قىز دوستى بىلەن يارىشىۋېلىش ئۈچۈن مېھمانىغا سولاپ قويۇپ دۇمبالىغان ئەر |

لىيۇX ئالدىنقى قىز دوستى بىلەن يارىشىۋېلىش ئۈچۈن، مەجبۇرى ھالدا قىز دوستىنى فېڭتەي رايونىدىكى بىر مېھمانخانىغا ئېلىپ بېرىپ، 6 سائەتتىن ئارتۇق سىرتقا چىقارمىغان ھەم قاتتىق ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان. تۆنۈگۈن مۇخبىرنىڭ ئەھۋال ئىگەللىشىچە، خەيدىيەن رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش جىنايىتى بىلەن لىيۇX نىڭ ئۈستىدىن ئەرز سۇندى.
بۇ يىل 3-ئاينىڭ 6-كۈنى مەلۇم بىر ئاخشىمى سائەت 11 لەردە، 23 ياشلىق خېنەنلىك ليۇX ھاراق ئىچىپ تەڭشەلگەندىن كېيىن، خەيدىيەن رايونىدىكى بىر ئۆي ئىجارە بېرىلىدىغان جايدىن ئالدىنقى قىز دوستى ۋۇ X نى ئىزدىگەن. قېرىشقاندەك، ۋۇ X بۇ چاغدا ئۆيىدە يوق بولۇپ چىققان، لىيۇ X ھاراقنىڭ كۈچىدە ۋۇ X نىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى تېپىپ چېقىۋەتكەندىن كېيىن، پەسكە چۈشۈپ ماشىنىدا ساقلاپ تۇرغان.
3-ئاينىڭ 7-كۈنى سەھەر سائەت 2 لەر ئەتراپىدا، ۋۇX ئەمدى تۇرالغۇسىغا قايتىپ تۇرۇشىغا، لىيۇ X ماشىنىدىن ئۇچقاندەك ئېتىلىپ چىقىپ، بىر تەرەپتىن گەپ ئارقىلىق قارشى تەرەپكە تەھدىت سالغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن ۋۇ X نىڭ چېچىدىن قاماللاپ تۇرىۋېلىپ ئۇنى ماشىنا ئىچىگە مەجبۇرى سۆرەپ ماڭغان. مېھمانخانىغا بېرىش جەريانىدا، ئىككىيلەننىڭ ئوتتۇرىسىدا يەنە ئۇرۇش-جېدەل بولغان، لىيۇ X ۋۇ X نى ئۆلتۈرىۋېتىمەن دەپ جار سالغان ھەمدە مېھمانخانىغا بارغاندىن كېيىن ۋۇ X كە تەھدىد سېلىپ ياتاق ئېچىشقا مەجبۇرلىغان. ئارقىدىن، لىيۇ X ۋۇ X بىلەن قىز-ئوغۇل دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدە سۆھبەتلەشمەكچى بولغان، ئەمما ۋۇ X قوشۇلمىغان ھەمدە كۆپ قېتىم ئورنىدىن قوزغىلىپ كەتمەكچى بولغان، ھەر قېتىم ئورنىدىن قوپقاندا لىيۇ X ئۇنى قاتتىق دۇمبالىغان. كۆپ قېتىم تاياقتىن كېيىن، ۋۇ X كېتىدىغان ئىشنى قايتا تىلغا ئالمىغان. ۋۇ X بىلەن بىللە تۇرىدىغان قىز ئۇنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن مەجبۇرى ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ، شۇ ھامان ساقچىغا مەلۇم قىلغان. 3-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 لەردە، ساقچىلار مېھمانخانىنى تېپىپ، لىيۇX نى قولغا ئالغان ۋە ۋۇ X نى خەتەردىن قۇتقۇزۇپ چىققان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/8/27 13:29:02 ئۇقۇلۇشى: 477 قېتىم] |
|