ئالتۇن سول قول مۇسابىقىسىدە سېلبېيغا ئۇتتۇرۇپ قويدى |
«مەن بالا ۋاقتىمدىن تارتىپلا دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق سىنوك ماھىرى بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم، چۈنكى نۇرغۇنلىغان كىشلەر بۇ ئورۇنغا ئېرىشىشىنى خالايدۇ»، بۇ بولسا سېلبېينىڭ مۇسابىقىدىن كېيىنكى موخبىرغا دېگەن سۆزى. بۈگۈن سەھەر 2011-يىللىق شاڭخەي سىنوك پىرلىرى ھەل قىلغۇچ جېڭىدە، «ئالتۇن سول قول» ۋىليامىس بىلەن سېلبېي كەسكىن ئېلىشتى. ئەڭ ئاخىرىدا سېلبىي 10غا قارشى 9 بولۇشتەك نەتىجە بىلەن چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. چېمىپىيونلۇققا ئېرىشىپ، سېلبېي مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ۋىليامىستىن ئېشىپ چۈشۈپ 1-ئورۇنغا ئۆتتى. بۇ نۆۋەتلىك دەرىجىگە ئايرىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن سېلبېي يەنە 65 مىڭ فوندېستىرلىڭغا ئېرىشتى.
مۇسابىقە جەريانىدا ئىككى ماھىرنىڭ رېپېر ھۆكۈمىگە قايىل بولماي، نارازىلىق سۆزلىرى بىلەن كەيپىياتنى جىددىيلەشتۈرۈشتەك ئەھۋاللار يۈز بەردى، بىراق نېمىلا بولمىسۇن ئاخىرقى نەتىجە سېلبېيغا تەۋە بولدى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/9/13 11:27:07 ئۇقۇلۇشى: 491 قېتىم] |
|