چېن خۇيلىن ھازىرچە سۈنئىي ھامىلىدار بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى |
بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى چېن خۇيلىن سۈنئى ئۇسۇلدا ھامىلدار بولۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، قوشكېزەك قىزغا ھامىلدار بولغانىدى. بىراق ئېھتىياتسىزلىقتىن ھامىلە چۈشۈپ كەتتى. يېقىندا ئۇنىڭ يەنە سۈنئى ئۇسۇلدا ھامىلدار بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالدى. بىراق چېن خۇيلىن بۇ ھەقتە توختۇلۇپ، بۇنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھازىرچە ئۇنداق ئالدىراپ سۈنئى ئۇسۇلدا ھامىلدار بولغۇسىنىڭ يوقلۇقىنى، ئۇ يەنە چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. غەرىب دوختۇرلىرى ئۇنى يەنە ھامىلدار بولسا بولىدۇ دېگەن بولسىمۇ بىراق جۇڭيى دوختۇرلىرى ئۇنىڭ يەنىلا بەدىنىنى ئوبدانراق قۇۋەتلىگەندىن كېيىن ئاندىن سىناپ باقسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى مەكتەپكىمۇ كىرىپ بولدى. مۇخبىر ئۇنىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغاندا ئوغلىنىڭ مەكتەپكە بارغىلىمۇ بىرەر ھەپتە بولۇپ قالغانلىقىنى، دەسلەپكى بىر-نەچچە كۈندە تولا يىغلاپ قاقشىغانلىقىنى، بىراق بىرنەچچە كۈندىن كېيىن كۆنۈپ قالغانلىقىنى، مۇئەللىمنىڭمۇ ئۇنى ماختىغانلىقىنى ئېيتتى.

[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/9/17 11:10:08 ئۇقۇلۇشى: 319 قېتىم] |
|