كۇچادا سودا، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق ناھىيەنى جانلاندۇردى |


سۈرەتتە: ياپونىيەلىك ساياھەتچىلەر كۇچا ۋاڭ ئوردىسىغا كىرمەكتە
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-سېنتەبىر كۇچا خەۋىرى(ئىختىيارى مۇخبىرىمىز نىياز راخمان):
كۇچا ناھىيەسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان «سودا، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق ناھىيەنى جانلاندۇرۇش» ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قۇيۇپ، «چوڭ ساياھەتچىلىك، چوڭ بازار، چوڭ كەسىپ» تەپەككۇر پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۈسەن مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر مەدەنىيەت زاپىسى ۋە مول تەبىئىي مەنزىرىلىرىگە تايىنىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىرتقا قارىتا تەشۋىقات قىلىش، ساياھەتچىلىكنى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈگەنلىكتىن،بۇ يىل سېنتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ساياھەتچىلىكتىن قىلىنغان كىرىم 285 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.3 ئېشىپ، ياخشى سەۋىيە يارىتىلدى. مەنبە: www.uycnr.com
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/9/29 13:30:58 ئۇقۇلۇشى: 79 قېتىم] |
|