جاڭ جىيې بىلەن شىيې نانىڭ توي مۇراسىم تەپسىلاتى ئاشكارلىنىپ كەتتى |
جاڭ جىيې بىلەن شىيې نا (ماتىرىيال رەسىم )
9-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋەر : 7-ئاي مەزگىلىدە شېيى نا مىكرو بىلوگىدا توي خەۋرىنى ئاشكارلىدى ،ئۇنىڭدىن كىيىن جاڭجىيې خۇەددى بىر خىزمەت مەستانىسىدەك توختىماستىن يىڭى پىلاستىنكىسىنى ئۈنگە ئېلىش ،ناخشا كىچىلىكى ئۆتكۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ ،بارلىق ئىشلارنى شىيې نا غا تاشلاپ قويغاندەكلا قىلاتتى ..
تۈنۈگۈن" كۈنسىرى يۇقىرى ئۆرلەيلى "پىروگراممسىنى سۈرەتكە ئېلىش نەق مەيدانىدا "ماڭگو پۇتپول كوماندىسى"دىكى دوستى ۋاڭ خەن ئىھتىياتسىزلىقتىن دوستىنىڭ توي مۇراسىمى تەپسىلاتىنى ئاشكارلىۋەتتى .ئۇنىڭ دىيىشىچە جاڭ جىيى شىياڭ گې لى لا دا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ،شىيې نا نىڭمۇ يىڭى كىلىن تەييارلىقى بىلەن ئالدىراشلىقىنى دىدى .. بۇنىڭدىن ئىلگىرى جاڭ جىي مۇ مەلۇم بىر پىروگراممىغا قاتناشقاندا ئاشكارلاپ ،شىيى نانى پەرىشتىلەردەك ياسايمەن ،ئۇنىڭغا ناھايتى سىرلىق بىر سوۋغا تەييارلىدىم ،ۋاقتى كەلگەندە مەن مەخسۇس ئايروپىلان تەييارلاپ دوسلىرىمنىڭ ھەممىسىنى توي مۇراسىمىمغا ئاپىرىمەن دىگەن ....
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/9/8 16:27:41 ئۇقۇلۇشى: 842 قېتىم] |
|