«شىر پادىشاھ 3D» نىڭ بېلىتى باس-باستا قالدى |

«شىر پادىشاھ 3D» نىڭ ئېلان رەسىمى
تېڭشۈن تاماشا خەۋىرى: دېسنىي ئەسلىدە «شىر پادىشاھ 3D» نى كىنوخانىدا پەقەت ئىككى ھەپتىلا قويۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئەمما 1994-يىلىدىكى بۇ كىنونىڭ قايتا قويۇلغاندىن كېيىنمۇ مۇنچىلىك قارشى ئېلىنىدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆرمىگەنىدى، بۇ كىنونىڭ بېلىتىنىڭ سېتىلىشى ئۇدا ئىككى ھەپتە چىمپىيونلۇق ئورنىدا تۇرۇپ كەلدى (ئىككى ھەپتىدە سېتىلغان بېلەت جەمئىي 61 مىليون 700 مىڭ ئامىرىكا دوللىرى بولغان). ھازىر ئۇلار بۇ كىنونىڭ كىنوخانىدا قويۇلۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى قارار قىلغان، بۇ كىنونىڭ 3Dكۆك نۇرلۇق پلاستىنكىسىمۇ 10-ئاينىڭ 4-كۈنى تارقىتىلىدۇ.
«شىر پادىشاھ 3D» ۋاقتىنچە كىنوخانىدا قويۇلۇشتىن توختىمايدۇ (ھېچ بولمىغاندا كەلگۈسى بىر-ئىككى ھەپتىگىچە)، ئەمما بەزى كىشىلەر دېسنىي بۇ فىلىمنى ئۈلگە قىلىپ، بۇ شېركەتنىڭ يەنە بىر كلاسسىك كارتون فىلىمى «گۈزەل قىز ۋە ياۋۇز يىرتقۇچ» 3Dنۇسخىسىنى كىنوخانىدا قويۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىدى دەپ پەرەز قىلدى. ئەمەلىيەتتە، «گۈزەل قىز ۋە ياۋۇز يىرتقۇچ» بىلەن «شىر پادىشاھ» نىڭ 3Dلاشتۇرۇش خىزمىتى بىرلا ۋاقىتتا دېگۈدەك ئېلىپ بېرىلغان، ئەمما كېيىن قانداق بولدىكىن، ئۇلار بۇ پىلاننى ئەمەلدىن قالدۇردى. ھازىر «گۈزەل قىز ۋە ياۋۇز يىرتقۇچ» نىڭ 3Dنۇسخىسى بىۋاستە ھالدا 10-ئايدا كۆك نۇرلۇق پلاستىنكا قىلىپ تارقىتىلماقچى.
«شىر پادىشاھ 3D» نىڭ مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن كلاسسىك فىلىملار قايتىدىن كىنوخانىدا قويىلىدۇ، مەسىلەن، كېلەر يىلى قويىلىدىغان «تىتانىك 3D»، لۇكاسنىڭ «پلانتلار ئۇرۇشى» قاتارلىقلار. ئەمما كەسىپ ئىچىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، بارلىق كىنولارنىڭ «شىر پادىشاھ 3D» دەك مۇۋاپىقىيەت قازىنىپ كېتىشى ناتايىن ئىكەن،. ھالقىلىق مەسىلە ئۇنىڭ كلاسسىك بولۇش-بولماسلىقى ۋە كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇش-ياقتۇرماسلىقىدا ئىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/9/30 15:20:23 ئۇقۇلۇشى: 145 قېتىم] |
|