ئامېرىكا شېركەتلىرنىڭ خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرگە قويغان ئېقتىسادى تەلىپى ۋە ئېقتىدارى |
ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرگە قويغان ئىقتىسادى تەلىپى ۋە ئىقتىدارى ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرى:بۈگۈنكى كۈندە بىز خىزمەت ئىزدەش ئۈچۈن تور ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق پىكىرلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىمىز. Ben kirshner بولسا نيويۇرك ELITE SEM شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى،ئۇ بۇ شىركەتنى 2004-يىلى قۇرۇپ چىققان ،ھازىر قول ئاستىدا 25خىزمەتچى بار.نۇرغۇن ئامېرىكا شىركەتلىرى ئادەتتە يۇقىرى مائاش بىلەن خىزمەتچى تەكلىپ قىلىدۇ،لېكىن Ben kirshner نىڭ دېيىشىچە بۇنداق قىلىش بەك ئارتۇقچە ئىكەن.ئۇ ئادەتتە ھەر بىر خىزمەتچىگە بەرگەن مائاش يىلىغا 15مىڭ دوللارغا يېتىدىكەن.ئۇ تورغا ئېلان بېرىش ياكى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق خىزمەتچى تەكلىپ قىلىپ يىلىغا نۇرغۇن پۇل ئىقتىساد قىلىدىكەن،ۋە بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق تاپقان خىزمەتچىنى ئۇزۇن مەزگىللەرگىچە ئىشلىتىدىكەن. ئۇ يېقىندا تورغا خىزمەتچى ئېلىش ئېلانى چىقىرىپتۇ،ئۇنىڭ دېيىشىچە تۆت سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 150 دىن ئارتۇق ئادەم خىزمەت ئىزدەپ ئۇچۇر يوللاپتۇ.ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇنىڭ شىركىتى ئەزەلدىن توردىن ئاقتۇرۇش ئارقىلىق خىزمەتچى قوبۇل قىلمايدىكەن .ئۇنىڭ شىركىتى ئادەتتە تورغا ئۇچۇر يوللاش ئارقىلىق خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىكەن.بۇ ئارقىلىق ئۇ خىزمەت ئىزدىگۈچىلەردىن ئۆزنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى شىركەتكە يوللاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىكەن.ھەمدە يۈز تۇرانە ئىمتىھانىدا ھەرگىز ھەممە كىشىلەر ئۈچۈن ئورتاق بولغان سوئاللارنى سورىمايدىكەن،چۈنكى خىزمەت ئىزدىگۈچى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئاللىقاچان شىركەت ئۇچۇر تورغا ئەۋەتىپ بولغان بولىدىكەن. Leslie Stevenson بولسا ۋېرگېنىيە شتاتى لىشىمەن ئۇنىۋېرسىتېتى خىزمەت ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئەمەلدارى.ئۇنىڭ ياش خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرگە كۆرسىتىشىچە،ئاممىۋى خىزمەتلەر بىلەن شەخسى خىزمەتلەرنىڭ چەك-چېگرىسى ئاللىقاچان يوقىلىپ كېتىپتۇ.ئۇ يەنە “ئۆتكەن ئىككى يىل ئىچىدە ،خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر ئاممىۋى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى خىزمەت ئىزدەيدىغان يوشۇرۇن ئورۇن قىلماي بەلكى ،ئۇنى خىزمەت ئىزدەشكە ياردەم بېرىدىغان قورال قىلىۋاپتۇ” دەپ كۆرسەتتى. شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ،خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر چوقۇم ئۆزىنىڭ توردىكى ئوبرازىنى يارىتىشى كېرەك.Ben kirshner نىڭ دېيىشىچە،ئەڭ مۇھىم ئىش بولسا ئاممىۋى ئۇچۇر توردىكى كوللېكتىپ ۋە شەخسى ئۇچۇرلارنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. ئۇ تەكىتلەپ:“سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلسىز،چۈنكى توردىكى ھەر قانداق قىلغان ئىشىڭىز سىزنىڭ ئادىمىيلىك ۋە خىزمەت ئورنىدىكى ئوبرازىڭىز” دېدى.ئۇ “سىزنىڭ تېرىشىش تەجرىبىڭىز ۋە ماھارىتىڭىز سىزنى نۇرغۇنلىغان ياخشى خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ” دەپ قارايدىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە،نۇرغۇنلىغان تور مەنبەسى ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش، كىشىلەرنى نۇرغۇنلىغان ياخشى خىزمەت تەجرىبىسى بىلەن تەمىنلەيدىكەن،ھەتتا توردا نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن يۈزمۇ-يۈز ئولتۇرۇپ پىكىرلىشىش سىزنىڭ ئوبرازىڭىزنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. ئوبراز بولسا بىر تەرەپ،ئەمما سىزگە كېرەك بولىدىغىنى ماھارەت.خىزمەت مۇتەخەسسىسى Leslie Stevenson نىڭ كۆرسىتىشىچە،بۇ “يۇمشاق كۈچنى” ئۆز ئىچىگە ئالدىكەن. ئۇ تەكىتلەپ:“يۇمشاق كۈچ سىزنىڭ ھەر قانداق ئورۇندا ھەر قانداق ۋاقىتتا ئالاقە قىلىش ئىقتىدارىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.بۇ سىزنىڭ ئىپادىلىگەن ھەر قانداق نەرسىڭىز،مەسىلەن ،ئۇ سىزنىڭ ھەر قانداق گۇرۇپپا ۋە ياكى ھەر قانداق شەخس بىلەن ئالاقە قىلىش ئىقتىدارىڭىز، ” دېدى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-26 18:37:03 ئۇقۇلۇشى: 192 قېتىم] |
|