Article Center - ماقالە مەركىزى - تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قىشتا يىسە پايدا قىلىدىغان 3 خىل يىمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇلۇغ قۇربان ھېيىتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلىۋېلىڭ!
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:نېمە ئۈچۈن ئاياللار توڭغاق كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇخلاشتىن بۇرۇن يىيىشكە بولمايدىغان يەتتە خىل يېمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاچچىق ئانار ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساغلاملىق يېمەكلىكى ــ قوناق ئۇنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارغا پايدىلىق ئۈچ خىل خۇش پۇراق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماكا چېكىش ئوزۇقلۇقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
 

تېمىسى مەزمۇنى باھا
 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا مىكروبلار ئوڭاي يۇشۇرۇنۇۋالىدۇ
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يازدا ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر
يازدا ئاياللاردا دائى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:خانىم – قىزلار كۈندە ئۈچ قېتىم قاقاقلاپ كۈلۈپ بېرىش كېرەك
خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان يەتتە ئىش
تاماقتىن كېيىن قىلىشق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دېھقان
دېھقان
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان 9 خىل خىزمەت
ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيەدە ئەر-ئاياللار بىر يىلدا 312 قېتىم ئۇرۇشىدىكەن
ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىتىگە سەل قارىماڭ
كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ..
 
 

    


تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ

بىر مىللەتنىڭ بۈيۈك تاللاشقا دۇچ كەلگەن دەقىقىلىرى ھامان شۇ مىللەت تارىخىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ. ئۇزاق دەۋرلەر مابەينىدە مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي گەۋدىسى ئىچىگە ئاستا-ئاستا توپلانغان ، ئىچكى مەنىۋى قۇرۇلمىنى سۇغىرىلىپ كەلگەن يوشۇرۇن پىسخىك جۇغلانما دەل ئاشۇ بۈيۈك تاللاشقا دۇچ كەلگەن ھەل قىلغۇچ پەيتتە گويا يەر تېگىدە مىليون يىللار ئۇخلاپ ياتقان ماگمىدەك بىراقلا پارتلاپ چىقىشى مۇمكىن.. يەھۇدىيلارنىڭ ئەجدادى بولغان ئىبرايلارنىڭ مىسىر فىرەۋىنىنىڭ بىر قانچە يۈز يىللىق قۇل قىلىشىدىن كېيىن، مۇسانىڭ يېتەكچىلىكىدە مىڭبىر جاپا-مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ، ئانا ۋەتىنى-كەنان چۆللۈكلىرىگە قايتىپ كېلىشى ئۇلارنىڭ تارىخىغا قانچىلىك زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلمىدى؟ غەربى ھونلارنىڭ ئالتاي تاغلىرىدىن ئايرىلىپ، ئېدىل سۈيىنى كېچىپ، شەرقى ياۋروپا سازلىقلىرى ئارقىلىق دوناي ۋادىسىغا كىرىشى ياۋروپانىڭ قەدىمكى ۋەزىيىتىدە قانچىلىك زور داۋالغۇشلارنى پەيدا قىلىندى!؟....
تارىختا شۇنىسى ئېنىقكى، ھەر قانداق مىللەتنىڭ بىر ئۇلۇغۋار تاللاشقا دۇچ كېلىشى، تارىخى خاراكتېرلىك چوڭ كۆچۈش كە مەجبۇر بولىشى ۋە ياكى مەلۇم بىر سىرتقى مەدەنىيەتنىڭ قاتتىق غىدىقلىشىغا ئۇچرىشى ھامان ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى يوشۇرۇن ھاياتىي كۈچىنى ۋە پىسخىك قۇرۇلمىسىنى قايتىدىن يېڭىلايدۇ ۋە ئۇنىڭغا يېڭى مەزمۇن قوشىدۇ .دەرۋەقە، چوڭ كۆچۈش ۋە تاللاش لارنىڭ ھەممىلا مىللەتنىڭ تارىخىغا بۈيۈك پروگرېسسىيىلەرنى ئېلىپ كېلىشى ناتايىن. سىرتقى غىدىقلاش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ھەر قانداق ئۇلۇغۋار پروگرەسسىۋە ئەڭ ئالدى بىلەن شۇ مىللەت ۋۇجۇدىدىكى م ئىللى گىن بىلەن پىسخىك ئېنېرگىيىنىڭ ئىككى مەدەنىيەتنىڭ ئۇچرىشىشىدىن قانچىلىك رول ئوينىغانلىقىنى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
مىلادىيە 840- يىلىدىكى چوڭ كۆچۈش مىللىتىمىز تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن زور ۋەقە بولدى. بۇ قېتىمقى كۆچۈش ئۇيغۇر تارىخى نىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تارىخى نىمۇ ئۆزگەرتىۋەتتى.
شىمالى ئاسىيانىڭ شاۋقۇن- سەرەڭە تولغان دالىلىرىدا، ئانا تەبىئەتنىڭ پايانسىز قوينىدا، ئۇچقۇر ئاتلارنىڭ كىشنەشلىرى دە ،ئوقيا نىڭ كۈرەشلىرىدە يېتىلگەن بۇ روھ قانداق قىلىپ تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئانا بالىياتقۇسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان پىنھان چوڭقۇرلۇقىغا جەلپ قىلىندى؟ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان، بىر پۈتۈن مىللەت گەۋدىسى بىلەن ھالاكەتلىك سىن ئاققا دۇچ كەلگەن بۇ خەلقى پەقەت تارىم ۋادىسىدىكى ئەسلىدىن بار بولغان قېرىنداشلىرىنىڭ قوينىدىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە ياشاش شارائىتىنىڭ ئەبەدىيلىك ئىمكانىيىتىنى بايقىغانىدى. ئارىدىن مىغ يىلدىن ئارتۇق ۋاقتى ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، بىز تارىم دىكى ئاشۇ قېتىملىق زور قوشۇلۇش نىڭ نەقەدەر توغرا تاللاش بولغانلىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلدۇق. ئورخۇن ۋادىسىدىن جەنۇبقا -سەددىچىن نىڭ ئىچىگە كۆچكەن ئەجدادلىرىمىز قانداق قىلىپ ئىز-تىلسىز غايىپ بولدى؟ خوشى كارىدورغا كۆچۈپ، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان بىر بۆلەك ئۇيغۇرلار نىمە ئۈچۈن ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۆزلىرى ئۇچراشقان يەرلىك تېرىم مەدەنىيىتىنىڭ چوڭ تۈگمىنىگە سىڭىپ كېتىشتى؟ ئۆز مەنىسى بىلەن ئېيتقاندا، تېرىم مەدەنىيىتىنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان جىلۋىسى بىلەن شەرقچە سەۋر-تاقەتكە ۋە ئىچكى سۈكۈناتقا باي خاراكتېرىنىڭ ئۈزلۈكسىز، تىنىمسىز غىدىقلىشى قىزىققان، تەنتەك خاراكتېرىغا ئىگە «گرانت كاللىلىق» بۇ ئاتلىقلارغا ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ روھى ئېنىرگىيىسى بىلەن تۇتۇپ تۇرغۇدەك ئىمكانىيەت بەرمىگەنىدى. ھالبۇكى، بۇخىل ئىمكانىيەتنى مىللىتىمىزنىڭ غەربكە كۆچكەن زور بىر قىسمى تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ ياشاشقا باشلىغان دەقىقىلەردىن باشلاپ رەسمى ئىشقا ئاشۇردى.
ئەتراپنى ھەيۋەتلىك تەڭرى تېغى بىلەن قۇرۇم تاغلىرى ئوراپ تۇرغان، دېڭىز ئوكيانلاردىن يىراق، ئىقلىمى قۇرغاق، ھۆل يېغىن مىقدارى ناھايىتى ئاز بولغان ئاسىيا رايونىدىكى پىنھان چوڭقۇرلۇق_ تارىم ئويمانلىقى ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى بىر بالياتقۇغا ئوخشايدۇ. بۇنىڭدىن بەش مىڭ يىللار مۇقەددەم ياۋروپا-ئاسىيا يايلاقلىرى دىنتانغا سۈرۈلگەن ئېگىز بوي، كۆك كۆز، قاڭشارلىق ۋە بۇرۇت ساقاللىق كەلگەن ئارىيانلار تەڭرى تاغلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ بۇ سىرلىق بالىياتقۇدا ئۆز ئىزلىرىنى قالدۇرغان ئىدى. شۇندىن باشلاپ ياۋروپا ئىرقىغا مەنسۇپ بىر قىسىم كۆچمەنچى قوۋملەر تارىم ئويمانلىقىدىكى يەرلىك ئاھالە بىلەن ئۆز ئارا قوشۇلۇپ نىسبەتەن مۇرەككەپرەك بولغان ئىرقى تەركىبىنى، تېرىم ئىگىلىكىگە مەنسۇپ بولغان مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلدى. مىلادىيە ئىخ ئەسىردىكى بۈيۈك ئۇچرىشىش تىن خېلى زامانلار ئىلگىرىلا تارىم ئويمانلىقىدىكى شەرق بۇددىزم روھىدىن تويۇنغان، ئاياللىق خاراكتېرگە ئىگە يەرلىك مەدەنىيەت خېلى دەرىجىدە يۈكسەلگەن ئىدى. يەنە كېلىپ، مەزكۇر مەدەنىيەت نىسبەتەن مۇقىم بولغان بوستانلىق ھاياتى داۋامىدا ئۆزىدە يۇمشاق، خۇشخۇي، زىلۋا خاراكتېرنى يېتىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان ئەرلىك خاراكتېرگە ئىگە كۇچتۇڭگۇر بىر مەدەنىيەتنىڭ ئۆزىگە ئۇرۇلۇشى ئىستەپ كەلگەنىدىم. نەتىجىدە مىلادىيە 840 - يىلدىن كېيىنكى بۈيۈك قوشۇلۇش بۇ غايەت زور بالىياتقۇ ئىچىدىكى تۆرەلمىنى يېپيېڭى ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلدى. موڭغۇل ئېگىزلىكىدىن غەربكە داۋاملاشقان بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك كۆچۈش جەريانىدا، ساقال-بۇرۇتلىرىنى قويۇق چاڭ-توزان باسقان، ئاتلىرى ھارغان، قاتتىق ھاردۇق يەتكەن ئەجدادلىرىمىز تارىم ئويمانلىقىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ سىرلىق بالىياتقۇنىڭ قوينىدا قانغۇچە ئۇخلىۋېلىشقا، ئۆز ۋۇجۇدىدىكى ھالسىراپ قالغان پىسخىك ئېنىرگىيىنى قايتا تولۇقلىۋېلىشقا ئىمكانىيەت تاپتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ روھى چوڭقۇرلۇقىدىكى ئىچكى پىسخىك جۇغلانما يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ سۈركىلىشى بىلەن رادىئاتسىيىلىنىپ، تارىم ۋادىسىدا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان مەدەنىيەت گۈللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ سىرلىق بالىياتقۇ ئىچكى ئاسىيادىكى بىر پىنھان زونا بولۇشىغا قارىماي، شەرقتە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى، جەنۇبقا ھىندى مەدەنىيىتى، غەربتە ئەرەب-پارىس مەدەنىيىتى ۋە يۇنان مەدەنىيىتى، شىمالدا يايلاق مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئۆز ئارا ئۇچرىشىشىغا، ئۆتۈشىشىگە، سۈركىلىشىگە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغان مۇھىم تۈگۈن ئىدى. شۇڭا، قۇرۇقلۇقتىكى يىپەك يولىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنىڭ كېلىشى، ئىخ ئەسىردىن كېيىن تامامەن ئۇيغۇنلاشقان تارىم ۋادىسىدىكى بوستانلىق مەدەنىيىتىنى يوشۇرۇن ئېنرتسىيە بىلەن تەمىن ئەتتى. تارىم ۋادىسىدىكى بۈيۈك قوشۇلۇشنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى ھەر قايسى ئۇرۇق قوۋملەرنىڭ ئوموميۈزلۈك يۇغۇرلۇشى ۋە ئۇيغۇر گەۋدىسىنىڭ ئېتنىك تەركىبىگە ئۇيۇشىشى بىلەن خاراكتېرلەندى. نەتىجىدە بۇ بۈيۈك قوشۇلۇش ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى ئاچتى. خۇددى ياپونىيە ئالىمى خانىدا تورو ئېيتقاندەك: «بىر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى كۆپىنچە ھاللاردا شۇ مىللەتنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن قانچىلىك دەرىجىدە ئۇچراشقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك». كولومبو ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىنى تاپقاندىن كېيىنكى 300 يىل مابەينىدە ئەنئەنىۋى ئاساسى بولمىغان ئامرىكا مەدەنىيىتى نېمىشقا كىشى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە تېز تەرەققى قىلدى؟ تەرەپ-تەرەپتىن بۇ يېڭى قۇرۇقلۇققا ئاققان تەۋەككۈلچىلىك روھىغا باي ياۋروپا كۆچمەنلىرى قانداق قىلىپ يېڭى دۇنيادىكى«مەدەنىيەت ۋاكۇئۇمى»نى بۇزۇپ تاشلىدى؟ بىر قېتىملىق خەلقئارالىق چوڭ زىياپەت سورۇنىدا يۈز بەرگەن مۇنداق قىزىقارلىق ۋەقە بىزگە يېڭى قۇرۇقلۇقنىڭ تەرەققىيات تىلسىمىنى كۆرسىتىپ بەردى: ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئاشۇ قېتىملىق زىياپەتتە جۇڭگولۇقلار، رۇسلار، فرانسۇزلار، گېرمانلار ۋە ئىتالىيانلار بەس-بەس بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مىللى مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى كۆز-كۆز قىلىپ ماختىنىپتۇ. پەقەت ئامېرىكىلىقلارلا پىسىڭڭىدە كۈلۈپ قويۇپ ئېغىز ئاچماپتۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەقسىتىنى تېخىمۇ ئوبرازلىق ۋە قايىل قىلارلىق قىلىپ ئىپادىلەش ئۈچۈن مىللى ئالاھىدىلىكىنى، مىللىتىنىڭ ئۇزۇن تارىخىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان داڭلىق ھاراقلىرىنى چىقىرىپ بىر-بىرىگە قەدەھ تۇتۇپتۇ: جۇڭگولۇقلار پۇرىقى دىماقنى غىدىقلاپ تۇرىدىغان ماۋتەي ھارىقىنى، رۇسلار ۋودكىسىنى، فرانسۇزلار شامپان ھارىقىنى، ئىتالىيانلار ۋىنوسىنى، گېرمانلار ۋېسكىسىنى رومكىلىرىغا قۇيۇپ، قەدەھ كۆتۈرۈشۈپتۇ. نۆۋەت ئامېرىكىلىقلارغا كەلگەندە، ھەرخىل ھاراقلاردىن ئاز-ئازدىن قۇيۇپ، ئارىلاشتۇرۇپ، قەدەھ كۆتۈرۈپتۇ _ دە، «مانا بۇ ئەبجەش كوكتېيل ھارىقى. بۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ «ئۇنۋېرساللىق _ ئىجادىيەت دېمەكتۇر» دېگەن مىللى روھىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ» دەپتۇ.
دېمەك، كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، تارىخى 300 يىلغا يەتمەيدىغان ياش ئامېرىكا مەدەنىيىتى _ يېڭى قۇرۇقلۇق بايقالغاندىن كېيىنكى مىللەتلەرنىڭ چىڭ قوشۇلۇشىدىن شەكىللەڭەن ئارىلاشما مەدەنىيەتتۇر. ئۇلارنىڭ مىللى مەدەنىيىتىنى بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلىپ تۇرغان پىسخىك تىندۇرمىسىدا تەۋەككۈلانە روھقا باي ياۋروپا كۆچمەنلىرىنىڭ، ياۋايى جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان قىزىل ئەتلىك ئىندىئانلارنىڭ، دېڭىز ئوكيانلارنى كېچىپ، يېڭى قۇرۇقلۇققا قۇللۇققا ئېلىپ كېلىڭەن ئافرىقا نېگىرلىرىنىڭ مەدەنىيەت گېنلىرى مەۋجۇت. شۇڭلاشقا، كۆپ خىل ئېرىق ۋە مىللەتلەرنىڭ چىڭ قوشۇلۇشىدىن يوشۇرۇن ئېنېرگىيىگە ئېرىشكەن ئامېرىكا مەدەنىيىتى پارتلاش خاراكتېرلىك تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى.
مىلادىيە IX ئەسىردىكى تارىم ۋادىسىدا يۈز بەرگەن مىللەتلەرنىڭ چوڭ قوشۇلۇشى مۇ ئۆزىگە دەل شۇنداق يوشۇرۇن ئېنىرگىيىنى ئۇچرىغانىدى. چۆللۈكنىڭ شىمالىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ گەۋدىسىگە تارىم ۋادىسىدىن ساك، تۈرى قاتارلىق ياۋروپا ئارقىغا مەنسۇپ قەدىمقى مىللەتلەر، چارۋىچىلىقىنى ئاساس قىلىپ، كۆچمەن تۇرمۇش كۆچۈرىدىغان موڭغۇل ئارقىغا تەۋە قوۋم لار ، خېلى بالدۇرلا تۈركلەشكەن ئوتتۇرا ئاسىيا توپىغا مەنسۇپ يەرلىك خەلقلەر زىچ يىغلاشقانىدى .نەتىجىدە، تارىم دىكى بۇ بۈيۈك ئۇچرىشىشى يېڭىدىن ھاياتى كۈچكە ئېرىشكەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە نىسبەتەن مۇقىم بولغان ئىچكى ماھىيەتلىك قۇرۇلما ۋە پىسخىك جۇغلانما تەگدىم قىلدى. دۇنيا مەدەنىيەت تارىخى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك قوشۇلۇشىدىن شەكىللەڭەن پىسخىك ئەندىزە ھامان سىرتقى مەدەنىيەتلەرنىڭ غىدىقلىشىغا نىسبەتەن يەكلەش پوزىتسىيىسىنى ئەمەس، بەلكى قوبۇل قىلىش، مايىل بولۇش خاھىشىنى ئىپادە قىلىدۇ. شامان دىنى بىلەن خاراكتېرلىنىدىغان ئالتاي مەدەنىيەت چەمبىرىكى ئىچىدە ھاياتلىق پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى قانداقلارچە شامان دۇنياسى ئىچىدە تۇرۇپ مەنىي دىننى قوبۇل قىلالىدى؟ مىڭ يىللاردىن ئارتۇق ۋاقتى شەرقى بۇددىزم روھى بىلەن تويۇنۇپ كەلگەن تارىم ۋادىسىدا ئىسلام دىنى نىمە ئۈچۈن شۇنچە تىز ئومۇملاشقانلىرى؟ بىزنىڭ قارىشىمىزغا، بۇددىزمى مەدەنىيىتى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان تارىم ۋادىسىدا ئىسلامىيەتنىڭ تىز سۈرەت بىلەن كېڭىيىشىنى ئەرەب خەلىپىسى مىڭ ۋالىلداپ تۇرغان شەمشەرنى ئەمەس، بەلكى بۈيۈك قوشۇلۇش تىن كېيىنكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت پىسخىكىسىدىكى تاش مايىللىقى ئەندىزە بەلگىلەڭەن. چۈنكى ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى بىر-بىرىگە باغلىغان يىپەك يولى ئېلىپ كەلگەن ئالەمشۇمۇل جۇغراپىيىسى ئەۋزەللىك IX - VIII ئەسىرلەردىكى تارىم ئورمانلىقىنى، تۆت تەرەپكە قارىتىپ دەرىزىسى ئېچىۋېتىلگەن ئۆيگە، گۈللەرنىڭ رەڭ - پۇرىقىغا قارىماي شىرنە يىغىدىغان ھەسەل ھەرىسىگە ئايلاندۇرغانىدى. شۇڭلاشقا، بۇ خىل ئىمكانىيەت ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئالتۇن دەۋرىنى ئاچتى. ئىسلام تۈسى قويۇق بولغان قاراخانىيلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن بۇددىزمى روھىدىن تويۇنغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بۈيۈك قوشۇلۇشىدىن كېيىنكى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان روھى تىندۇرىمى ئىچىدە ئاجايىپ گۈللىنىش مەنزىرىسىگە ئېرىشتى. ئوتتۇرا ئەسىردىن تارتىپ يېقىنقى زامان ۋە ھازىرقى زامانغىچە بولغان ئۇزاق تارىخى دەۋرلەردە شەكىللەڭەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت پىسخىكىسىنى خېمىرتۇرۇچىنى ۋە غول تومۇرىنى دەل ئاشۇ بۈيۈك قوشۇلۇش تىن كېيىنكى جۇشقۇن روھى تىندۇرىمىز ھاسىل قىلغانىدى. ئۇنىڭ ئىچكى تەركىبى بىلەن ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى - ئەرلىك دىن بىلەن ئاياللىق دىننىڭ، ياۋايى جەسۇرلۇق بىلەن خۇشخۇي تەمكىن لىكنىڭ، شىۋاق ھىدى بىلەن بازار كۈيىنىڭ ،ساددا شېئىرىيەت بىلەن سوغۇققان پەلسەپە نىڭ، شۇنداقلا جاسارەت بىلەن نازاكەتنىڭ، ھېسىيات بىلەن ئەقىلنىڭ ئۆز ئارا ئۇچرىشىشىدا مەزمۇن تاپقان ئىدى. تارىم ئويمانلىقىدىن ئىبارەت بۇ سىرلىق بالىياتقۇدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت پىسخىكىسىنىڭ كۆپ خىل مەدەنىيەت گېنلىرىدىن رەڭ ئالغان؛ گاھ ھاياجانلىنىپ، گاھ پەسكويغا چۈشۈپ تۇرىدىغان؛ قۇرغاق ئەمما ئۆزىنى ھەر ۋاقت سۇغىرىپ تۇرۇشنى ئىستەيدىغان؛ ئىچكى پىنھان ئازابلارغا مەپتۇن بولۇپ ئۆتۈشتىن كۆرە سىرتقى، يىراقتىكى غايىۋى مەنزىرىلەرگە تەلپۈنىدىغان تۆرەلمىلىرى ئاستا-ئاستا يېتىلمەكتە ئىدى.

ئالدىنقى بەت [1] [2] [3] [4] [5] [6] [7] كېيىنكى بەت

         كۆرۈلۈشى:2637     قوشۇلغان ۋاقتى:2010-8-28 11:57:07يوللىغۇچى ئەزا:xirinim

    
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سىرلىقلىقىڭىزنى يوقاتماڭ
سىرلىقلىقىڭىزنى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
چاچ چۈشۈشنى كەلت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھەددىدىن زىيادە رومانتىكلىقمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ
ھەددىدىن زىيادە ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزە ئۆپكىنى ئاسرايدۇ
سەۋزە ئۆپكىنى ئا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مېۋە پوستى بىلەن...
مېۋە پوستى بىلەن..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دۇنيادىكى ئەڭ توغرا پىسخېكا سىنىقى
دۇنيادىكى ئەڭ تو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارنىڭ جورا تاللاشتىكى يېڭى چارىسى
ئاياللارنىڭ جورا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:«ئەر-خوتۇنلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ» نىڭ ھەقىقىي سىرى
«ئەر-خوتۇنلار ئو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەر -ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار
ئەر -ئاياللار ھەق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت
ھازىرنىڭ ئۆزى بە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تەنھالىق ئىنسانغا نىسبەتەن‹‹يۇشۇرۇن قاتىل ››ئىكەن
تەنھالىق ئىنسانغ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساپما كەشنىڭ زىيىنى تولا
ساپما كەشنىڭ زىي..

ئالدىنقى ماقالە:مەدەنىيلىشىشمۇ، ياتلىشىشمۇ؟
كېيىنكى ماقالە:قىز ئوغۇلارنىڭ پەرقى مۇنداق بولىدۇ
{ كۆچۈرۈش } { بېسىپ چىقىرىش }
 
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭ

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  新ICP备10001556号