىمۇ بىخەتەر قىلدى دېدى. ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 30-سىنتەبىر يەمەنگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، بازا تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىقات مۇتەخەسسىسى ئوراقىنى پارتلىتىۋەتتى. ھىلارى مۇنداق دېدى: بىن لادىن ۋە بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئېتىپ تاشلانغان ياكى قولغا ئېلىنغان باشقا تېررورچىلار كاتتىبىشىغا ئوخشاش، ئوراقىمۇ ئەمدى ئامېرىكىغا تەھدىت سالالمايدۇ. لېكىن مۇشۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، تەھدىت يەنىلا مەۋجۇت، بازا تەشكىلاتىنىڭ يەنىلا تېررورلۇق ھەرىكىتىنى پىلانلاش ۋە يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى بار، بىز چوقۇم ھوشيارلىقىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. كىلىنتون ئەر-خوتۇننىڭ بىللە ياردەمگە چىقىشى، ئومابانىڭ سايلامغا قاتنىشىپ ئۇدا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتا يولۇققان قىيىنچىلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ بەردى، يەنى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ئۇنىڭغا قاتتىق پۇتلا كاشاڭ بولماقتا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نەتىجىسى بىلەن دىپلوماتىيەدە قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرلەشلەر ئۇنىڭ قايتا ئاق سارايغا كىرىشگە كۆپ ياردەم بىرەلمەيدۇ. ئومابا 2008-يىلى 11-ئايدا پىرزىدېنت سايلىمىدا غەلىبە قازانغاندا، نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار ۋەزىپە ئۆتەش ۋاقتى توشماي تۇرۇپ پىرزىدېنتلىققا سايلانغان بۇ پارلامىنت ئەزاسىنىڭ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىنى ياخشى ئورۇندىشىغا گۇمان بىلەن قارىغان ئىدى. لېكىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، بىن لادىننى ئېتىپ تاشلاش، لىۋىيەنى بومباردىمان قىلىش، ئافغانىستان ۋە ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش، رۇسىيە بىلەن يادرو ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش كىلىشىمى تۈزۈش قاتارلىقلار ئۇنىڭغا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا نۇرغۇن ئالقىش ئېلىپ كەلدى. ئەمما، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاستا بولۇش، ئىشسىزلىق نىسبىتى ئىزچىل يۇقىرى بولۇش، پۇل-مۇئامىلە بازىرىدىكى داۋالغۇشلار كىلەر يىلى 11-ئايدا ئۆتكۈزىلىدىغان سايلامدا كۆپىنچى بىلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ ئومابانىڭ دىپلوماتىيە ياكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نەتىجىسىگە ئەمەس بەلكى ئىقتىسادقا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بىلەن GFKشىركىتىنىڭ 8-ئايدا بىرلىشىپ ئىلىپ بارغان ئەل رايىنى سىناش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، %60 ئامېرىكىلىق ئومابانىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلغان، ئەمما پىرزىدېنتنىڭ ئىقتىساد مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىپادىسىنى ئېتىراپ قىلغانلار پەقەت %36 بولۇپ، بۇ ئومابا تەختكە چىققاندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نەتىجە ئىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، كىلىنتوننىڭ ئومابانىڭ ئىقتىسادى سىياسىتىنى ئاقلىشىنى ئۇنىڭغا بېرىلگەن بىر ئاگاھلاندۇرۇش دەپمۇ قاراشقا بولىدۇ. چۈنكى 1992-يىلىدىكى پىرزىدېنت سايلىمىدا چوڭ بوش پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدا غەلىبە قازانغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ياش سىياسىيون كىلىنتونغا ئۇتتۇرۇپ قويغان ئىدى، چۈنكى ئۇ چاغلاردا ئىقتىساد چېكىنگەن ئىدى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/10/7 11:20:00 ئۇقۇلۇشى: 100 قېتىم] |
|