|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ
|
|
|
ئۈچىنچى، كۆپ قېتىملىق ئېتىقاد كىرزىسىدىن كېلىپ چىققان «قايتىدىن قۇرۇش» پىسخىكىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چەت ئەللەر بىلەن بولغان بېرىش-كېلىشنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى قاتارلىق بىر قىسىم چوڭ شەھەرلەردە يوشۇرۇنچە چېركاۋلارنى زىيارەت قىلىپ تۇرىدىغان، مىلاد بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشكە قاتناشقانلىقىدىن ھاياجانغا چۆمىدىغان، ئىنجىل تەرجىمىلىرىنى تارقىتىشقا ئۇرىنىۋاتقان، بوينىغا <كىرىست>شەكىللىك ئالتۇن رەڭ مىدالىئون ئېسىۋالىدىغان بىر قىسىم ياشلار پەيدا بولۇپ قالدى. بۇ ھال كىشىگە مىللىتىمىز يەنە بىر قېتىملىق ئېتىقاد كرىزىسىنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتامدۇ-قانداق؟ دېگەن ۋەھىمىنى سېلىپ، ئادەمنىڭ توۋا دېگۈسىنى كەلتۈرىدۇ. شۇنداق، توۋا دەيمىز، ئەمدى بولدى، بەس! مىللىتىمىز ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن بىر قانچە قېتىملىق ئېتىقاد كررزىسى بىزگە ئاز بولمىغان ساۋاقلارنى قالدۇرۇپ كەتتى. مىلادىيە ۋىئىئى ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا، گۈللەنگەن دەۋرگە كىرگەن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدا لوياڭدىن چىققان تۆت نەپەر مانى دىنى راھىبى يوقىرى قاتلام ئىچىدە ھەدەپ دىن تارقاتتى، نەتىجىدە ئۇزاق ئۆتمەيلا خانلىق تەۋەسىدە مانى دىنى ئەۋج ئېلىپ، شىمالى ئاسىيانىڭ جەڭگىۋار يايلاق ھاياتىغا ماسلاشقان شامان دىنى قاتتىق خىرىسقا دۇچ كەلدى. شامانىزم ئېتىقادىدىن مانى دىنىغا كۆچۈش پۈتكۈل مىللەتنىڭ روھى دۇنياسىدا ئىلگىركى ھەممە نەرسىنى ئىنكار قىلىپ، قايتىدىن قۇرۇشتەك مەنىۋى ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ، مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى تۇنجى قېتىملىق كرىزىسنى پەيدا قىلدى.<مانى دىنى ئۆز تەلىماتلىرىدا جانلىقلارنى ئۆلتۈرۈشنى قەتىي مەنىي قىلاتتى. بۇھال يايلاق مۇھىتىدا ئۆزىدە ياۋايى جەسۇرلۇق ۋە كۈچتۈڭگۈرلۈك يېتىلدۈرگەن مىللى روھ بىلەن سىغىشالمايتتى>، ئەمىلىيەتتە، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ 840-يىلىدىكى زور ھالاكىتىدە ئاشۇ قېتىملىق كرزىسنىڭمۇ مۇئەييەن تەسىر لىرى بار ئىدى. ئۇيغۇرلار كەڭ كۆلەمدە غەربكە كۆچكەندىن كېيىن، موڭغۇل ئېگىزلىكىدىن ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئالغاچ كەلگەن شامان ۋە مانى دىنلىرىنى تاشلاپ، تارىم ۋادىسىدا زور گۈللىنىشكە ئېرىشكەن بۇددىزم ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى، نەتىجىدە يەنە بىر قېتىملىق ئېتىقاد كرزىسى يۈز بېرىپ، مىللەتنىڭ روھىيەت دۇنياسىدا <قايتا قۇرۇش>يەنە باشلاندى. چۈنكى ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەن مەزگىللەردە تارىم ۋادىسىدا بۇددىزم ئاللىقاچان مىڭ يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە بولۇپ قالغان ئىدى. تارىم ۋادىسىدا چوڭ قوشۇلۇشتىن كېيىنكى<قايتا قۇرۇش>تاكى خ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى بىر نۇرلۇق سەھەردە ئاتۇش دىيارىدىكى بىر جىلغىدا تۇنجى ئەزان ئاۋازى ياڭرىغانغا قەدەر داۋاملاشتى. مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقتتىن بۇيان، مىللىتىمىز روھى ماھىيىتىنى سۇغىرىپ كەلگەن بۇددىزم ئەقىدىسى ھاياتى كۈچى تولۇپ تاشقان يېڭى بىر دىننىڭ كۈچلۈك خىرىسىغا دۇچ كەلگەن ئىدى. بۇددىزم ئەقىدىسىدىن ئىسلامىيەتكە كۆچۈش مىللىتىمىز تارىخىدا كۆلىمى ئەڭ زور، پوزىتسىيىسى ئەڭ كەسكىن ، تەسىرى ئەڭ چوڭقۇر بولغان بىر قېتىملىق <قايتا قۇرۇش> ھەركىتى بولدى. ئىسلام دىنى بىر خۇدالىق دىن بولغاچقا، ئەقىدىدىكى مۇتلەق كەسكىنلىكنى تەلەپ قىلاتتى، شۇنداقلا ئۆزىدىن باشقا ھەرقانداق ئېتىقادنى ئىنكار قىلاتتى. قاراخانىلار تېررىتورىيىسىنىڭ ئىسلاملىشىشى تارىم ۋادىسىدىكى بۇددىزم مەدەنىيىتىگە قاخشاتقۇچ زەربە بەردى. بۇ قېتىمقى «قايتا قۇرۇش» تاكى خۋى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قۇمۇل رايونى تامامەن ئىسلاملاشقانغا قەدەر، بەش ئەسىردىن ئۇزاقراق ۋاقت جەريانىدا ئېلىپ بېرىلدى. بۇ جەرياندا بۇددىزم مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ھەرقانداق نەرسە مۇرەسسەسىز رەۋىشتە ئىنكار قىلىپ، خارابىگە ئايلانغان بۇددا ئىبادەتخانىلىرىڭ ئۈستىگە يېپيېڭى ئىسلام مەدەنىيىتى تىكلەپ چىقىلدى. دەرۋەقە، ھەرقانداق بىر دىن ئۆزىدىن ئاۋالقى دىنلارنىڭ تەسىرىنى تامامەن يوق قىلىۋېتىشكە قادىر ئەمەس، بەلكى ئىلگىركى دىنلارنىڭ بىرقىسىم مەدەنىيەت ئامىللىرىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ تاشلايدۇ. بىن بىر خىل ئېتىقاد تۈسىنى ئالغان ئاڭ فورماتسىيىسىگە مەنسۇپ نەرسە بولسىمۇ، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسىسى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا تارىخىمىزدا يۈز بەرگەن نۇرغۇن قېتىملىق ئېتىقاد كرىزىسى ۋە «قايتا قۇرۇش» ھەركىتى ئەمەلىيەتتە مەلۇم جەھەتتىن بىر خىل مەدەنىيەت كرىزىسى ۋە مەدەنىيەتتىكى «قايتا قۇرۇش» ھەرىكىتىدۇر. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مىللىتىمىز ھەر قېتىملىق ئېتىقاد ئالماشتۇرۇشقا دۇچ كەلگەندە، ئىلگىرىكى ھەممە سەرگۈزەشتىلىرىنى ، ئۆتمۈشىنى، مەدەنىيىتىنى، تەجرىبە ساۋاقلىرىنى بىراقلا ئىرغىتىپ تاشلىۋېتىپ، نۆلدىن باشلىنىدىغان يېڭى دۇنيانى تىكلەشكە ئۇرۇنىدىھگان «قايتا قۇرۇش» پىسخىكىسىنى تەكرارلاپ تۇردى. شۇڭا، مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى بۇخىل ھالەتنى گويا تەكلىماكان باغرىدىكى بىر كېچىدە قۇم ئاستىغا غايىپ بولىدىغان، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر يېڭى بوستانلىقنى قايتىدىن بەرپا قىلىشقا باشلايدىغان «قايتا قۇرۇش» روھىغا ئوخشىتىش مۇمكىن. ئۇيغۇرلار بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ تارىخى قىسمەتلىرىنى سېلىشتۇرساق نۇرغۇن ئوخشاشلىقلارنى بايقايمىز. ھەر ئىككى مىللەت ئوخشاشلا چۆل-جەزىرىدە بوستانلىق يارىتىپ ئاۋۇغان، تارىخى خاراكتېرلىك چوڭ كۆچۈشلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن (ئۇيغۇرلار ئورخۇن ۋادىسىدىن تارىم ئويمانلىقىغا كۆچكەن بولسا، يەھۇدىيلارنىڭ ئەجدادلىرى مىسىردىن كەنانغا، قەدىمكى بابىلدىن ئېروسالىمغا كۆچكەن)؛ھەر ئىككى مىللەت تارىختىن بۇيان تىجارەتنى ئۆزلىرىنىڭ مۇھىم ئىگىلىك شەكىللىرىنىڭ بىرى قىلغان، شۇنداقلا باشقا مىللەتلەردە كەم ئۇچرايدىغان سودا ئېڭىنى يېتىلدۈرگەن. ئۇنداقتا، بۈگۈنكى دۇنيادا يەھۇدىيلار قانداق قىلىپ ئەڭ ئىلغار مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى؟ ئاللىقاچان ئۆلگەن ئىبراي تىلىنى، قاتتىق خىرىسقا دۇچ كەلگەن مەدەنىيىتىنى نېمە ئۈچۈن تىرىلدۈرەلىدى؟ ئەمەلىيەتتە، يەھۇدىيلارنىڭ بېشىغا كەلگەن تالاي قېتىملىق ھايات-ماماتلىق تارىخى قىسمەتلەر بىزنىڭكىدىنمۇ ئېغىر بولغانىدى. ئۇلار ۋەتەنسىزلىك، خورلۇق ۋە ھالاكەت تەقدىر ئىچىدە ياشاۋېتىپ: <مەن مەندۈرمەن، مەندىن ئاۋۋال يەھۇدىيمەن> دېگەن ماقالىنىڭ مەنىسىنى مەڭگۈ ئېسىدە ساقلىدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا قۇمدەك چېچىلىپ كەتكەن يەھۇدى كۆچمەنلىرى ھەرخىل دىن، ھەرخىل مەدەنىيەتلەرنىڭ كۈچلۈك خىرىسىغا يەھۇدى دىنىنىڭ روھى ئارقىلىق جۇغلىغان مىللى مەدەنىيەت تىندۇرمىسى ئارقىلىق تاقابىل تۇردى. سىرتقى مەدەنىيەتلەرنىڭ ئىجابىي تەسىرلىرىنى يەھۇدىي دىنى ئارقىلىق داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتلەرنىڭ ئاساسىغا قوبۇل قىلدى. ئېھتىمال، دۇنيادا تارىختىن بۇيان، دىنى ئېتىقادىنى ئىزچىل ئۆزگەرتمەي كەلگەن مىللەت پەقەت يەھۇدىيلار بولسا كېرەك. ناتسىسىتلارنىڭ جازا لاگېرىدا، ياۋروپادىكى ئوخشىمايدىغان ئەللەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت مۇھىتىدا ئۆسكەن يەھۇدىي تۇتقۇنلىرىنىڭ ناھايىتى تېزلا ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىكتە كۈرەش قىلالىشى يەھۇدىي مىللىتىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى مۇستەھكەم مىللى روھىنىڭ سەۋەبىدىن بولغان. لېكىن، بىزدىكى كۆپ قېتىملىق ئېتىقاد ئالماشتۇرۇشلاردىن كېلىپ چىققان«قايتا قۇرۇش». «تۈنۈگۈننى ئۇنتۇپ بۈگۈنى يارىتىش» پىسخىكىسى مىللىتىمىزنىڭ ئاسان قىزىپ تېز سوۋۇيدىغان، ئۈزۈكلۈك ئىچىدە چاقناشنى ئىستەيدىغان، تىنىمسىز تەۋرىنىپ تۇرىدىغان خاراكتېرىنى بەلگىلەپ قويدى. مىللىتىمىزنىڭ شامان، مانى، بۇددىزم، زورۇئاستېر، نېستورى ۋە ئىسلام قاتارلق دىنلارنىڭ ھەممىسىگە بىر قېتىمدىن ئېتىقاد قىلىپ باققانلىقى، تالاي قېتىم يېزىق ئالماشتۇرغانلىقى، ئۆز تىلىدا نۇرغۇن تىللارنىڭ ئېلىمىنتلىرىنى ساقلىغاندەك تارىخى پاكىتلار ئۇلارنىڭ مۇرەككەپ، كۆپ قىرلىق خاراكتېرىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تۆتىنچى، ئارىلاشما مەدەنىيەت ئەندىزىسى ۋە غىدىقلىنىشنى شەرت قىلىدىغان روھى قۇرۇلما ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسى گەۋدىسى تارىم ئويمانلىقى، ئىلى ۋادىسى ۋە تۇرپان قومۇل ئويمانلىقلىرىدىكى يېشىل بوستانلىقلارنى مەركەز قىلغان تېرىم مەدەنىيىتىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىل مەدەنىيەت شەرقنىڭ چوڭ دەريا ۋادىلىرىنى ئاساس قىلغان، ئەنئەنىگە ھېرىسمەن، ئىچكى مايىللىقى كۈچلۈك، بېكىنمە ھالەتتىكى تېرىم مەدەنىيىتىگە تۈپتىن ئوخشىمايتتى. تارىم مەدەنىيىتىنىڭ ئىچكى تىندۇرمىسىدا يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ جاسارىتى بىلەن تېرىم مەدەنىيىتىنىڭ جاھىللىقىدىن يۇغۇرۇلغان، يىپەك يولى ئارقىلىق شەرق ۋە غەرب مەدەنىيەتلىرىدىن ھەر خىل رەڭ-پۇراق ئالغان ئارىلاشما ئەندىزە مۇھىم ئورۇننى تۇتقان ئىدى. بوستانلىقلارنى ياراتقۇچى دېھقانلار مۆتىدىل بەلباغنىڭ تېرىمچىلىرىدەك ھۆل-يېغىن مول، ئىقلىمى ئىللىق، تەبىئەتكە تايىنىپ كۈن كەچۈرىدىغان مۇقىم، زىل زىلىلەردىن خالى شارائىتقا ئىگە ئەمەس ئىدى، تەبىئەت ئۇلارنى پەپىلىمەيتتى، بەلكى ئۇلار تەبىئەتنى _ پايانسىز قۇملۇقلارنى، سۇسىز چۆللەرنى، قۇرغاق ئىقلىمنى پەپىلەيتتى. شۇڭا ، بۇ يەردىكى تېرىم مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە دېھقان مىللەتنىڭ قۇرغاق روھى ئاسىيانىڭ مۆتىدىل رايونلىرىدىكى تېرىمچلىلارنىڭ ھۆل، يېپىشاڭغۇ خاراكتېرىگە ئوخشىمايتتى. ئۇنىڭ ئۈسىتىگە، تارىم ئويمانلىقى ئىچكى ئاسىيا رايونىدىكى بىر چوڭقۇر بالىياتقۇ بولىشىغا قارىماي، يىپەك يولى ئېلىپ كەلگەن جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئۆز ۋۇجۇدىنى كۆپ خىل مەدەنىيەتلەرنىڭ خۇرۇچلىرى بىلەن تىندۇرغان ئىدى. شۇڭا، مىللىتىمىز مەدەنىيىتىنىڭ ماھىيەتلىك خاراكتېرى ئىچى يېپىشاڭغۇلۇقتىن كۆرە سىرتقى غىدىقلىنىشىنى ئۆز گۈللىنىشىنىڭ پىلتىسى ۋە ئالدىنقى شەرتى قىلغان. خۋ ئەسىرگە كەلگەلدە، كونا قۇرۇقلۇقتىكى يىپەك يولىنىڭ ئالتۇن دەۋرى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتى. يېڭى دېڭىز يولىنىڭ ئېچىلىشى ۋە پار ماشىنىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى قېرىپ، تىنىپ كەتكەن ئاسىيانى دەۋرنىڭ كەينىگە تاشلاپ قويدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى گويا زۇلمەتكە ئوخشايدىغان 500 يىل داۋامىدا <ئۇنتۇلغان زونا>غا ئايلانغان تارىم ۋادىسى ھېچقانداق بىر يېڭى مەدەنىيەتنىڭ غىدىقلىشىغا، ھېچقانداق بىر تاشقى تەسىر نىڭ زەرەتلىشىگە ئۇچرىمىدى. ھەرخىل گۈللەرنىڭ رەڭ-پۇراقلىرىدىن بەھىر ئېلىپ كۆنگەن ۋە ئۆز كۆڭلىنى ياشارتىپ ئۆگەنگەن بۇ «بۈيۈك ئاتا» ئاستا-ئاستا بەللىرى مۇكچەيگەن، ساقاللىرى چاڭگىلاشقان، ۋۇجۇدى قېرىغان بىر بوۋايغا ئايلاندى. . .ناۋائىيدىن كېيىن، 500 يىلغا يېقىن داۋاملاشقان مەدەنىيىتىمىزدىكى«ۋاكۇئۇملۇق» ئەمەلىيەتتە ئىچكى جەھەتتىكى روھى مەھكۇملۇق بىلەن تاشقى جەھەتتىكى تەنھا-يىتىملىكنىڭ مەھسۇلى ئىدى. دېمەك بىر مەھەل گۈللىنىشكە ئېرىشكەن ھەرخىل مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆز ئارا يۇغۇرىلىشىدىن كۆزلەرنى قاماشتۇرغان، تارىمدىكى ئارىلاشما مەدەنىيەت ئەندىزىسى يېقىنقى زامانغا كەلگەندە بېكىك، تەنھا مۇھىتقا قاغجىرىغان تەكلىماكان چۆلىنىڭ سۈكۈتلىرىدەك چوڭقۇر لاتقىلارغا تىنىپ كەتكەنىدى. مەشھۇر تارىخچى ھىتتى ئۆزىنىڭ «ئەرەبلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابىدا: «پۇرسەت تاپسىلا باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتى ئارقىلىق ئۆزىنى سۇغۇرۇپ تۇرۇش قۇملۇق خەلقلىرىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرقانچە يۈز يىللىق ئىچكى مەنىۋى جۇغلانمىسى مۇئەييەن غىدىقلىنىشقا ئۇچرىغان ھامان، گويا تۇيۇقسىزلا ئويغانغاندەك ھەممە يەرنى لەرزىگە كەلتۈرۈپ تاشلايدۇ...» دەپ يازغان ئىدى. دەرۋەقە، تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ قۇم تېگىدە ئۇزاققىچە بېسىلىپ ياتتى، ئۇسسۇزلۇق ئازابىدىن تاڭلايلىرى چاك-چاك يېرىلدى، تىندۇرمىدىكى لاتقىلار چىرىدى..
ئالدىنقى بەت [1] [2] [3] [4] [5] [6] [7] كېيىنكى بەت |
كۆرۈلۈشى:2636 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-8-28 11:57:07 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|