ئونىئېل خوۋاردنى زاڭلىق قىلدى |
شەكشۈبىسىزكى خوۋارد ھازىرقى ئامېرىكا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق ئوتتۇرا ھۇجۇمچى،لېكىن ئونىئېلنىڭ نەزىرىدە خوۋاردنىڭ قىلىدىغان ئىشى تېخى كۆپ ئىدى. ئونىئېل يېقىندا بىر تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى:"خوۋاردنىڭ ئانىسى بىلەن مىنىڭ ئانام ئىنتايىن يېقىن دوستلاردىن،بۇنىڭىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى خوۋارد بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق زدىيەت بولغان ئەمەس .مىنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ،ئەگەر سىز .ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز خاسىيەتلىك ئادەم قارىسىڭىز،سىزنىڭ چوقۇم باشقىلاردىن مۇتلەق ئۈستۈن تۇرىدىغان نەتىجىڭىز بولۇشى لازىم. ئەگەر ئۇنىڭ خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ كىيىمىنى كىيىپ گارغا بېسىپ سېلىش مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولغىنى ئۈچنىلا ئۇنى خاسىيەتلىك ئادەم دەپ ئاتىسا مىنىڭ باشقا پىكرىم يوق ،لېكىن مىنىڭ ئۆزۋاقتىدا خاسىيەتلىك ئادەم دەپ ئاتىلىشىمدا باشقا نۇرغۇن سەۋەبلەرمۇ بار ئىدى.مەن ئۇنىڭغا ھەسەت قىلمايمەن .ئۇ بىر ئىنتايىن تالانتلىق ياش تەنھەرىكەتچى.لېكىن مەن ئۇنىڭ بىرلەشمىدىكى ھېچقايسى بىر ئوتتۇرا ھۇجۇمچىنى بويسۇندۇرغانلىقىنى كۆرمىدىم.شۇڭا ئۇنى ھازىر خاسىيەتلىك ئادەم دەپ ئاتاشقا تېخى بالدۇرلۇق قىلىدۇ."دەپ سۆز قىلدى.
مەنبە: sports.sohu.com
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/9/14 14:02:51 ئۇقۇلۇشى: 527 قېتىم] |
|