ئامېرىكا بىرىنچى خانىمى مىچىل ئوباما ئىسراپخور دەپ تەنقىدلەندى |
جوڭشىن تورى 26-ئاۋغۇست تېلىگراممىسى، ئامېرىكا پرىزدېنتى باراك ئوباما يېقىندا ئائىلىسىكىلەر بىلەن ئايرىم ھالدا ئىككى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، ئاۋال مارزا ئۈزۈم ئارىلىغا ساياھەتكە بارغان، بۇ قېتىملىق ساياھەت نۇرغۇن نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى پەيدا قىلغان. شىياڭگاڭ «ۋېنخۇي گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 26-چېسلادىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يېقىندا، يەنە بىر قىسىم ئاخبارات ۋاستىلىرى ئەسلىدە ئىجابى ئوبرازنىڭ رولىنى ئېلىۋاتقان ئامېرىكا بىرىنچى خانىمى مىشىل ئوبامانىڭ، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە سەرپ قىلغان ئومۇمىي ساياھەت چىقىمى 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن، ئىشىنىمىزكى، بۇ ئىقتىسادى كىرزىسقا پاتقان ئامېرىكىلىقلارنىڭ چوقۇم غەزىۋىنى قوزغايدۇ.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىم ئوباما ئائىلىسىدىكىلەر جەمئىي 9 كۈنلۈك ساياھەتكە چىققاندىمۇ، يەنە خېلى زور چىقىم كەتكەن. ئىجارە ئېلىپ تۇرغان ھويلىنىڭ ھەر ھەپتىلىكىمۇ تەخمىنەن 50 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى خەجلەنگەن، بۇنىڭدىن سىرت، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئايرىم ئايرىم ئىككى ئايروپىلاندا مەنزىلگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئەندىن مەخسۇس ماشىنا بىلەن بىر يەرگە يۆتكەپ ئېلىپ بېرىلغان.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، مىشىل ئوباما ئۆتكەن يىلى 42 كۈن ساياھەت قىلىپ، 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق ئومۇمنىڭ پۇلىنى تۈگەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە قىممىتى 375 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىسپانىيە سەپىرىمۇ بار. گەرچە مىشىل دوستى بىلەن ئۆزىنىڭ بارلىق چىقىملىرىنى ئۆزى تۆلىسىمۇ، ئەمما بۇ 68 نەپەر قوغدىغۇچى، شەخسى ياردەمچى ۋە پرىزدېنت مەخسۇس ئايروپىلانىنىڭ چىقىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن. يەنە بىر قىسىم خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، مىشىل ساياھەتكە چىققاندا، قىممەت ھاراقلارنى ئىستېمال قىلىشنى ياخشى كۆرىدىكەن، شۇنداقلا «نەرسە سېتىۋېلىش خۇمارى» بار ئىكەن، بۇ ئوبامانىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان بىر ئىش ئىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-27 13:40:39 ئۇقۇلۇشى: 1245 قېتىم] |
|