مەنبە: www.xjtsnews.com
2011-08-26 04:42
تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا -ياۋروپا يەرمەنكىسى 1 -سېنتەبىر شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە داغدۇغىلىق باشلىنىدۇ ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز 25 -ئاۋغۇست شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىگە بېرىپ ، يەرمەنكىگە ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدا زىيارەتتە بولدۇق .
17-ئاۋغۇست شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى رەسمىي ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان ، كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ ئىچى ، سىرتىنى بېزەش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ ، كۆرگەزمە زالىنىڭ ئەتراپىنى كۆكەرتىش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغان . يەرمەنكە مەركىزىنىڭ قارشى تەرىپىدىنىڭ كۆكەرتىش خىزمىتىمۇ ئاخىرلاشقان بولۇپ ، خىلمۇ خىل گۈللەردىن نۇرغۇنلىغان چىرايلىق شەكىللەر چىقىرىلغان . نۆۋەتتە، يەرمەنكە مەركىزىنىڭ سىرتىدىكى مەيداننى يورۇتۇش خىزمىتى جىددىي ئىشلىنىۋېتىپتۇ .

خىزمەتچى خادىملار شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ ئەتراپىدا گۈللەرنى سۇغارماقتا
ئۇنىڭدىن باشقا ، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا -ياۋروپا يەرمەنكىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن ، كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى كۈچەيتىلگەن . پارتىيە مەركىزىي كومىتېت ۋە گوۋۇيۈەن يەرمەنكە بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ، بىخەتەرلىك خىزمىتى رەھبەرلىك كىچىك گۇرۇپپىسى قۇرغان بولۇپ ، يەرمەنكىنىڭ بىخەتەر ، ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان .


خەلق ساقچىلىرى كۆرگەزمە مەركىزىگە كىرىۋاتقان خادىملارنى تەكشۈرمەكتە
يەرمەنكە مەزگىلىدىكى قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت 31 -ئاۋغۇستتىن 1 -سېنتەبىرگىچە پۈتۈن شەھەردىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ يول يۈرۈشىنى چەكلىگەن . ئۇنىڭدىن باشقا ، يەرمەنكە مەزگىلىدە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىگە بارىدىغان ئاپتوموبىللار قاتناش تارماقلىرى بەلگىلەپ بەرگەن جايغىچىلا يول يۈرەلەيدىغان بولۇپ ، يەرمەنكىگە كەلگەنلەر شۇ جايدا ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ ، شۇ يەردىكى باشقۇرۇش نۇقتىسى تەمىنلىگەن ئاممىۋىي ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ، ھەقسىز كۆرگەزمە مەركىزىگە بارىدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا -ياۋروپا يەرمەنكىسى مەزگىلىدە 3000 نەپەر پىدائىي يەرمەنكە ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىكەن .

شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى