قاناس مەنزىرىلىك رايونى بۇ يىلقى تۇنجى قارنى كۈتىۋالدى |
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 27-سىنتەبىر قاناستىن يوللىغان تېلگىراممىسى:
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ئالتاي ۋىلايىتىدىكى قاناس مەنزىرىلىك رايونى بۇ يىلقى تۇنجى قارنى كۈرتىۋالدى.27-سىنتەبىر قاناس مەنزىرىلىقك رايونىدا قار يېغىپ، ھەممە ياق كۈمۈش رەڭگە كىرگەن بولۇپ، ناھايىتى چىرايلىق قار-مۇزلۇق مەنزىرە پەيدا بوغلان ئىدى. بۇ قار بۇ يەردىكى ساياھەتچىلەر ۋە فوتوگىرافلارغا كۈز ئايلىرىدىكى كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق ئاتا قىلدى.
قاناس مەنزىرىلىك رايونىدىكى چارۋىچى نۇرلاننىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە، قاناس مەنزىرلىك رايونىدا، ئادەتتە 10-ئاي كىرگەندىن كېيىن ئاندىن قار ياغىدىكەن. بۇ ەيردىكى چارۋىچىلارمۇ 10-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاندىن قىشلىق ئۆيىگە كىرىدىكەن. بۇ يىل قار بالدۇر ياغقاچقا، چارۋىچىلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن قىشلىق تەييارلىققا كىرىشىپ كىتىپتۇ.




[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/9/28 16:14:12 ئۇقۇلۇشى: 59 قېتىم] |
|