جۇڭگودىكى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ iPhone5 نىڭ شەكلى توغرىسىدىكى ھەرخىل قىياسلىرىغا ئاساسەن،ئالما مەھسۇلاتلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان خەۋەر ۋە سۆز-چۆچەك تارقىتىدىغان Macrumors مەلۇم بىر لاھىيلەش شىركىتىگە ھاۋالە قىلىپ iPhone5 نىڭ شەكلى ھەققىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىلىپ بارغان.ئەلۋەتتە بۇ iPhone5 نىڭ شەكلى بىلەن پەرقلىنىدۇ،لىكىن بۇ ئالمىنىڭ بىر ئىش قىلىشقا تەييارلىق قىلسا ئەھمىيەتلىك بىر ئىش قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. Macrumors ھەتتا iPhone5 نىڭ ئىلگىرىكى لاھىيە رەسىملىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. ئۇلار CiccareseDesign لاھىەيلەش شىركىتىنى تەكلىپ قىلىپ 3D مودىلى ۋە يۇقىرى ئىنىقلىقتىكى شەكىلگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق،مۇمكىنقەدەر iPhone5 نىڭ سىرتقى شەكلىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.
ھىسابلاب چىقىرىلغان iPhone5 نىڭ سىرتقى شەكىل ئۆلچىمى: ئۇزۇنلۇقى 4.33 ئىنگىلىز سۇڭ (11سانتىمېتىر) كەڭلىكى 2.36 ئىنگىلىز سۇڭ ( 6 سانتىمېتىر) قېلىنقى 0.7سانتىمىتېر بولۇپ 4iPhone نىڭ ئۇزۇنلۇقى 4.5 ئىنگىلىز سۇڭ (11.4سانتىمېتىر) كەڭلىكى 2.31 ئىنگىلىز سۇڭ ( 5.9 سانتىمېتىر) قېلىنقى 0.9سانتىمىتېرغا قارىغاندا ئازراق قىسقا،سەل كەڭ ۋە تېخىمۇ نىپىز ئىكەن.
ئەگەر بىز ئىرىشكەن ئۇچۇرلار توغرا بولسا iPhone5 نىڭ سىرتقى شەكلى تۆۋەندىكىدەك.

قالغىنىنى بۇيىل 10-سىنتەبىر رەسمى بازارغا سېلىنغاندا كۆرىمىز.