شىنخۇا ئاگنېتلىقى بېيجىڭ 15-سېنتەبىر تېلېگراممىسى : ئازاتلىق ئارمىيە باش ئىشتابى ، باش سىياسىي بۆلۈمى ، باش ئارقا سەپ بۆلۈمى يېقىندا «ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئەسكەرلەر ئىچىدىن ئوفىتسېر تاللاشتىكى ۋاقىتلىق چارە » نى (تۆۋەندە ۋاقىتلىق چارە دەپ ئېلىنىدۇ) بىرلىشىپ بېسىپ تارقاتتى . باش سىياسىي بۆلۈم 2011-يىلدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئەسكەرلەرنى كادىرلىققا ئۆستۈرۈش ۋە مۇنەۋۋەر ئەسكەرلەرنى ئوقۇشقا ئەۋەتىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى .
2009-يىلى ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى ۋە رەئىس خۇ جىنتاۋ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى كەڭ كۆلەمدە قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم قارارنى چىقىرىپ ، دۆلىتىمىز ئەسكەرلىرىنىڭ ساپاسىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى . بۇ «ۋاقىتلىق چارە»، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئەسكەرلەر ئىچىدىن ئوفىتسېر تاللايدىغان ئەسلىدىكى سىياسەت ئاساسىدا تەڭشىلىپ ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ شەكىللەنگەن .
«ۋاقىتلىق چارە» دە مۇنداق دەپ ئېنىق بېكىتىلگەن : ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئەسكەرلەر، ئارمىيەنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتە (ئاسپىرانت تەربىيەلەيدىغان ئورۇننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش تۈزۈمىدە ئوقۇپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلاردىن قوبۇل قىلغان ئەسكەرلەنى كۆرسىتىدۇ ؛ ئوفىتسېر تاللاش ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئەسكەرنى كادىرلىققا ئۆستۈرۈش ، ھەربىي مەكتەپلىرىگە ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتىگە ئىگە قىلىش ۋە ئوقۇشقا ئەۋەتىشنى كۆرسىتىدۇ .
ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم 4000 غا يېقىن ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئەسكەرنى كادىرلىققا ئۆستۈرۈشنى ، بۇنىڭدىن سىرىت يەنە 400 نەپەر مۇنەۋۋەر ئەسكەرنى ئوقۇشقا ئەۋەتىشنى پىلانلىغان .