شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى |
كۆرگەزمىنىڭ يۇپۇقى ئېچىلدى
شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىلار ۋەكىللىرىدىن يۈەن خۇڭبىن ، ياڭ لى ، لايىھىلىگۈچىلەرنىڭ ۋەكىلى خۇاڭ خەيتاۋ ، مەيدان-ساراي مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرى ۋەكىلى لى رېن قاتارلىقلار شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى . بۇ شىنجاڭدىكى ئالدىنقى سەپتە خىزمەت قىلىدىغان ئەمگەكچىلەرنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆز قولى بىلەن يوپۇق ئېچىشى ھېسابلىنىدۇ .
شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاساسلىق مەيدان . ئۇ ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ، ئىقتىدارى ئەڭ مۇكەممەل بولغان ئۇنىۋېرساللىققا ، زامانىۋىلىققا ئىگە كۆرگەزمە رايونى بولۇپ ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 350 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ . 1-قارارلىق قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 112 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ ، 1 مىليارد 192 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان . كۆرگەزمە مەركىزىدە جەمئىي ئالتە ئاساسلىق كۆرگەزمە زالى بار بولۇپ ، 8000 كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلغىلى بولىدۇ . نۆۋەتتە ، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە 3802 كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىنغان بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە زال ئىچى كۆرگەزمە ئورنىدىن 2293 ى ، زال سىرتى كۆرگەزمە ئورنىدىن 1509 ى بار . نۆۋەتتە ، بۇ كۆرگەزمە مەركىزى مەملىكىتىمىزدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ كۆرگەزمە مەركىزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، ئۈرۈمچى -سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خۇ ۋېي قاتارلىقلار كۆرگەزمە مەركىزىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى .

شىنجاڭ خەلقارا كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش
‹‹ ھازىر مەن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى جاكارلايمەن ! ››17-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، ئۈرۈمچى-سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇننىڭ جاكارلىشى بىلەن ،18 ئاي قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلغان شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى .1-سېنتەبىردىن 5-سېنتەبىرگىچە تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹ جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى›› بۇ يەردە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ .

جۇ خەيلۇن ، خۇ ۋېي قاتارلىق رەھبەرلەر ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونومرايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خۇ ۋېي ھەمدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك نازارەت ، ئىدارىلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى .

[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-18 16:34:20 ئۇقۇلۇشى: 217 قېتىم] |
|