قىزىنى ئۆلتۈرگەن «زەھەرلىك ئانا» ئاقلاندى |
خەلق تورى خەۋىرى: ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 5-ئىيۇل، ئامېرىكا فلورىدا ئىشتاتىدىكى ئورلاندو سوت مەھكىمىسى كېسى ئانتونىينىڭ قىزىنى ئۆلتۈرۈش دىلوسىغا كېسىم ئېلان قىلغان، كېسىمدە ئۇنىڭغا تۆت يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن، بىراق ئۇ تۈرمىگە قامالغىلى ئۈچ يىلدىن ئاشقان بولۇپ ئىپادىسى ياخشى ئىكەن، ئۇ 7-8-ئاينىڭ ئاخىرلىرى تۈرمىدىن چىقىدىكەن. زاسېداتېللر ئۆمىكى كېسىنىڭ ئىككى ياشلىق قىزىنى ئۆلتۈرۈش ۋە خورلاش جىنايىتىنى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ بېكىتكەن. بۇ ھۆكۈم نۇرغۇن ئامېرىكىلىقنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان.
«بۇ دېلودا ئۇتۇپ چىققۇچى يوق»
سوت مەھكىمىسىنىڭ پۈتۈكچىسى ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمنى ئېلان قىلغاندا، كېسى كۆز ياشلىرىنى توختىتالمىدى، ئۇ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتى بايانى قۇچاقلاپ، ئۇنىڭغا: «رەھمە سىزگە» دېدى. ئەيىبلىگۈچى تەپتىش ئەمەلدارى ئاشتون جىددىي قىياپەتتە ئورنىدا ئولتۇرۇپ قالدى، ئۇ ئىنتايىن ھەيران قالغاندەك قىلاتتى. سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر تەرەپىدە كېسىنىڭ دادىسى كۆز يېشىنى سۈرتۈپ تۇراتتى. ئۇ كېسىغا گەپ قىلمايلا ئايالى بىلەن بىرلىكتە سوت زالىدىن ئايرىلدى. سوت ھۆكۈم ئېلان قىلغاندىن كېيىن، كېسىنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتى مۇخبىرلار يىغىنىدا: «بىز كېسى ئۈچۈن خوشال بولدۇق، بىراق بۇ دېلودا ئۇتۇپ چىققۇچى تەرەپ يوق» دېدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن ئۈچ يىلدا، ئۇ كېسى ۋە كېللىي ئۈچۈن ئىسپات توپىلغان، چۈنكى كېسى كېللىينى ئۆلتۈرمىگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ دېلو ھەربىرىمىز ئۈچۈن يېڭى رىقابەت ئېلىپ كەلدى، جىنايى ئىشلار ئەدلىيىسى سېتىمسىغا رىقابەت ئېلىپ كەلدى، ئاخبارات ۋاستىلىرىغا رىقابەت ئېلىپ كەلدى». ئادۋوكات بايا خاتا دېمىگەن، دېلو يۈز بېرىپ ئۈچ يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئۈچ يىلدىن بۇيان بۇ دېلو ئامېرىكا خەلقىنىڭ يۈركىنى ئېسىپ كەلدى. دېلو ئەڭ دەسلپتە 2008-يىلى 6-ئايدا ئاممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان، ئەينى ۋاقىتتا كېسىنىڭ ئىككى ياشلىق قىزى كېللىي تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن، غەلىتە يوقاپ كېتىش دېلوسى تېلېۋىزور، گېزىت قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىنىپ، ئامېرىكىدا زىلزىلە پەيدا قىلدى.
دېلونى قايتا قويماق
2008-يىلى 7-ئايدا، سىندى ئانتونى (كېللىينىڭ مومىسى) MySpace تورىدا سۆز قالدۇرۇپ، قىزى كېسىنىڭ ئۆزىگە نۇرغۇن پۇل ئۇتتۇرۋەتكەنلىكىنى، يەنە ئۇنىڭ نەۋرىسىنى كۆرۈشىگە رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى يېزىپ قويغاندىن كېيىن، بۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان. خەۋەرلەردە ئاشكارلىنىشچە، 2008-يىلى 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىدا كېللىي فىلورىدا ئىشتاتىدا يوقاپ كەتكەن، كېسى بالا يوقاپ كېتىپ بىر ئايدىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەرگە بالىنى تاپالمىغانلىقىنى ئېيتقان. 2008-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى، دېسنى ئانتونى ئورانژې شەھىرىدىكى ساقچى مەھكىمىسىگە دېلو مەلۇم قىلىپ، ئۆزىنىڭ قىزى نەۋرىسىنىڭ قەيەردىلىكىنى ئېيتىپ بەرمىگەنلىكىنى ئېيتقان. كېسى قىزى يوقاپ كەتكەندىن كېيىن، ۋەسسىيلىكنى ياخشى قىلالمىغانلىق جىنايتى بىلەن شىكايەت قىلىنغان، ئىككى قېتىم قولغا ئېلىنغان، بىراق كېپىلگە قويۇپ بېرىلگەن. 2008-يىلى 10-ئايدا، كېسى يەنە بىر قېتىم قولغا ئېلىنىپ، ھازىرغىچە فىلورىدا ئىشتاتىدا تۈرمىدە ياتقان. قولغا ئېلىنىپلا قالماستىن يەنە ئۇ بىرىنچى دەرىجىلىك قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، بالىلار خورلاش، بالىسىنى ئۆلتۈرۈش قاتارلىق تۆت تۈرلۈك جىنايەت بىلەن شىكايەت قىلىنغان.
دېلودىكى زور ئىلگىرىلەش: بالىنىڭ جەسىتى بايقالغان
2008-يىلى 12-ئايدا، دېلودا زور بۇرۇلۇش بولۇپ، رازۋېدچىكلار كېسىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يېقىن جايدىكى ئورمانلىقتىن بىر جەسەتنى تاپقان، جەسەت پىلاستىر بىلەن ئورىۋېتىلگەن. DNA تەكشۈرۈشىدىن كېيىن، ئۆلگۈچىنىڭ كېللىي ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. جەسەت چىرىپ كەتكەنلكى ئۈچۈن، قانۇن دوختۇرى كېللىينىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ چىقىشقا ئامال قىلالمىغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/7/9 10:32:49 ئۇقۇلۇشى: 534 قېتىم] |
|