بىر دانىسى 5000 سوملۇق ئۈستىدە بالت ئوينىغىلى بولىدىغان تاۋۇز |
تاۋۇزنىڭ يوغانلىقىدىن ئۈستىدە بالىت ئۇسۇلى ئوينىغىلى بولىدىكەن
جاڭبەيچېن - مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، تاۋۇز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى نەچچە 10 مىڭ توننىدىن ئاشىدىغان تاۋۇز يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى ھەققىدە ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ بىرى، 1989-يىلىدىن باشلاپلا، ئېتىزدا تاۋۇزلارنى سىپاشتۇرۇپ يۈرۈپ، قانداق قىلغاندا «ئالاھىدە تەم» نى تېپىپ چىققىلى بولىدىغانلىقى، قانداق قىلغاندا «ساپ ھەم قاۋۇل» تاۋۇزلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە مەخسۇس ئىزدىنىشكە باشلىغان. ئۇنىڭ ئۆيى چىڭگاڭ ناھىيىسىنىڭ لۇخې كەنتىدە بولۇپ، ئېتىزلىقىدىكى غايەت زور تاۋۇزلار ئادەمنىڭ زوقىنى قوزغايدۇ. ھەر بىر تاۋۇز 100 جىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، ھەممىسىنىڭ «ئىگىسى» بار ئىكەن، بۇ تاۋۇزلارنى ئەڭ ئازدېگەندە دانىسىنى 5000 سومدىن، قىممەت بولغاندا بىر تۈمەندىن ساتقىلى بولىدىكەن.
百臣雷首(سورتلۇق تاۋۇزنىڭ ئىسمى) بولسا، «تاۋۇز پادىشاھى» جاڭبەيچېننىڭ ئەڭ پەخىرلىنىدىغان بىر خىل مەھسۇلاتى بولۇپ، قەنت مىقدارى يۇقىرى، تەمى ياخشى، تاۋۇز شاپىقى نېپىز ئەمما مۇستەھكەم بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، ئۇنىڭ قىزى ھەتتا بۇ تاۋۇزلارنىڭ ئۈستىگە چىقىپ «بالت ئۇسۇلى» ئوينىيالايدىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-23 16:24:25 ئۇقۇلۇشى: 456 قېتىم] |
|