ئاسيا-ياۋروپا يەرمەنكىسىنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ھەر قايسى كارخانىلار بالدۇرلا تەرجىمە شىركەتلىرى بىلەن ئالدىن تەرجىمان ئۇقۇشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەرەب تىلى، كورىيە تىلى، ياپون تىلى قاتارلىق تىللارنىڭ تەرجىمىچىلىكى قىزىپ كەتتى.
مۇخبىرنىڭ ئاسيا-ياۋروپا يەرمەنكىسى تەشكىلىي ھەيئىتىدىن ئىگىلىشىچە، يەرمەنكە مەزگىلىدە چەت ئەل تىلى بىلىدىغان پىدائىيلار ۋاقىتلىق تەرجىمانلىققا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، بىراق يەرمەنكە مەزگىلىدىكى تەرجىمە خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقالمايدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، تەرجىمانلىرى يوق بەزى كارخانىلار نەچچە ھەپتە بۇرۇنلا تەرجىمە شىركەتلىرى بىلەن ئالدىن تەرجىمان ئۇقۇشۇپ قويغا
شىنجاڭ «شىندايا» تەرجىمە شىركىتى خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئەرەب تىلى، كورىيە تىلى، ياپون تىلى قاتارلىق بىر قىسىم تىل تەرجىمانلىرىنىڭ كۈنلۈك ئىش ھەققى 1200 يۈەن قىلىپ بېكىتىلگەن، ئىسپان تىلى، ئىتالىيە تىلى قاتارلىق ئىلگىرى ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە ئاز ئۇچرايدىغان تىل تەرجىمانلىرىنىڭ كۈنلۈك ئىش ھەققىمۇ ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 1800 يۈەن قىلىپ بېكىتىلگەن.
ئىگىلىنىشىچە،بۇ يىللىق ئاسىيا-ياۋرۇپا يەرمەنكىسىدە تەرجىمە خىزمىتى دېھقانچىلىق،ئېنېرگىيە بايلىقى،پەن-تېخنىكا،ئاخبارات زىيارەت ئۆمەكلىرىنىڭ ئالاقىسى قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان بولۇپ،تەرجىمانلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ يۇقىرى بولىدىكەن.گەرچە بۇ يىل كىچىك تىل تەرجىمانلىرىغا بولغان تەلەپ ئاشقان بولسىمۇ،ئەمما رۇس تىلى ۋە ئىنگلىز تىلىغا بولغان تەلەپ يەنىلا 60 پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتكەن.نۆۋەتتە رۇس تىلى ۋە ئىنگلىز تىلى تەرجىمانلىرىنىڭ دەسلەپكى باھاسى 600 يۈەن ئەتراپىدا بولغان.