نىمار مادرىدقا بارسا رونالدو بىلەن ئورۇن تالىشىدۇ |
بىر كۈن بۇرۇن ماكا ئاخباراتى مادىرد كۇلۇبى بىلەن سانتوس كۇلۇبى نىمارنىڭ يۆتكىلىش مەسىلىسى توغرىسىدا بىردەكلىككە كەلدى،نىمار 2012-يىلى لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىن كېيىن 60 مىليون ياۋرو باھا بىلەن مادىرد يۆتكىلىدۇ، لېكىن بۇنىڭغا بارسېلونا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئانچە قايىل بولمىدى،قانداقلا بولمىسۇن نىمار بارسېلونا سېتىۋالماقچى بولغان توپچى،كۈندىلىك تەنتەربىيە ئاخباراتى نىمارنىڭ بوناۋوغا بېرىشى مادىرد ھەمدە مادرىدنىڭ توپچىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئانچە ياخشى ئىش ئەمەس دەپ قارىدى. كۈندىلىك تەنتەربىيە ئاخباراتنىڭ دېيىشىچە نىمار مادرىدقا بارغاندىن كېيىن بوناۋودا ئىككى چولپاننىڭ ئۆز ئارا ئورۇن تالىشىشى بولۇپ قالىدۇ، ئىككى يىل بۇرۇن كاكا بىلەن رونالدو ئۆزئارا تالاشقان ئىدى، نىمار كەلگەندىن كېيىن نىمار بىلەن رونالدونىڭ تالىشىشى بولۇپ قالىدۇ، بۇ فولودىننو ئۈچۈن بىر قىيىن مەسىلە. كۈندىلىك تەنتەربىيە ئاخباراتى بولسا بارسېلونا ئۈچۈن سۆزلەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مادىرد ئۈچۈن ياخشى گەپ قىلمايدۇ،بۈگۈنكى كۈندە ھېچكىم رونالدونىڭ بوناۋۇدىكى زوراۋانلىقىنى ئىنكار قېلىشقا ئامالسىز ،پورتۇگالىيىلىكلەر ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشى رونالدونى تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشۇردى، شۇڭا نىمار مادرىدقا بارغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىشى ئانچە ياخشى بولمايدۇ،بولۇپمۇ پورتۇگاللار بىلەن ئالاقە قىلغان ناھايىتى ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/9/21 11:26:55 ئۇقۇلۇشى: 115 قېتىم] |
|