تەيۋەن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق 2-ئەۋلاد بايۋەتچە لۈ ئەپەندى سىرتقا قاراپ قالغان بولۇپ، ئايالى يولدىشىنى ئاشنىسى بىلەن نەق مەيداندا تۇتۇۋالغان. ئايال ساقچىغا مەلۇم قىلغان بولۇپ، ئايالنىڭ يولدىشى ھەربىر ئىش ھەركىتى ئارقىلىق ئاشنىسىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھەتتا ئۆزىنىڭ يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ئاشنىسىغا ئادۇۋكات تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئايال ئۇنىڭ بۇ قارارىدىن ئاچچىقتىن يېرىلىپ كېتەيلا دەپ قالغان. ساقچىلارنىڭمۇ ئاچچىقى كېلىپ، ئەرگە ۋارقىراپ كەتكەن بولۇپ، « سىنىڭدەك ئەر ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ» دىگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2-ئەۋلاد بايۋەتچە لۈ ئەپەندى يالغۇز ئوغۇل بولۇپ، ئائىلىۋى كارخانىسى ۋېڭيۈەن رايونىغا جايلاشقان داڭلىق پىرەنىك دۇكانلىرى بار. ئۇ ئايالى بىلەن توي قىلغىلى 6 يىل بولغان بولۇپ، 5 ياشلىق ئوغلى بار ئىكەن. 2-ئەۋلاد بايۋەتچە لۈ ئەپەندى بۇ يىل كۆپ قېتىم قارا قەرز بولۇپ قالغانلىقىنى باھانە قىلىپ ئايالىغا ئاجرىشىش تەكلىپىنى قويغان بولۇپ، بالا تېخى كىچىك بولغاچقا ئايال ئاجرىشىشنى رەت قىلغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن لۈ ئەپەندى ئۆيىگە قايتماس بولىۋالغان. ھەتتا ئىككى ئاي ئۆيىگە كەلمىگەن. ئايال يولدىشىنىڭ ھەركىتىدىن گۇمانلىنىپ قالغان بولۇپ، يولدىشىنىڭ ھەركىتىنى كۆزەتكەن. دىگەندىكىدەك يولدىشى ئۆزىدىن 15 ياش كىچىك قىز بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان ئىكەن. 25-ئاپرېل سەھەر سائەت 3 دە، ئايال يولدىشىنىڭ باشقا ئايال بىلەن تۇرۇۋاتقان تۇرالغۇسىغا بېرىپ، ئۇلارنى نەق مەيداندا قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، يولدىشىنىڭ ئاشنىسى ئايالنىڭ ئۆيگە بۆسۈپ كىرگەنلىكىگە قاتتىق نارازى بولغان ۋە ئايال بىلەن سوقۇشۇپ كەتكەن كېيىن ساقچى ئىدارىسىغا كەلگەن.
ئايال يولدىشى بىلەن يولدىشىنىڭ ئاشنىسىنى ئائىلىمىزنى ۋەيران قىلدى، دەپ سوتقا ئەرز قىلغان. بىراق ئەرنىڭ ئاشنىسىمۇ ئايالنى ئۆيگە باستۇرۇپ كىردى، يارلاندۇردى، دەپ ئەرز قىلماقچى بولغان. ئەر بولسا ۋەقە جەريانىدا باشتىن-ئاخىر ئاشنىسىنىڭ سىزىقىدىن چىقماي، ھەتتا ئاشنىسىغا ئادۇۋكات تەكلىپ قىلىپ بەرمەكچى بولغان. ئايالنىڭ يولدىشى ئاشنىسى بىلەن ئالاقە قىلغىلى يېرىم يىل بولغانلىقىنى ئېيتقان. بىراق ئايالى يېرىم يىلدىن ئارتۇق، دېگەن.
لۈ ئەپەندىنىڭ ئايالىنىڭ ئېيتىشىچە، يولدىشى قەرزنى باھانە قىلىپ كۆپ قېتىم ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئايال ئونىمىغان ئىكەن. ئايال يولدىشىنى راستىنلا ئالدىراش دەپ ئويلاپ ئۇنىڭ خىزمەتلىرىگە ياردەملەشكەن. بىراق ئويلىمىغان يەردىن يولدىشى ئايالىغا ۋاپاسىزلىق قىلغان. بىراق ئايال يەنە ئەگەر يولدىشىنىڭ بۇ ئىشلاردىن قول ئۈزۈپ، ئازغان يولىدىن قايتىپ كەلسە، يولدىشىنى كەچۈرىدىغانلىقىنى، تۇرمۇشىنى قايتىدىن باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاخىرىدا، ئايال ۋە ئەرنىڭ ئاشنىسى ئىككىلىسى بىر قەدەمدىن چېكىنىپ، ئەرزنامىلىرىنى سوتقا سۇنىشتىن ۋاز كەچكەن.
ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، ئادەتتە بۇ خىلدىكى ۋەقەلەردە ئەرنىڭ ئايالى بىلەن ئاشنىسى ئىككىسى ئۆز-ئارا داۋالىشاتتى، ئەر تەرەپ ھېچقايسى تەرەپكە يان باسمايتتى. لۈ ئەپەندى بۇلارنىڭ سىرتىدا بولۇپ، ئۇ ئاشنىسىغا بەك ئېتىبار بېرىدىكەن. بۇ خىل ئەھۋال ناھايىتى ئاز كۆرۈلگەن ئەھۋال بولۇپ، لۈ ئەپەندى ھەتتا ئاخىرىدا ئاشنىسى بىلەن بىللە قايتىپ كەتكەن بولۇپ، ئايالى ۋە بالىسى بىلەن قايتمىغان.