
ماتېرىيال سۈرەت: 2009-يىلىدىكى ئىران زۇڭتۇڭ سايلىمىدا يۈز بەرگەن توپىلاڭ
19-سېنتەبىر، ئىران ئەدىلىيە تارماقلىرىنىڭ 19-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتى (BBC) پارس تىلى قانىلىدا خىزمەت قىلىدىغان ئالتە ئىرانلىق ياللانما خادىمىنى قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانىسى تورىنىڭ 19-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، BBC ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بۇ ئالتە نەپەر ئىرانلىق ياللانما خادىم(بىرى ئايال) ئىراننىڭ ئوبرازىغا تەسىر قىلىدىغان مۇناسىۋەتلىك سۈرەت ۋە ۋىدىيولارنى تارقاتقان دەپ قولغا ئېلىنغان .
خەۋەردە BBCنىڭ ئىراندىكى ‹‹يەر ئاستى›› خادىملىرى كۆپ مىقداردىكى ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېرىشكەن دېيىلگەن. لېكىن، بۇ ئالتە ئادەم توغرىسىدا تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىلمىگەن.
2009-يىلىدىكى ئىران زۇڭتۇڭ سايلىمىدا توپىلاڭدىن يۈز بەرگەن كېيىن، ئىران BBCنىڭ خەۋەرلىرى ئىراندا قالايمىقانچىلىق چىقارماقچى بولغان دەپ ئەيىپلىگەن. شۇ سەۋەپتىن ئىران BBCنىڭ ئىراندا مۇخبىرلار پونكىتى تەسىس قىلىشىنى ۋە ئىرانلىقلارنىڭ BBC ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىنى چەكلىگەن.