|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ
|
|
|
ئەمەلىيەتتە، كۆچمەنچى ئاتلىق قوۋملەرنىڭ چاقماقتەك تېز سۈرەت بىلەن تارىخ سەھنىسىگە چىقىپ، يەنە شۇنداق سۈرەت بىلەن غايىپ بولىشىنى يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ سىرتقى پوستى كۈچتۈڭگۈرلۈك كە ۋە ياۋايى جەسۇرلۇق قا تولغان، ئەمما ئىچكى قاتلىمى ئاددى، پىسخىك جۇغلانمىسى ئاجىز خاراك تىرى بەلگىلىگەن. چۈنكى، شەرقتىكى تېرىم مەدەنىيىتى بىلەن غەربتىكى شەھەر-قەلە ۋە دېڭىز مەدەنىيىتى ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇقىم، يەرلەشمە ھايات جەريانىدا ئۆز ۋۇجۇدىدا توپلىغان پىسخىك ئېنىرگىيىنى، يايلاق مەدەنىيىتىنى ھېچقاچان ھازىرلىيالمايتتى. يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ پۈتكۈل تەرەققىيات تارىخى تۈپ نېگىزى دىن ئېيتقاندا، ئۇچقۇر ئاتلىرىنىڭ ھەيۋىسىگە تايىنىپ، ئۆزىنىڭ ئەرلىك قەھرى نى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان، تېرىم مەدەنىيىتىنىڭ ئاياللىق زىباسى ۋە سىرلىق جۇلاسىن تەرىپىدىن تىنىمسىز غىدىقلىنىدىغان، ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ كونتروللىقى بىلەن ئۇزاققىچە تۇتۇپ تۇرالمايدىغان، پەقەت قۇيۇندەك تېزلىك بىلەن ھەرىكەتچان ياشاش، تىنىمسىز كۆچۈش، شارائىتقا ماسلىشىش ئارقىلىقلا ئۆزىگە ھاياتلىق ئىمكانىيىتى ھازىرلاپ كەلگەن تارىخ ئىدى. ئۇلارنىڭ سىرتقى مەدەنىيەتنىڭ غىدىقلىشىغا بولغان ئىچكى قارشىلىق كۈچى ۋە روھى جۇغلانمىسى خېلىلا ئاجىز بولۇپ، ئۆزىگە مۇۋاپىق مۇداپىئە شارائىتى ھازىرلىيالمىغان، ھامان گويا ماگنىت قۇتۇبىغا ئاققان تۆمۈر ئۇۋاقلىرىدەك تېرىم مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكار قوينىغا ئەسىر بولاتتى. ئاسىيا-ياۋرۇپا قۇرۇقلۇقىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىستىلا قىلغان چىڭگىز قۇشۇنى نېمە ئۈچۈن جۇڭگو ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكى دە يۈز تىلمۇ پۇت تىرەپ تۇرالمىدى؟ يۈئەن سۇلالىسى نامى ئاستىدا جۇڭگو نى بىرلىككە كەلتۈرگەن قۇبلايخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى چوڭ ئاستانە (ھازىرقى بېيجىڭ ) نىڭ ھەيۋەتلىك ئوردا قەسىرلىرى دە شاپتۇل گۈللۈك يەلپۈگۈچ تۇتقان نازىنىنلار نىڭ قولىدىن پار-پۇر قاچىلار دىكى خۇشپۇراق جىياڭنەن چېيىنى ئىچىۋېتىپ شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىكى، ھارماس ئات تۇياقلىرى غا تايىنىپ تېرىمچىلار ماكانىدا تىكلىگەن سەلتەنەت ئۇزاققا بارمايدۇ، ئۇلار يا ئېكىن مەدەنىيىتىنىڭ قوينىغا ئۈن-تىنسىز سىڭىپ كېتىشى كېرەك، ياكى شىپاڭلىق قەسىرلەردىن ئايرىلىپ ئۆزلىرىنىڭ شىمالدىكى چېدىرلىرىغا قايتىشى كېرەك. خەيرىيەت، موڭغۇللار كېيىنكى يولنى تاللىدى، يۈز يىلغا يەتمەيلا چوڭ ئاستانىنى تاشلاپ، چۆللۈكنىڭ شىمالىغا چېكىنىپ چىقتى. چۈنكى، بۇ ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالالايدىغان بىردىنبىر يول ئىدى. ئارىدىن بىر قانچە ئەسىر ئۆتتى، شەرقنىڭ تارىخىدىكى بىر خىللىق تەكرار داۋاملاشتى. سەددىچىن نىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىدا كۈچەيگەن مانجۇلار سەردارى نۇرخاج زور ئاتلىق قوشۇننى باشلاپ جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكى گە، ئوتتۇرا ئاسىيادا كۈچەيگەن بابۇر ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى ھىندىستانغا بېسىپ كىردى. مانجۇلار بېيجىڭدا چىڭ خاندانلىقىنى، بابۇر دېھلىدا موغۇل ئىمپېرىيىسىنى قۇردى. ئۇلار شەرقتىكى قەدىمى مەدەنىيەتلىك بۇ تېرىم خەلقلىرىنىڭ رەڭگارەڭ جۇلاسىغا، ھۆل، يېپىشاڭغۇ، سۇيۇقلاندۇرۇلغان روھى جۇغلانمىسىغا، ھەننىۋا مىللى پەرقلەرنى ئېزىپ ئۇن قىلىۋېتىدىغان مەدەنىيەت تىندۇرمىسىغا ئۆزلىرىنىڭ قوپال، كۇچتۇڭگۇر، قىزىققان جىسمى بىلەن رام بولدى. نىھايەت، بىر قانچە ئەسىر ئۆتمەيلا ئۇلارنىڭ شىمالى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يايلاق مەدەنىيىتى مۇھىتىدا يېتىلدۈرگەن ئەرلىك ھەيۋىسى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن ھىندى تۇپرىقى نىڭ ئاياللىق جەزبىگە باي قوينىدا تولۇق كۆندۈرۈلۈپ تاشلاندى. چۈنكى مىللەتلەرنىڭ قوشۇلىشىدىكى پىسخىك ھالەت ھامان ھېسسىيات جەھەتتىن ئۆزىگە قارشى جىنسلىق خاراكتېرنى تەلەپ قىلاتتى .قوڭى دەريا ۋادىلىرىنى ئاساس قىلىپ مۇقىم، ئولتۇراق تۇرمۇش كۆتۈرىدىغان، ئەنئەنىۋى ، جاھىل لېكىن مەدەنىيىتى ماھىيىتىدە روھى جۇغلانمىسى پىشىپ يېتىلگەن ، تەمكىن، ھۆل خاراكتېرگە ئىگە تارىم مىللەتلىرىنىڭ يۇمشاق مەدەنىيىتىگە نىسبەتەن ياياق مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيىتىگە ئىچكى قارشلىق كۈچى ۋە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كەمچىل ئىدى. شۇڭلاشقا، شەرقتىكى تېرىم مەدەنىيىتى بىلەن غەربتىكى دېڭىز مەدەنىيىتىنىڭ تىنىمسىز قىستىشى، غىدىقلىشى، سۈركىلىشى ۋە زەرەتلىشى نەتىجىسىدە، ئۇزۇن مەزگىللىك تىركىشىش تىن كېيىن، ئەسىرگە كەلگەندە يايلاق مىللەتلىرىنىڭ سەلتەنىتى ۋە ئات ئۈستىدىكى يېڭىدىن تولۇپ تاشقان ھاياتى كۈچكە ئىگە دېڭىز مەدەنىيىتىنىڭ كۆكۈش دولقۇنلىرى ئۈستىدە لەيلەپ ئۈزۈۋاتقان يەلكەنلىك كېمىلىرىگە ئورۇن بەردى. دېمەك، مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، كونا قۇرۇقلۇقنىڭ يېڭى دېڭىز يولى ئېچىلىشتىن ئاۋالقى ئۇزاق تارىخى شەرق تېرىمچىلىرى، يايلاق چەۋەندازلىرى ۋە غەرب دېگنىزچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تىنىمسىز مۇناسىۋەتلەر جەريانىدا دەۋر قىلدى. شۇڭا، تېرىم مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋولى بولغان ساپان، يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ ئات ۋە دېڭىز مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋولى بولغان يەلكەنلىك كېمە پار ماشىنىسى كەشىپ قىلىنغىچە بولغان ئۇزۇن تارىخقا ۋەكىللىك قىلاتتى. ساپانى ئۆزىگە سىمۋول قولغان تېرىم مەدەنىيىتى جاھىل، ئاسان ئۆزگەرمەيدىغان، ئەنئەنىۋى ئاڭغا باي، سىرتقى يات مەدەنىيەتكە نىسبەتەن ئىچكى قارشىلىق كۈچى كۈچۈك مەدەنىيەت بولۇپ، ئۇلار ئۆز ئېھتىياجىنى ئۆز زېمىنىنىڭ نېسىۋىلىرى بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان، سىرتقى مەدەنىيەتنى ھامان ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرۈش نى ئىستەيدىغان، فىئودال لىق ئەخلاق، ئائىلە ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتلەر گە قاتتىق ئەھمىيەت بېرىدىغان، گۈلدۈرمامىدەك ھەيۋىنى ئەمەس، بەلكى پىنھان سۈكۈتنى ۋە غايىۋى ئوي پىكىرلەرنى ياخشى كۆرىدىغان، باش-ئاخىرى يوق ئاسىياچە ھۆل ئازاپقا خۇشتار مەدەنىيەت، تىپى ئىدى. ئۇلارنىڭ گۈزەللىك ئىستىكى ۋە ئېستېتىك خاھىشى تارىخى شەكىلدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپاتتى. شۇڭا، ئۇلاردا يىلنامە-تەزكىرىچىلىك تەرەققى قىلغان بولۇپ، ئۇنى مىللى مەدىنىيىتىنىڭ ئەڭ يوقىرى شەكلى دەپ قارايتتى. يەلكەنلىك كېمىنى ئۆزىگە سىمۋول قىلغان دېڭىز مەدەنىيىتى قەدىمكى يۇنان رىم مەدەنىيىتىنى ئۆزىگە مەنبە قىلغان، تىنىمسىز دېڭىز دولقۇنلىرى بىلەن ئارال، تاقىم ئارال ۋە يېرىم ئارال لارنىڭ ئەبەدىي سۆيۈشۈپ تۇرۇشىدىن ھاياتى كۈچ ئالغان، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى جىمى ئىزلىنىشلىرىنىڭ مەركىزى قىلغان، ئۇ رىقابەت ئېڭىغا، تەۋەككۈلچىلىك روھىغا ۋە ئېچىۋېتىش پىسخىكىسىغا ئىگە؛ ھۆل، پىنھان، يېپىشاڭغۇ ئاسىياچە ئازاپ تىن كۆرە يۈرەكنى تىترىتىدىغان، كىشىنىڭ روھى دۇنياسىنى لەختە-لەختە قىلىۋېتىدىغان ئودىپوسچە كۆيۈش مە ئازاپ قا خۇشتار مەدەنىيەت تىپى ئىدى. ئۇلارنىڭ گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىشلىرى شەخسنىڭ قەدىر-قىممىتىدە ئىپادە قىلىناتتى. ئۇلار ئىجتىمايى توپقا قارىغاندا شەخسنىڭ ئورنى، رولى، قىممىتى ۋە ئەركىنلىكىگە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرەتتى. گۈزەل خانىش ھەلىننىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئېلىپ قېچىلىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان شەخسى خورلۇق سەۋەبى گە پارتلىغان ئون يىللىق دەھشەتلىك يۇنان-تىرويا ئۇرۇشى شەرق تېرىمچىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئۆتۈپ كەتكەن ئەخمەقلىق ھېسابلىناتتى. قەدىمكى يۇنان سەنىتىدە يالىڭاچ ھەيكەلتىراشلىنىڭ ئاجايىپ تەرەققى قىلىشى، ئەپسانىلەردە ئۇششاق ئىلاھلار دىن باشقا ھەتتا تەڭرىلەر نىڭ تەڭرىسى زېۋىسنىڭمۇ يېرىم ئىلاھ، يېرىم ئادەم سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىشى، داۋىنچىنىڭ <ئىنجىل> قىسسىلىرى دىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ رەسىمىنى سىز ماي، بەلكى ئىنساننىڭ يوشۇرۇن گۈزەللىكى مۇجەسسەملەشكەن ئاددى شەھەر پۇقراسى مۇنالىزانىڭ سۈرىتىنى سىزىشى دەل ئۇلارنىڭ شەخسنىڭ قىممىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويىدىغان مەدەنىيەت پىسخىكىسىنى نامايەن قىلغان. ئاتنى ئۆزىگە سىمۋول قىلغان يايلاق مەدەنىيىتى ئوتتۇرا، مەركىزى ئاسىيانىڭ كۆپ قىرلىق، ئۆزگىرىشچان ھاۋا كىلىماتىدا ئوت، سۇ مەنبەلىرىنى قوغلىشىپ، تىنىمسىز كۆچۈپ، قۇيۇندەك ئۇچقۇر ئاتلىرىغا تايىنىپ ئۆزلىرىگە زۆرۈر بولغان ھاياتلىق شارائىتى ئىزدەش جەريانىدا، قىزىققان، تېز ھاياجانلىنىپ تېز سوۋۇيدىغان، قارام، جەسۇر خاراكتېرىنى يېتىلدۈرگەن. ئۇلارنىڭ ئەنئەنە ۋە تارىخقا بولغان قارىشى تېرىم مىللەتلىرى دەك جاھىلانە تۈس ئالمىغان؛ ئۇلار ھەم شەرق تېرىمچىلىرىدەك ئاسىياچە ھۆل ئازابقا، ھەم غەربتىكى دېڭىز مىللەتلىرىدەك ئودىپوسچە كۆيۈش مە ئازاب غا ياقمايدىغان؛ پەقەت يايلاق مىللەتلىرىدە بولۇشقا تېگىشلىك يا قەھرىمانلارغا ياشايدىغان، يا قەھرىمانلارغا ئۆلىدىغان، قىلچە ئارىلىق قالدۇرمايدىغان ئازاپ ئېڭىگە ئىگە ئىدى. شۇڭا، ئۇلارنىڭ گۈزەللىك ئىستىكى ۋە ئۇنىڭ يوقىرى پەللىسى قەھرىمانلىق ئېڭىدا ئىپادە قىلىناتتى. ئەڭ گۈزەل، ئەڭ بۈيۈك قەھرىمانلىق ئېپوسلىرىنىڭ پەقەت يايلاق خەلقلىرىنىڭ ئاغزاكى ئىجادىيىتى داۋامىدا مەيدانغا كەلگەنلىكى شۇ سەۋەبتىندۇر. ئېپوس_ يايلاق مىللەتلىرى ئەدەبىيات-سەنىتىنىڭ ئەڭ يوقىرى شەكلى بولالايتتى. گېگىلنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، قەھرىمانلىق ئېپوس لىرى <قەھرىمانلىق دەۋرىدە تۇرغان مىللەتنىڭ ساپ ئىپتىدائىي ھاياتى كۈچىنى ۋە مىللى روھىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى تولۇق نامايان قىلىپ بېرەلەيتتى >. شۇنداقلا بىر مۇنەۋۋەر مىللى ئېپوس <بىر مىللەت روھى ماھىيىتىنىڭ كۆرگەزمىخانىسى > بولالايتتى. شەرقتە ئۇلۇغ ئوكياندىن تارتىپ غەربتە ئېدىل (ۋولگا) دەريا ۋادىلىرىغىچە بولغان كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر ئىچىدە ئېپوس بولمىغان مىللەتلەر يوق دىيەرلىك. دەل بۇنىڭ ئەكسىچە <كۈچلۈك تارىخ ئېڭىغا ئىگە خەنزۇ مىللىتى دۇنيادا ئەڭ باي تارىخنامە لارنى يېزىپ قالدۇرغان يۇ، لېكىن بىر مۇ قەھرىمانلىق ئەپوسى قالدۇرمىغان >. يايلاق مەدەنىيىتى شەرقتىكى تېرىم مەدەنىيىتى بىلەن غەربتىكى دېڭىز مەدەنىيىتىنىڭ ئارىلىقىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان ھەمدە ئىككى مەدەنىيەتنىڭ ئوخشاشمىغان تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرغان. چۈنكى تېرىم مەدەنىيىتى بىلەن دېڭىز مەدەنىيىتىنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشىدىغان ھېچقانداق جۇغراپىيىۋى ئىمكانىيىتى يوق بولۇپ، پەقەت ئارىدىكى يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىقلا بىر-بىرى بىلەن ئاز-تولا ئۈچۈر ئالماشتۇرالايتتى. يايلاق مىللەتلىرىنىڭ شەرقتىكى تېرىم خەلقلىرى بىلەن غەربتىكى دېڭىز ئەللىرىگە قىلغان شىددەتلىك يۈرۈشلىرى نۇرغۇ ۋەيرانچىلىق لارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن ئاز بولمىغان ئىجابىي تەسىرلەر نىمۇ پەيدا قىلدى. تۈرك-موڭغۇللارنىڭ ياۋروپاغا قوزغىغان ئۇرۇشى ياۋرو پادا فىئودال لىق تۈزۈمنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىپ، كاپىتالىزمنىڭ بىخلىرىنى تېزلەتتى. خۇددى تارىخشۇناس ماكېندې ئېيتقاندەك: <ياۋروپا مەدەنىيىتى ياۋروپالىقلارنىڭ ئاسىيادىكى كۆچمەن مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈرىشى نەتىجىسىدە شەكىللەڭەن>. ھەتتا ياۋروپانىڭ نۇرغۇن ئېپوسلىرى ئاسىيا يايلاق قوۋملىرىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىغا قارشى ئۇرۇشلارنى ئۆزىگە ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان. "ھونلارنىڭ قاخشاتقۇچ ھۇجۇملىرى داۋامىدا گىمان مىللىتىنىڭ <نېپولوڭگېن ناخشىسى> ناملىق ئېپوسىنىڭ دەسلەپكى ئۈلگىسى مەيدانغا كەلگەن. ئالتاي تاغلىرى ۋە موڭغۇل ئېگىزلىكىدىن غەرپكە سۈرۈلگەن تۈركلەر ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قارا دېڭىز بويلىرىنى بازا قىلىپ، ئەرەبلەر بىلەن بىرلىكتە جەنۇبىي ياۋروپا ئارقىلىق ئىسپانىيە، فرانسىيىلەرگە ھۇجۇم قىلغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە فرانسۇزلارنىڭ <روللاند ناخشىسى>، ئىسپانلارنىڭ <كېد ناخشىسى> ناملىق قەھرىمانلىق ئېپوسلىرى شەكىللەڭەن. تۈركىي قوۋملەرنىڭ ۋولگا دەرياسىدىن ئۆتۈپ شەرقىي ياۋروپاغا كىرىشى نەتىجىسىدە رۇس ئەدەبىياتىنىڭ باشلىنىشى بولغان <ئىگورنىڭ يىراققا يۈرۈشى> ناملىق قەھرىمانلىق ئەپوسى بارلىققا كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا تۈركىي قوۋملەرنىڭ <ئوغۇزنامە> قاتارلىق ئېپوسلىرىمۇ مەيدانغا كەلگەن.’’
ئالدىنقى بەت [1] [2] [3] [4] [5] [6] [7] كېيىنكى بەت |
كۆرۈلۈشى:2633 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-8-28 11:57:07 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|