يېقىندا چەتئەلدە ئېلان قىلىنغان تەتقىقات نەتىجىسىدە مۇنداق دىيىلدى« بۈگۈنكى كۈندە ساپما كەش مودىغا ئايلاندى، ئەمما بۇ خىل كەش پۇت تېرىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوياش نۇرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراش مومكىنچىلىكىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ، ئەمما كىشىلەر كۆپ ھالدا پۇتىغا كۈن نۇرىدىن ساقلىنىش مېيى سۈركەش ياكى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشنىڭ موھىملىقىنى يادىدىن چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆزىمىزمۇ سەزمىگەن ھالداتېرە راكىغا گىرىپتار بولۇش ئىمكانىيىتىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ.
پۇتتا كۆرۈلىدىغان تېرە راكىغا پۇتتا ئۆسمە پەيدا بولۇش شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ، كۆپ ھاللاردا پۇتنىڭ ئاستى ، پۇت بارماقلىرىنىڭ ئارىسى ۋە پۇت تىرناقلىرى ئاستىدا پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل پۇت ئۆسمىلىرى ئاساسەن ئاغرىمايدىغن ياكى ئادەمنى بىزار قىلمايدىغان بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى تازا تارتىپ كەتمەيدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ، دېققەت قىلىشقا تىگىشلىك نوقتا شۇكى، ئەگەر بالىلىق مەزگىلىدە پۇت دائىم كۈن نۇرىغا قاقلانسا ، ئۇنداقتا يامان سۈپەتلىك راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ» .