Article Center - ماقالە مەركىزى - تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساغلاملىق يېمەكلىكى ــ قوناق ئۇنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارغا پايدىلىق ئۈچ خىل خۇش پۇراق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماكا چېكىش ئوزۇقلۇقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قارا رەڭلىك يېمەكلىكلەر ساغلاملىققا پايدىلىق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يۈگۈرۈپ بەرسە، مەزى بېزى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئېسىڭىزدە بولسۇن ....
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ چىشى ھەم پاكىز ھەم ساغلام بولىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەرنىڭ كۈزلۈك كۈتۈنۈشىدىكى مۇھىم ھالقىلار
 

تېمىسى مەزمۇنى باھا
 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا مىكروبلار ئوڭاي يۇشۇرۇنۇۋالىدۇ
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يازدا ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر
يازدا ئاياللاردا دائى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:خانىم – قىزلار كۈندە ئۈچ قېتىم قاقاقلاپ كۈلۈپ بېرىش كېرەك
خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان يەتتە ئىش
تاماقتىن كېيىن قىلىشق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دېھقان
دېھقان
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان 9 خىل خىزمەت
ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيەدە ئەر-ئاياللار بىر يىلدا 312 قېتىم ئۇرۇشىدىكەن
ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىتىگە سەل قارىماڭ
كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ..
 
 

    


تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ

دوكتور ئەسئەت سۇلايمان
ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ پىسخىكىسى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ياۋروپاد چىقىدىغان نوپۇزلۇق بىر گېزىتتە مۇنداق بىر قىزىقارلىق پەرەز بېسىلغان:
مەلۇم بىر ئۆيدە تۇيۇقسىز بىر تال يىڭنە يەرگە چۈشۈپ كەتكەن. ئۆيدە ئىتالىيىلىك، فرانسىيىلىك ۋە گېرمانىيىلىك ئۈچ كىشى بولۇپ، ئۇلار بۇ كىچىككىنە ئىشقا ئوخشاش بولمىغان ئىنكاسلارنى قايتۇرغان: ئىتالىيان مۈرىسىنى قىسىپ قويۇپلا پەرۋاسىزلارچە ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن؛ فرانسۇز رەسمىيەت يۈزىسىدىنلا قولى بىلەن يەرنى بىر _ ئىككى قېتىم سىلاپ قويغانيۇ، يىڭنىنى تېپىۋېلىشقا كۈچەپ كەتمىگەن، پەقەت ئىزدەپ كۆردۈم، دېگەن روھى تەسەللى بىلەنلا بولدى قىلغان؛ گېرمان قولىغا بىر سىزغۇچ بىلەن بورنى ئېلىپ، پولغا كىچىك-كىچىك چەمبەرلەرنى سىزغان، ئاندىن ھەربىر چەمبەر ئىچىنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزىتىپ، ئاخىرى ھېلىقى يىڭنىنى تېپىۋالغان. ناھايىتى ئاددى بۇ بايان نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، گېزىتكە بېسىلغان بۇ كىچىككىنە مىسسال ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدىكى ئوخشاش بولمىغان ئىپادىسىگە، تېخىمۇ توغرىراقى، بۇ ئۈچ مىللەتنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىگە سىمۋول قىلىنغان. دەرۋەقە، دۇنيا تارىخى سەھىپىلىرىگە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، ئىتالىيە جۇغراپىيىلىك جايلىشىشى ياكى دۇنيا تارىخىدىكى سىياسى ئورنى جەھەتتە ياۋروپادىكى ئىسمى جىسمىغا لايىق «بىر پاي ئۆتۈك» ئىدى. قەدىمكى رىملىقلار بىر مەزگىل زور گۈللىنىشكە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا، يېقىن قوشنىسى _ يۇنانلىقلارنىڭ ئالەمشۇمۇل مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلغانىدى، خالاس. ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتىدىن كېيىن، ياۋرۇپا ئەدەبىيات-سەنئەت ئويغىنىش ھەرىكىتى گەرچە ئىتالىيىدىن باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھەقىقى زىلزىلىسى غەربى ياۋروپادا مەيدانغا كەلگەنىدى. شۇڭا ئىتالىيانلار ياۋروپادىكى باشقا مىللەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا چېچىلاڭغۇ، بوشاڭ، ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچى ئاجىز مىللەت ئىدى؛ فرانسۇزلار ھېسسىياتچان، ئۆزگىرىشچان، ئۈززۈل-كېسىللىكى ئاجىز مىللەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ناپولىئونغا مىسلىسىز دەرىجىدە چوقۇنۇشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس ئىدى. فرانسۇز مەدەنىيىتىنىڭ نازاكىتى ۋە مىللى خاراكتېرىنىڭ لاتاپىتى ئۇلاردا ئەدەبىياتنىڭ گۈللىنىشىگە سەۋەپ بولغانىدى. گېرمانلار گېگىلنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، «ئىنسانىيەتنىڭ پىشقان دەۋرى» دىكى ئەقلى تەمكىنلىككە يەتكەن، پەلسەپىۋى كاللىغا ئىگە، سوغۇققان، ئەمەلىيەتچىل مىللەت ئىدى. بىز دۇنيا پەلسەپىسىنىڭ يۈكسەك چوققىسىنىڭ گېرمانىيەدە مەيدانغا كەلگەنلىكىدىن، ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ مەغلۇبىيىتى ۋە خارابىسى ئىچىدىكى گېرمانلارنىڭ قايتا قەد كۆتۈرۈپ ئىقتىسادى گۈللەنگەن، ئىلغار سەۋىيەگە ئىگە مىللەتكە ئايلانغانلىقىدىن بۇ نۇقتىنى چوڭقۇر ھېس قىلالايمىز.
خوش، يىڭنە تىمسالىدىن قوزغالغان ئۇلانما تەسەۋۋۇرىمىز بىزنى مۇنداق بىر سوئالغا جاۋاپ بېرىشكە قىستايدۇ: يىڭنە چۈشۈپ قالغان ئاشۇ سورۇندا بىر ئۇيغۇر بولغان بولسا، ئۇ بۇ ئىشقا قانداق ئىنكاس قايتۇرغان بولاتتى؟ ئۇ قولىغا لوپا ئەينەك ئېلىپ، ئۆينىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە سەۋر-تاقەت بىلەن ئەستايىدىل ئىزدەپ كۆرەرمۇ ياكى ئاشۇ ئۆيدە بىر ئۆمۈر يىڭنىگە پۇتلىشىپ بىللە ياشارمۇ!؟....
دەرۋەقە، بۇ بىر ناھايىتى ئاددى مىسال، خالاس. بۇ خىل تەھلىلنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە توغرا خاتا بولىشىدىن قەتئىينەزەر، بىز ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت مۇھىتىدا ئىپادىلىگەن مەدەنىيەت پىسخىكىسىنى ئوپىراتسىيە قىلىشتا ھامان مۇشۇ تۈردىكى ماھىيەتلىك مىساللارنىڭ ئىلھامىغا موھتاج بولىمىز، ئەلۋەتتە.
شۈبھىسىزكى، جۇغراپىيىلىك مۇھىت ۋە ياشاش شارائىتىنىڭ ئوخشاشماسلىقى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت پىسخىكىسىنىڭ ئوخشاشماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا مەلۇم بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت پىسخىكىسىدا نۇرغۇن ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بەرسىمۇ، ئەمما شۇ مىللەتنىڭ ئىپتىدائىي روھى مەدەنىيىتىگە ئۇرۇق بولۇپ تېرىلغان پىسخىك جۇغلانما خۇددى پاختا ئىچىدىكى چوغدەك ھامان ساقلىنىپ كېلىدۇ. تۆت مىڭ يىللىق قەدىمىي مەدەنىيەتكە ئىگە ھىندىستاننىڭ يېقىنقى زامانغا كەلگەندە يۈز نەچچە يىلدىن ئارتۇق ئەنگىلىيە مۇستەملىكىسىگە چۈشۈپ قېلىشى نەتىجىسىدە <غەرىپلىشىش> دولقۇنىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت پىسخىكىسىدىكى شەرقچە سۈكۈناتقا باي ئاياللىق نازاكىتى ۋە غايىۋى پىنھانلىققا تەشنا ھۆل خاراكتېرى ئۆزگەرگىنى يوق. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، نەچچە مىڭ يىللىق سەرسانلىق-سەرگەردانلىق ۋە ھالاكەتلىك تارىخنى باشتىن كەچۈرگەن يەھۇدىيلارنىڭ ھازىرقى زامانغا كەلگەندە مىللى تىرىلىش ھەرىكىتى قوزغاپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى دەل ئۇلارنىڭ تومۇرىدىكى مىللى قېنى بىلەن روھى قاتلىمىدىكى ماھىيەتلىك جۇغلانمىنىڭ ھەر ۋاقت كۇۋەجەپ تۇرغانلىقىدىن بولغان.
مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى بىلەن سېلىشتۇرما مەدەنىيەتشۇناسلىقىنىڭ گۈللىنىشى بىزنى مىللەتلەرنىڭ ئوخشاشمىغان مەدەنىيەت مۇھىتىدا ئىپادىلىگەن پىسخىك ماھىيىتىنى تولۇق ئوپېراتسىيە قىلىش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىن ئەتتى. ئىنسانىيەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئىزدىنىشلىرىنىڭ ماددى دۇنيادىن روھى دۇنياغا _ ئادەمنىڭ ئۆزىگە مەركەزلىشىشى بىزگە كەلگۈسىدىكى ئىزدىنىشلەرنىڭ ئاجايىپ ئازاپلىق دەۋرىگە كىرىدىغانلىقىدىن دېرەك بەردى.
دەرۋەقە، بىز بۇ يەردە سۆزلەۋاتقان مەدەنىيەتشۇناسلىق ئىنسانىيەت ياراتقان بارلىق ماددى ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنى ئىنچىكىلەپ تەھلىل قىلغاندا، مەدەنىيەتنىڭ تاشقى قاتلىمى، ئوتتۇرا قاتلىمى ۋە ئىچكى قاتلىمى دەپ بۆلۈشكە بولىدۇ. مەدەنىيەتنىڭ تاشقى قاتلىمى_ ماددى مەدەنىيەتنى، ئوتتۇرا قاتلىمى _ ئاددىيلاشقان پىسخىكا بىلەن ئاڭلاشقان ماددىنى، يەنى ھەرىكەت، نەزەرىيە، تۈزۈملەرنى، ئىچكى قاتلىمى_ تاشقى قاتلام بىلەن ئوتتۇرا قاتلام نىڭ جۇغلىنىشى نەتىجىسىدە شەكىللەڭەن پىسخىك تىندۇرمىنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ مۇھاكىمە قىلماقچى بولغىنىمىز دەل مىللىتىمىزنىڭ ئالاھىدە جۇغراپىيىۋى ۋە تارىخى شارائىتى دە شەكىللەڭەن مەدەنىيەت پىسخىكىسىنىڭ ئىچكى قاتلىمى، يەنى تەكلىماكان غا دۈملەنگەن روھى تىندۇرمىسىددۇر.
ياۋرۇپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ئىبارەت بۇ كونا قۇرۇقلۇقتا ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ قەدىمى ۋە ئەڭ بۈيۈك مەدەنىيەت لىرى ئاپىرىدە قىلىنغانىدى. تاكى ياۋرۇپا ئەدەبىيات-سەنەت ئويغىنىشنىڭ تۈرتكىسى بىلەن يېڭىدىن گۈللىنىشكە ئېرىشكەن ياۋروپالىقلار يەلكەنلىك كېمىلىرىگە تايىنىپ يېڭى دېڭىز يوللىرىنى ئاچقان غا قەدەر، قەدىمكى دۇنيانىڭ چەكسىز ئۇزاق تارىخى مۇشۇ كونا قۇرۇقلۇقتا يارىتىلغان ئىدى. يەنە كېلىپ، بۇ تارىخ ئۆز مەنىسى بىلەن تېرىم مەدەنىيىتىنىڭ سىرلىق ناز-كەرەشمىسىدە، دېڭىز مەدەنىيىتىنىڭ تىنىمسىز دولقۇنلىرىدا، يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ دەھشەتلىك ۋەھىمىسىدە ئۆز مەزمۇنىنى تولۇقلىغان ئىدى. بىزنىڭ قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز شەرقتىكى تېرىم مەدەنىيىتى بىلەن غەربتىكى دېڭىز مەدەنىيىتىنىڭ ئارىلىقىدىكى چەكسىز ئۇزاق بەل باغدا ئوت، سۇ مەنبەلىرىنى قوغلىشىپ، تىنىمسىز كۆچۈپ، ئۇچقۇر ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنىڭ بىرىنچى بېتىنى، مەدەنىيەت پىسخىكىسىنىڭ ئىپتىدائىي خېمىر تۇرۇچىنى ھازىرلىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ پىسخىك خاراكتېرىدىكى ئات تۇياقلىرىنىڭ دۈپۈرلەشلىرى بىلەن خاراكتىرلىنىدىغان ياۋايى جەسۇرلۇق، قىزىق قانلىق، قاراملىق ۋە ئاسان غىدىقلىنىشچانلىق دەل تېرىم مەدەنىيىتىنىڭ ئاياللىق نازاكىتى بىلەن دېڭىز مەدەنىيىتىنىڭ تەۋەككۈلانە جاسارىتى ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا شەكىللەڭەن ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، پۈتكۈل كونا قۇرۇقلۇقنىڭ مەدەنىيەت تارىخى گويا ئۈچ پۇتلۇق داڭقان غا ئوخشاپ كېتىدىغان ئاشۇ سەھنىدە ئۆز ئارا بىر-بىرىنى تارتىشىپ، تىركىشىپ تۇرۇشتەك تىنىمسىز ۋەزىيەت داۋامىدا روياپقا چىققان ئىدى.
دەرۋەقە، مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت پىسخىكىسىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ھەل قىلغۇچ پىسخىك جەريان ھامان ئۆزىگە نىسبەتەن مۇقىم ۋە ئۇزاق بولغان مەدەنىيەت مۇھىتىنى تەلەپ قىلاتتى. مەلۇم بىر مەدەنىيەت مۇھىتى گەرچە سىرتقى يات مىللەتلەرنىڭ تىنىمسىز غىدىقلىشىغا ئۇچرىسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىدە ئەزەلدىن بار بولغان روھى ئەندىزىنى ياكى پىسخىك تىندۇرمىنى ساقلاپ قىلالىسا، شۇ خىل مەدەنىيەت چەمبىرىكى دىكى مىللەتلەر ئۆز خاراكتېرىنى ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ كونتىروللىقى بىلەن تۇتۇپ تۇرالايدۇ. يىراق قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپ تاكى ئەسىردىكى ئەدەبىيات-سەنەت ئويغىنىش دەۋرىگىچە بولغان ئۇزاق تارىخى جەريان دەل مۇشۇ ئوخشاش بولمىغان ئۈچ خىل مەدەنىيەت تىپىنىڭ ئۆز ئارا كۈچ سىنىشىش، ئۈستۈنلۈك تالىشىش جەريانىدۇر. خەيرىيەت، يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ تارىختىكى زىلزىلىسى قانچىلىك كۈچۈك ، ۋەھىمىسى قانچىلىك قورقۇنچلۇق بولىشىدىن قەتىي نەزەر، تېرىم مەدەنىيىتىنىڭ ئۈنسىز جىلۋىسى ۋە ناز كەرەشمىسىگە تولغان غىدىقلاش لىرى بىلەن دېڭىز مەدەنىيىتىنىڭ توسۇۋالغىلى بولمايدىغان شاۋقۇن-سۈرەنلىرى ئاخىرقى ھېسابتا ئۇنى تارىخ سەھنىسىدىن سىقىپ چىقاردى. لېكىن، مەيلى تېرىم مەدەنىيىتى بولسۇن ياكى دېڭىز مەدەنىيىتى بولسۇن، ئۇلارنىڭ غالىبانە ئەسلىمىلىرىدە يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ سەلتەنەتى ئاخىرلاشقان ئۇزاق يىللارغىچە ئات تۇياقلىرىنىڭ دۈپۈرلەشلىرى دە ئەكس ئېتىدىغان ۋەھىمىلىك تۇيغۇلار ئاداققىچە ساقلىنىپ قالدى. شەرقى تېرىمچىلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈگىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان <ھون لار يوقالمىغىچە جاھان تىنجىماس > دېگەن ماقالە بىلەن ياۋروپالىقلارنىڭ <يۇنان ياسايدۇ، تۈرك بۇزىدۇ > دېگەن ماقالە دەل ئاشۇ ۋەھىمىلىك ئەسلى مىنىڭ يالدامىسى دۇر.
شەرقتە چوڭ-كىچىك ھىنگان تاغلىرىدىن تارتىپ غەربتە قارا دېڭىزغىچە بولغان چەكسىز ئۇزاق دالىدا_ ئىچكى ۋە شىمالى ئاسىيانىڭ شىۋاق ھىدى گۈپۈلدەپ تۇرغان بىپايان يايلاقلىرىدا ھەم شەرقتىكى تېرىم مەدەنىيىتىگىمۇ، ھەم غەربتىكى دېڭىز مەدەنىيىتىگىمۇ ئوخشىمايدىغان كۆچمەنچى مىللەتلەرنىڭ ئاتلىقلار مەدەنىيىتى يارىتىلغان ئىدى. بۇ خىل مەدەنىيەت مەلۇم بىر مىللەتنىڭ ئۈزلۈكسىز، جاھىلانە داۋاملاشتۇرىشىدا ئەمەس، بەلكى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى كۈچىيىپ، شاللىنىپ تۇرىدىغان يايلاق مىللەتلىرىنىڭ كۈچ ئۇلاش شەكلىدىكى نۆۋەتلىشىپ تۇرىدىغان سەلتەنىتىدە ھاسىل بولغان ئىدى. شۇڭا، شىمالدا بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى تارىخ سەھنىسىگە چىققان ھون لار، رۆرەنلەر، سىيانپىلار، تۈركلەر، ئۇيغۇرلار، قىرغىزلار، كىدان لار، موڭغۇللار ۋە مانجۇ لارنىڭ ھېچ قايسىسى يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ تەنھا ياراتقۇچىسى بولالمايتتى. ئۇلارنىڭ ھەر قايسى سىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئۈلۈشى بار ئىدى. شۇڭا، بۇ خىل مەدەنىيەت ھەر قايسى كۆچمەنچى مىللەتلەرنىڭ زەنجىرسىمان ھالەتتىكى ئۇلىنىشى ۋە ئاڭسىز رەۋىشتىكى داۋاملاشتۇرىشى جەريانىدا بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولغانىدى. لېكىن، تارىختا شۇنىسى ئېنىقكى، شىمالى ۋە ئىچكى ئاسىيا رايونىدىكى بۇ بەلباغ نۇرغۇنلىغان كۆچمەنچى مىللەتلەرنى پەيدا قىلغان، ئاۋۇندۇرغان ۋە تارىخ سەھنىسىگە چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئۇزاققىچە كاپالەتكە ئىگە قىلالايدىغان جۇغراپىيەئى زونا ئەمەس ئىدى. بىر مەزگىللىك قىزىققان لىق ئارىلاشقان سەلتەنەتتىن كېيىن يا كۆچۈشكە مەجبۇرى بولۇش، يا تېرىم مەدەنىيىتىنىڭ سىرلىق قوينىغا سىڭىپ كېتىش ئۇلارنىڭ ئورتاق قىسمىتى ئىدى. شىمالىي ئاسىيانىڭ تارىخ سەھنىسىدە ئۇزۇن مەزگىل سەلتەنەت سۈرگەن ھون لارنىڭ ئەڭ ئاخىرى ئۆزى ئاۋۇغان زېمىندا پۇت تىرەپ تۇرالماي، ئاستا-ئاستا غەربكە سۈرۈلۈپ ياۋروپادىكى دو ناي دەرياسى ۋادىسىغا سىڭىپ كېتىشى؛ ئۆتۈكەن تاغلىرىنى مەركەز قىلىپ شىمالى ئوتتۇرا ئاسىيانى بىرلىككە كەلتۈرگەن كۆكتۈركلەنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئۇزاق كۆچۈشلەرنى بەشىدىن كەچۈرۈپ كىچىك ئاسىيادىكى ئاناتولىيە يېرىم ئارىلىغا ماكانلىشىشى؛ ئورخۇن دەرياسى بويىدا باش كۆتۈرۈپ شىمال نى بىر مەھەل ئىدارە قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادىيە 840-يىلىغا كەلگەندە غەربكە كۆچۈشكە مەجبۇرى بولۇپ، تەڭرىتاغ ئېتەكلىرى بىلەن تارىم ۋادىسىغا يەرلىشىشى؛ يېنسەي دەرياسىنىڭ باش ئېقىمىدا كۈچەيگەن قىرغىز لارنىڭ نۇرغۇنلىغان ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ئىسسىق كۆل بويىغا قايتىپ كېلىشى؛ سەددىچىن نىڭ شىمالىدا كۈچىيىپ، غەربىي شىمال نى بىر مەھەل پاراكەندە قىلغان كىدانلارنىڭ كېيىنچە تارىخ يۈزىدىن ئىز-تىز سىز غايىپ بولىشى؛ ئەسىردىن كېيىن، ياۋرۇپا-ئاسىيا دالىلىرىنى تىترەتكەن موڭغۇللارنىڭ ئاستا-ئاسرا تارىخ سەھنىسىدىن چۈشۈپ قېلىشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟.....ئۇلار نېمە ئۈچۈن ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئاشۇ سىرلىق زونىدا پەيدا بولۇپ ۋە گۈللىنىپ، يەنە ئاشۇ سىرلىق زونىدا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ!؟

[1] [2] [3] [4] [5] [6] [7] كېيىنكى بەت

         كۆرۈلۈشى:2498     قوشۇلغان ۋاقتى:2010/8/28 11:57:07يوللىغۇچى ئەزا:xirinim

    
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سىرلىقلىقىڭىزنى يوقاتماڭ
سىرلىقلىقىڭىزنى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
چاچ چۈشۈشنى كەلت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھەددىدىن زىيادە رومانتىكلىقمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ
ھەددىدىن زىيادە ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزە ئۆپكىنى ئاسرايدۇ
سەۋزە ئۆپكىنى ئا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مېۋە پوستى بىلەن...
مېۋە پوستى بىلەن..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دۇنيادىكى ئەڭ توغرا پىسخېكا سىنىقى
دۇنيادىكى ئەڭ تو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارنىڭ جورا تاللاشتىكى يېڭى چارىسى
ئاياللارنىڭ جورا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:«ئەر-خوتۇنلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ» نىڭ ھەقىقىي سىرى
«ئەر-خوتۇنلار ئو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەر -ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار
ئەر -ئاياللار ھەق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت
ھازىرنىڭ ئۆزى بە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تەنھالىق ئىنسانغا نىسبەتەن‹‹يۇشۇرۇن قاتىل ››ئىكەن
تەنھالىق ئىنسانغ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساپما كەشنىڭ زىيىنى تولا
ساپما كەشنىڭ زىي..

ئالدىنقى ماقالە:مەدەنىيلىشىشمۇ، ياتلىشىشمۇ؟
كېيىنكى ماقالە:قىز ئوغۇلارنىڭ پەرقى مۇنداق بولىدۇ
{ كۆچۈرۈش } { بېسىپ چىقىرىش }
 
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭ

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  新ICP备10001556号