7-ئايدىكى ئامېرىكىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى |
ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 7-ئايدا ئامېرىكىدىكى يېزا-ئىگىلىكىدىن سىرتقى تارماقلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.1 پوئىنت تۆۋەنلەپ، %9.1 كە چۈشكەن. بۇندىن ئىلگىرى، ئامېرىكىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى ئۇدا ئۈچ ئاي ئۆرلىگەن بولۇپ، 4-ئايدىكى %9 تىن 6-ئايدىكى %9.2 كە ئۆرلىگەنىدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 7-ئايدا ئامېرىكا يېڭىدىن جەمئىي 117 مىڭ ئىش ئورنى كۆپەيتكەن. خۇسۇسىي تىجارەت ئورنىدا 154 مىڭ ئىش ئورنى كۆپەيتىلگەن بولۇپ، بازار مۆلچەردىن ئېشىپ كەتكەن. 7-ئايدا ئامېرىكىنىڭ باسمىچىلىق، داۋالاش، پارچە سېتىش قاتارلىق كەسىپلىرى خادىم كۆپەيتكەن، بىراق ھەرقايسى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى 37 مىڭ ئىش ئورنىنى قىسقارتقان.
مەنبە: business.sohu.com
2011-08-06 12:21
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/8/6 12:52:03 ئۇقۇلۇشى: 165 قېتىم] |
|