|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
ئەنگىلىيەدە ئەر-ئاياللار بىر يىلدا 312 قېتىم ئۇرۇشىدىكەن
|
|
|
ئەنگىلىيەدىكى بىر تور بېكەتنىڭ كۆرسىتىشىچە، تۇرمۇشتىكى ھەر خىل ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارمۇ ئەر-ئاياللارنىڭ ئۇرۇشۇشىدىكى «پىلتە» بولالايدىكەن. بىر جۈپ ئەر-ئايال ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 312 قېتىم ئۇرۇشىدىكەن، پەيشەنبە كۈنى كەچ سائەت سەككىز دەل «جەڭ» باشلىنىدىغان، ھەتتا «توقۇنۇش» يوقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلىدىغان ئەڭ ھالقىلىق ۋاقىت ئىكەن. ئەنگىلىيەدىكى بۇ تور بېكەت تەخمىنەن 3000 قورامىغا يەتكەن ئادەمنى تەكشۈرگەن بولۇپ، ئۇلار قانداق ئىشلارنىڭ ئەر-ئاياللار ئوتتۇرسىدا توقۇنۇش پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئىكەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەر-ئاياللار ئەڭ ئاسان توقۇنۇش پەيدا قىلىدىغان ئىش ۋاننىدا يىغىلىپ قالغان چاچ ئىكەن. ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئورۇندا تۇرىدىغىنى تەرەت تۇڭىدىكى داغلار ئىكەن. ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئورۇندا تۇرىدىغىنى تىلۋىزور قانىلىنى ئالماشتۇرۇش، تازىلىق ئۆيىدىكى قەغەزنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرماسلىق، تەرەت قاچىسىنىڭ ياپقۇچىنى ياپماسلىق، چىراقنى ئۆچۈرمەسلىك، ئىشلەتكەن ئىستاكاننى قالايمىقان قويۇش قاتارلىقلار ئىكەن. ئاياللارنى ئەرلەرنى ئەڭ ئاسان ئاچچىقلىتىدىغان ئىشى سىرتقا چىقىدىغان ۋاقىتتا بەك كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ ياسىنىش، ئۇنىڭدىن قالسا ئۆي ئىشلىرى توغۇرلۇق ۋاتىلداش ئىكەن. ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئورۇندا تۇرىدىغىنى چىراقنى ئۆچۈرمەسىلىك، بىر نەرسىلەرنى تاشلىۋېتىشكە كۆزى قىيماسلىق، ئەخلەت چېلىكىنى ۋاقتىد تازىلىماسلىق، قەغەزنى قالايمىقان تاشلاش قاتارلىقلار ئىكەن. «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» باھالاپ مۇنداق دىگەن: «ئۇرۇش پەيدا قىلىدىغان كۆپ قىسىم سەۋەپلەر ئادەمنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدۇ، لىكىن بۇنى ھەل قىلىشقا ئامال يوق. ئەگەر ھەممە ئادەم ياخشى ئادەت يېتىلدۈرسە، ئۆينىڭ مەينەت بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ» دىگەن. |
كۆرۈلۈشى:3219 | قوشۇلغان ۋاقتى:2011/1/20 14:18:20 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|