تەۋسىيە
خەۋەرلەر |
|
شاكىرا يۈزسىزلىك قى.. | ئەنجىلىنا جۇلى خەلق.. | ستىۋى جوبز راك كېسى.. | بىر ئايدىن بۇيان ، B.. | جېكسوننىڭ ئۆلگەندى.. | ئاۋات ناھىيەسى دۆلە.. | كېنتاكىي يېمەكلىكل.. | س رونالدو كۇلۇب تەر.. | |
|
|
|
توردا ساختا مال ساتقان ئوقۇغۇچىغا قاماق جازاسى بېرىلدى |
شىنخۇا تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرى، بىر تاغار پۇل تېپىش ئارزۇسى بىلەن ئەمدىلا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كەسىپتە ئوقۇۋاتقان 19 ياشلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى شىياۋ چۇ ئەڭ ئاخىرىدا كەسىپ ئوقۇشتىن ۋاز كېچىشنى تاللاپ، ئۆزىنىڭ ئىككى قېرىندىشى بىلەن تور دۇكىنى ئېچىپ، ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولدى. ئۇ تور دۇكىنى ئېچىپ، ئىككى ئاي ئىچىدىلا 1 مىليون 610 مىڭ سوم قىممىتىدە سودا قىلدى. ئەمما ساختا CK ئىچ كىيىملىرىنى ساتقانلىقى ئۈچۈن، ئالدىنقى ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى شىياۋ چۇ ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى بىر يۇرتدىشى بىلەن بىرلىكتە مۇددەتلىك سەككىز ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. ئەڭ دەسلەپتە ئۇنى ئوقۇشتىن چېكىنىشكە بۇيرۇغان ئاكىسى بولسا ھازىر ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش ئاقىۋەتكە دۇچار بولدى. ئالدىنقى كۈنى، خەينەن سوت مەھكىمىسى مەزكۇر دېلونىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ ساختا داڭلىق ماركىلىق كىيىملەرنى سېتىپ ناھايىتى كۆپ پايدىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرى بايرام كۈنلەردە تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققان،شۇنىڭ بىلەن بۇ دېلو «گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ۋە ساختا داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلارنى ياساش قىلمىشى تاۋار مەخسۇس تۈرى» دېدىكى 10 چوڭ دېلونىڭ بىرى قىلىپ بېكىتىلگەن. ئۇ ئەمدىلا ئالىي مەكتەپتە كېلىپلا، ئوقۇشتىن چېكىندى. لىيۇ مۇۋ چۈ (刘某渠) شەنتۇلۇق بولۇپ، ئۇ ئۆيىدىكى ئۈچ ئوغۇلنىڭ ئىككىنچىسى ئىدى. بۇلتۇر ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەن لىيۇ مۇۋ چۈ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپنىڭ سودا ئىنگلىز تىلى كەسپىگە قۇبۇل قىلىنىدۇ. ئۇ مەكتەپ كېلىپ تېزىمغا ئالدۇرغىلى ئۇزۇن بولمايلا، يەنى بۇلتۇر 9-ئاينىڭ 10-كۈنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى قايتا ئوقۇش سالاھىيىتى بىلەن مەكتەپتىكى ئوقۇشىدىن ۋاز كېچىدۇ. ئۇنىڭ ئوقۇشتىن چېكىنىش ئىلتىماسى شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 25 -كۈنى تەستىقلىنىدۇ. «قايتا ئوقۇش» ئۇنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇشىدىن چېكىنىشىدىكى بىردىنبىر سەۋەب ئەمەس ئىدى. ئەسلىدە بۇلتۇر 7-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇنىڭ 23 ياشقا كىرگەن ئاكىسى لىيۇ مۇۋ پېڭ (刘某鹏) فۇشەن شەھەرلىك رۈيلا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئۇ گۇاڭدۇڭغا ماركىسىز ئىچكى كىيىملەرنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق، 8-ئايدا تاۋباۋ تورىدا «سېتىۋالسىڭىزلا ئېتىبارغا ئېرىشەلەيسىز» دېگەن تور دۇكىنىنى ئاچىدۇ ھەمدە نۇرغۇنلىغان ساختا CK، Calvin Klein ماركىدىكى مەھسۇلاتلارنى چەتئەللەرگە ساتقان. ھەتتا ئۇنىڭ ھەر بىرىنىڭ سېتىلىش باھاسى نەچچە 10 سومغا يەتمەيدۇ. ئىككى ئاي ئىچىدە 1 مىليون 610 مىو سوملۇق ساختا مال ساتتى. دۇكان ئېچىلىشى بىلەنلا، ئۇنىڭ سودىسى قايناپ كېتىدۇ. لىيۇ مۇۋ پېڭ ئۆزىنىڭ يۇرتداشلىرىدىن بولغان لىيۇ مۇۋ چى، لىيۇ مۇۋ خۇ، لىن مۇۋ تەي قاتارلىق ئۈچەيلەننى ياللاپ، ئۇلارنى مەسئۇل باشقۇرۇش، سېتىش ۋە ئامبار باشقۇرۇش قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە تەقسىملەيدۇ. 9-ئايدىن 11-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە مەزكۇر تور بېكەت ھەر كۈنى 500 پارچە ئىچ كىيىم ساتقان بولۇپ، سېتىش سوممىسى 1 مىليون 510 مىڭ سومغا يەتكەن. بۇلتۇر 9-ئايدا، CK تاۋار ماركىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى كارۋېن.كارلېن تاۋار ماركىسىنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش شىركىتىگە بۇ خىل قىلمىشنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى تاپشۇرىدۇ. 11-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 9:00 دا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى خەينەن رايونلۇق تارماق ئىدارىسى، خەينەن رايونلۇق سودا-سانائەت ئىدارىسى دالى جىيۇلۇڭ كىچىك تارۋارلار شەھەرچىسى E4 ئورۇن 202 نۇمۇرلۇق دۇكانغا نىسبەتەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، ئەينى ۋاقىتتا مەزكۇر دۇكان ئىسكىلاتى ئەر-ئاياللارنىڭ ئىچ كىيىملىرى ۋە پايپاقلىرى بولۇپ، جەمئىي 131 مىڭ 722 جۈپ ۋە CK، Calvin Klein قاتارلىق ماركىدىكى ئورالما مەھسۇلاتتىن 125 مىڭ دانە ئېلىپ بېرىلغان. بۇ تېخى سېتىپ چىقىرىلمىغان ساختا مەھسۇلاتلارنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 1 مىليون 200 مىڭ سومدىن ئاشىدىكەن. ئەگەر بۇلار راسىت مەھسۇلاتنىڭ ئەسلى باھاسى بويىچە سېتىلىدىغان بولسا سېتىلىش قىممىتى 3 مىليارد 280 مىليون سومغا يېتىدىكەن. تۆت ئادەم سەككىز ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. بۇ يىل 3-ئاينىڭ 9-كۈنى، خەينەن رايونلۇق سوت مەھكىمىسى ساختا داڭلىق ماركىدىكى مەھسۇلاتلارنى سېتىش قىلمىشى ئۈچۈن خەينەن سوتىغا ئەرىز سۇنۇپ بېقىشنى ئوتتۇرغا قويدى. خەينەن سوت مەھكىمىسى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق رۈيلا شىركىتىنىڭ باشقا شىركەتلەر رۇيخەتكە ئالدۇرغان داڭلىق ماركىلارنى ئىزلەتكەنلىكىنى بايقىغان. خەينەن سوت مەھكىمىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«تۆت نەپەر جاۋابكار ئىشلارنى بىلىپ نەق مەيداندا ساقلاپ تۇردى ۋە ۋە قولغا ئېلىشقا قارشىلىق كۆرسەتمىدى. ھەمدە ئۇلار ئۆز خاتالىقىنى تونۇدى. شۇنىڭ بىلەن تۆت نەپەر جاۋابكارنىڭ جازاسىنى يېنىكلىتىشىنى قارار قىلدۇق. بىرىنچى سوت بۇ تۆت نەپەر جىنايەتچىگە سەككىز ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھەمدە 10 سوم جەرىمانە قويدى».
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/4/25 18:23:43 ئۇقۇلۇشى: 271 قېتىم] |
|
|
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
«ئاق يىلان رىۋاي.. | جۇڭگۇ فىرانسىيەن.. | لىۋىيە سۇرىت ئۇر.. | «كۇرتلار ۋادىسى».. | چۆل - باياۋاندىكى.. | شاكىرا يۈزسىزلىك.. | ئەنجىلىنا جۇلى خ.. | كېلىنتۇن ئەر-خوت.. | Cرونالدو ساقىتىپ.. | ستىۋى جوبز راك كې.. | ئالما شىركىتىنىڭ.. | دۆلەت مەمۇرلۇق ئ.. |
|
|
|
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 -
17)
, ئالاقىلىشىش
تىلىفۇنى : 13139663453
, 新ICP备10001556号 |
|