QQ يۈز تۇرانە خەۋەرلىشىش ئېقىمىنىڭ قانچە پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ . |
Allot خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئېقىم مىقدارى باشقۇرۇش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە،2011-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق پۈتۈن دۇنيانىڭ كەڭ بەلۋاغ كۆچمە سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %77كە يەتكەن بولۇپ،%32 كۆچمە ئالاقە شىركەتلىرى مۇۋاپىق ھالدىكى ھەق ئىلىش شەكلىنى قوللانغان. كۆرۈنمە چاستوتا ئېقىمىنىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ بولۇپ،%39نى ئىگىلىگەن،YouTubeتورى پۈتۈن دۇنيا كەڭ بەلۋاغ كۆچمە سانلىق مەلۇماتىنىڭ %22 تىنى،كۆرۈنمە چاستوتا ئېقىم مىقدارىنىڭ %52تىنى ئىگىلىگەن بولۇپ،پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ مودا كۆرۈنمە چاستوتا تورى بولۇپ قالغان. ئاۋازلىق ئۇزىتىش (VoIP)ۋە يۈز تۇرانە خەۋەرلىشىش (IM)نىڭ ئېشىش نىسبىتى ئەڭ تىز بولۇپ،%101كە يەتكەن.QQيۈز تۇرانە خەۋەرلىشىش ئېقىم مىقدارىدا % 18 نى،%Yahoo Messenger 29 نى،Windows Live% 25 نى ،Google Talk% 12 نى،ICQ% 4نى ئىگىلىگەن.Skypeئاۋازلىق ئۇزىتىش جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلىگەن. Facebook ۋە Twitter نىڭ ئېشىش نىسبىتى %166 ۋە %297 بولۇپ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى قوللىنىشىدىكى ئالدىنقى ئورۇننى ساقلاپ كەلگەن. 2011-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئالمىنىڭ App Store چۈشۈرۈش ئېقىم مىقدارىنىڭ %84نى ئىگىلىگەن بولۇپ گەرچە گۇگېل Android Marketنىڭ ئالدىنقى 6 ئايدىكى ئېشىش نىسبىتى %196كە يەتكەن بولسىمۇ لېكىن چۈشۈرۈش ئېقىم مىقدارىنىڭ %13تىنىلا ئىگىلىگەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/8/10 13:31:14 ئۇقۇلۇشى: 178 قېتىم] |
|