ھامىلدار ئايال 24 ئەرنى 15 يىل قۇل قىلىپ ئىشلەتكەن |

مەنبە: gb.cri.cn
خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ساقچىلىرى ئالدىنقى لوندوننىڭ شىمالى قىسمىدىكى بىر شەخسى تۇرالغۇغا تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كىرىپ، 24 ئەرنى قۇتقۇزۇپ چىققان. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ھامىلدار ئايال ۋە تۆت نەپەر ياردەمچىسى تەرىپىدىن قۇل قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتقان بولۇپ، بەزىلىرىگە ھەتتا بۇ ئايالغا قۇل بولۇپ ئىشلەۋاتقىلى 15 يىلدەك بولغانىكەن.
بۇ تۇرالغۇ لوندوننىڭ شىمالى قىسمىدىكى لەيتون بازارد رايونىدا بولۇپ، تۇرالغۇ ئىگىسىنىڭ ئىسمى جوئىس كوننېس ئىكەن، بۇ يىل 30 ياشقا كىرىپتۇ. ئۇ ۋە يولدىشى جامېس كوننېس ھەمدە ئۈچ نەپەر قېرىندىشى بىرلىكتە، بۇ ئەرلەرنى ئېغىر ئەمگەكلەرگە سالىدىكەن، ھەتتا ئۇلارنىڭ تۇرىدىغان يېرىمۇ ئىنتايىن مەينەت ئىكەن، ئارىسىدا بىر ئەرنىڭ قۇل بولۇپ ئىشلەۋاتقىنىغا 15 يىل بوپتۇ.
جوئېس كوننېس قاتارلىق بەش ئادەم قانۇنسىز قۇل قىلىش جىنايىتى بىلەن تۇتۇلغان بولۇپ، جوئىس ئىككى تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىپلىنىدىكەن. جوئېس يەنە ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئۈچىنچى بالىسىنى تۇغىدىغان بولغاچ، ھازىر ئاللىقاچان كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن ھەمدە 9-ئاينىڭ 22-كۈنى قايتىدىن سوتقا چىقىدىكەن، جامېس قاتارلىقلارنىڭ كېپىللىك ئىلتىماسى رەت قىلىنغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-9-17 11:04:59 ئۇقۇلۇشى: 733 قېتىم] |
|