قىزىنى ساتقان ئاتا قولغا ئېلىندى |
مەكىت ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يېقىندا جىنايەت گۇماندرى مەمەتنى ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن قولا ئېلىشنى تەستىقلىدى. ئېگىلىنىشىچە، مەمەت يەكەن ناھىيەسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىن بولۇپ، 2010-يىلىدىن باشلاپ مەكىت ناھىيىسىگە كۆچۈپ كەلگەن، لېكىن كېيىنچە تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغان. ئۇ بۇ يىلى يانۋاردا ئىچكىرى ئۆلكىلەردە باشقىلارنى ئوغرىلىققا سېلىپ پۇل تاپىدىغان ئەركىن بىلەن تونۇشۇپ قالغان ۋە قىزى راھىلەنى ئۇنىڭغا سېتىۋېتىپ، قىزىنىڭ ئۈچ ئايلىقى ئۈچۈن 25 مىڭ يۈەن ئالغان،ئەركىن راھىلەنى سىچۈەنگە ئاپىرىپ ئوغرىلىققا سالغان ۋە ئۇزاق ئۆتمەيلا ساقچىلارنىڭ قولغا چۈشكەن. جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرى راھىلەنى ئاپتونۇم رايونلۇق سەرگەندان بالىلارنى پاناھلاندۇرۇش- قۇتقۇزۇش ئورنىغا ئاپىرىپ بەرگەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/8/4 11:36:05 ئۇقۇلۇشى: 210 قېتىم] |
|