دۇنيادىكى يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بۇلۇپ تۇرۇشىڭىزدىكى ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز شىرنىم تورى خەۋەر مەركىزى ، ئادرىسىمىز :
قىزىقارلىق ۋەقەلىكى، ئىشلەش تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرىقى بىلەن كىچىك دوستلارنىڭلا ئەمەس چوڭلارنىڭمۇ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولغان كارتون فىلىم « مۇز ئېراسى»نىڭ 4- قىسمى يېڭىدىن ئىشلەندى. بۇ كۆك ئاسمان شىركىتىنىڭ داڭلىق فىلىمى بولۇپ، ئالدىنقى ئۈچ قىسمى پۈتۈن يەر شارى مقياسىدا 2 مىليارد دوللارلىق بىلەت كىرىمى ياراتقان. ھازىر ئامرىكىلىق داڭلىق رېژىسور ماك تېمىر بىلەن سىتىف مارتىنو ھەمكارلىشىپ « مۇز ئىراسى»نىڭ 4- قىسمىنى ئىشلەپ چىقتى. ئاۋاز بېرىشكە داڭلىق ئارتىسلار تەكلىپ قىلىندى. « مۇز ئېراسى»نىڭ 4- قىسمىدا قۇرۇقلۇقتا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ئاپەت تەسۋرىلىنىدۇ. شۇنداقلا باش پېرسوناژلار كەلكۈن سەۋەبىلك ئايرىلىپ كېتىپ كېتىدۇ، ۋە دېڭىزدىكى مۇز پارچىلىرىنى قولۋاق قىلىپ دېڭىزدىكى قىزىقارلىق ۋە سىرلىق سەپىرىنى باشلايدۇ. ۋە باشقا رايوندىكى دېڭىز جانلىقلىرى بىلەن باتۇرلارچە كۈرەش قىلىپ، ئاخىرى يېڭى قۇرۇقلۇققا چىقىدۇ. بۇ فىلىم 2012- يىلى 7- ئاينىڭ 13- كۈنى ئامرىكىدا تۇنجى قويۇلىدۇ.
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 - 17) , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10001556号