مىسسى ياۋروپا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالاندى |

تېڭشۈن تورى خەۋىرى: 8-ئاينىڭ26-كۈنى ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى موناكودا گۇرۇپپىغا ئايرىش پائالىيتىنى ئىلىپ باردى،گۇرۇپپىغا ئايرىش تۈگىگەندىن كىيىن ياۋرۇپا پۇتبول ئەپەندىسىنى تاللاش پائالىيتى ئۈتكۈزۈلدى.بۇ قىتىملىق پائالىيەتتىكى ئاساسلىق ئىش ياۋرۇپا پۇتبول ئەپەندىسىنىڭ كىم بۇلۇپ چىقىشى مەسىلىسى بۇلغاچ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. شۇنداق قىلىپ جىددى بىلەت تاشلاش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئارگىنتىنالىق داڭلىق پۇتبول چولپىنى مېسسى 38بىلەتلىك مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن بۇ قىتىملىق ياۋرۇپا پۇتبول ئەپەندىسى بۇلۇپ باھالاندى. ئۇنىڭدىن كىيىن تۇرىدىغانلار بولسا خاۋى 11بىلەت،س رونالدو 3بىلەت بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككىنچى،ئۈچۈنچى بولدى. ھازىرقى پۇتبول ساھەسىدىكى داڭلىق چولپان بولۇشتەك ئورنى بىلەن مېسسى ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە ياخشى ئويناپ55مەيدان مەيدانغا چىقىپ53توپ كىرگۈزۈپ،24قىتىم ھۇجۇمغا ياردەمچى پاس بېرىپ،كۇلۇبىنىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونلىقىنى،ياۋرۇپا ئۇزغۇنلار لوڭقىسىنى،دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى ئىلىشتەك ئىشلىرغا زور تۆھپە قۇشتى. گەرچە مىسسىنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى ئىپادىسى ياخشى بولمىسىمۇ لېكىن كۇلۇبتىكى ئىپادىسى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-26 18:57:56 ئۇقۇلۇشى: 183 قېتىم] |
|