Article Center - ماقالە مەركىزى - تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قىشتا يىسە پايدا قىلىدىغان 3 خىل يىمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇلۇغ قۇربان ھېيىتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلىۋېلىڭ!
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:نېمە ئۈچۈن ئاياللار توڭغاق كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇخلاشتىن بۇرۇن يىيىشكە بولمايدىغان يەتتە خىل يېمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاچچىق ئانار ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساغلاملىق يېمەكلىكى ــ قوناق ئۇنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارغا پايدىلىق ئۈچ خىل خۇش پۇراق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماكا چېكىش ئوزۇقلۇقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
 

تېمىسى مەزمۇنى باھا
 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا مىكروبلار ئوڭاي يۇشۇرۇنۇۋالىدۇ
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يازدا ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر
يازدا ئاياللاردا دائى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:خانىم – قىزلار كۈندە ئۈچ قېتىم قاقاقلاپ كۈلۈپ بېرىش كېرەك
خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان يەتتە ئىش
تاماقتىن كېيىن قىلىشق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دېھقان
دېھقان
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان 9 خىل خىزمەت
ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيەدە ئەر-ئاياللار بىر يىلدا 312 قېتىم ئۇرۇشىدىكەن
ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىتىگە سەل قارىماڭ
كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ..
 
 

    


تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ

تالاي يىللار ئۆتۈپ كەتتى. شاۋقۇن سۈرەڭە تولغان قانچىلىك شەھەر-بازارلار تەكلىماكان باغرىغا غەرق بولدى. يىپەك يولىنى بويلاپ تىنىمسىز ئۆتۈپ تۇرىدىغان تۆگە كارۋانلىرىنىڭ كولدۇرما سادالىرى قايتا ئاڭلانمايدىغان بولدى. تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدىكى يېشىل بوستانلىقلاردىكى بىر مەھەل گۈللەنگەن قارا خانىلار مەدەنىيىتى بىلەن تۇرپان ئويمانلىقىدىكى ئىدىقۇت مەدەنىيىتى تارىخنىڭ چاڭ-توزانلىرى ئىچىدە تارىم ئويمانلىقىنىڭ پىنھان سۈكۈتلىرىمگە دەپنە قىلىۋېتىلدى. چىڭگىز قوشۇنلىرىنىڭ دەھشەتلىك ۋەھىمىسى بىلەن قارا قوتانلارنىڭ شەپقەتسىز ھۇجۇملىرى بىر مەھەل تىنچ، مۇقىم بولغان تېرىم ھاياتىغا كۆنۈككەن مىللىتىمىزنىڭ پىسخىك جۇغلانمىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ تاشلىدى. غەربتە دېڭىز مەدەنىيىتىنىڭ قايتا گۈللىنىشى قۇرۇقلۇقتىكى يىپەك يولىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى بىكار قىلىپ، ئىچكى ئاسىيا رايونىنىڭ پاجىئەلىك تەغدىرىنى بەلگىلەپ قويدى. مەركىزى ئاسىيا چۆللۈكلىرىدە پېتىۋاتقان كەچكى قۇياشنى قوغلىشىپ، ئۇپۇق چەمبىرىكىگە قاراپ تىنىمسىز ئۇزاپ تۇرىدىغان تۆگە كارۋانلىرىنىڭ ئىزلىرى ئەمدى قايتا كۆرۈنمەيدىغان بولدى. خۋ-خىۋ ئەسىرلەردىن تارتىپ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى باش-ئاخىرى يوق ئىچكى تەپرىقىچىلىك ۋە سىياسى مۇقىمسىزلىق پاتقىقىغا پېتىپ قالدى. ئەرەپ چۆللۈكلىرىدىن خەلىپىنىڭ قىلىچى ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ، ئۇچقۇر ئارغىماقلىرىغا تايىنىپ ئۈچ قىتئەگە كېڭەيگەن ئەرەپ ئىسلام مەدەنىيىتى ئەھلى سەلب يۈرۈشلىرىدىن كېيىن، زەئىپلىككە يۈز تۇتقان تەقدىردىن دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ قالغان باغداد خەلىپىلىرى بىر زامانلاردا ئۆزلىرىنىڭ ۋىزانتىيىنىڭ ھەيۋەتلىك ئوردا قەسىرلىرىدىكى مەخمەل دىۋانلىرىدا سۇنايلىنىپ يېتىپ، شەھلا كۆزلۈك رەققاسلارنىڭ ناز- كەرەشمىلىك تولغىما ئۇسۇللىرىنى تاماشا قىلغان چاغلىرىنى تەسەۋۋۇرىغا سىغدۇرالماي ئاتقان بولۇپ كەلدى. پۈتكۈل شەرقى مۇسۇلمان دۇنياسىدا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان بولۇپ قالدى. پۈتكۈل شەرق مۇسۇلمان دۇنياسىدا ھۆكۈم سۈرىۋاتقان مەنىۋى چۈشكۈنلۈك تارىم ۋادىسىنىڭ روھى تەنھالىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ھەربى كۈچىگە تايىنىپ سەئىدىيە خانلىقىدىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ئاپاق خوجا ۋە ئۇنىڭ مۇرىتلىرى ئاتالمىش <خوجا ئىشانلىق>، <سوپىلىق> تەرغىباتلىرى ئارقىلىق مىللىتىمىز ئىدېئولوگىيىسىنى مەنىۋى مەھكۇملۇققا ئەسىر قىلدى. شۇندىن باشلاپ تارىم ۋادىسىدا گويا زۇلمەتكە ئوخشايدىغان قاباھەتلىك ئۇزۇن دەۋر ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىدى.
رىم پاپاسى بىلەن فىئودال كىنەزلىرىنىڭ مۇدھىش ھۆكۈمرانلىقىنى سىلكىپ تاشلاپ، چېركاۋ پەلسەپىسىنىڭ سىرلىق سىرتمىقىدىن قۇتۇلۇپ چىققان ياۋروپا يەلكەنلىك كېمىلىرى ئارقىلىق تولۇپ تاشقان ھاياتى كۈچكە ئىگە يېڭى دېڭىز مەدەنىيىتى بەرپا قىلغان چاغدا، ئاسىيا تولىمۇ قېرىپ كەتكەنىدى، ئۇزاق زامانلار مابەينىدە جىمجىت بىر خىل، شاۋقۇن-سۈرەنسىز ئاققان نېل، دەجلە-ئېفرات، ھىندى-گاڭ ۋە خۇئاڭ خې _ چاڭجىياڭ دەريالىرى ئۆز ھاۋزىسىدىكى تېرىم مەدەنىيىتىنى قاتمۇقات لاتقا بىلەن تىندۇرۇپ تاشلىغانىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە كۈنسېرى ئالغا قاراپ كىتىۋاتقان ياۋروپانىڭ ئەكسىچە، ئاسىيا بارغانسېرى كەينىدە قالدى.
شۇنىسى قىزىقارلىقكى، ياۋروپا- ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى نۇرغۇنلىغان چوڭ دەريالار ئوتتۇرا قىسمىدىكى قار- مۇز بىلەن قاپلانغان ھەيۋەتلىك تاغ تىزمىلىرىدىن باشلىنىپ تۆت ئەتراپتىكى تۈزلەڭلىكلەرگە قاراپ ئېقىپ، ئەڭ ئاخىرقى پايانسىز دېڭىز- ئوكيانلارغا قۇيۇلىدۇ. ھالبۇكى، ئىچكى ئاسىيا رايونىدىكى تارىم ئويمانلىقىدا بولسا، دەريا- ئېقىنلار تۆت ئەتراپنى قورشاپ تۇرغان ئېگىز تاغلاردىن باشلىنىپ، مەركەزگە قاراپ ئېقىپ ئەڭ ئاخىرى تەكلىماكان قوينىغا سىڭىپ كېتىدۇ. دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر جاينىڭ جۇغراپىيىۋى جايلىشىش غا ئوخشىمايدىغان بۇ خىل تەتۈر تاناسىپلىق مۇھىت بۇ ماكاندا ياشىغۇچى خەلقلەرنىڭ ئۆزىگە خاس خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى ۋە ھەر ۋاقت سۇغىرىلىپ تۇرۇشنى ئىستەيدىغان قۇرغاق مەدەنىيەت پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرگەن. بولۇپمۇ بۇ رايوننى شەرق بىلەن غەربنىڭ يېنى ئۈچۈرلىرى بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدىغان يىپەك يولى خارابلاشقاندىن كىيىن، ناھايىتى ئۇزاققا سوزۇلغان، كىشىنى بىزار قىلىدىغان سىرلىق سۈكۈنات باستى. تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ، چۆل جىمجىتلىقىغا ئەسىر بولۇپ تېنىچقىنە ئاقىدىغان تارىم دەرياسى ئۆز ھەۋىسىنى چوڭقۇر لاتقىلارغا كۆمۈپ تاشلىدى. دەريا لاتقىلىرى ۋە چىرىندىلەرنى شەككىللەندۈرگەن بوستانلىقلاردا تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ مەڭگۈ توختاپ قالمايدىغان ھۇجۇمى بىلەن ئېلىشىپ، بۇرۇقتۇم ھاياتقا ئۆگەڭەن بۇ تارىملىق تېرىمچىلار قۇرغاق، ئۆلۈك توپىدا چاك_چاك يېرىلغان پۇتلىرىنى تاتىلاپ، مەدداھلارنىڭ شاللىرىنى چاچرىتىپ بىر جەڭنامىنى تەكرار- تەكرار ئېيتىشىغا كۆنۈككەنىدى. ناۋائىيدىن كېيىنكى 500 يىل مابەينىدە، ئىچكى ئاسىيادىكى بۇ سىرلىق بالىياتقۇدا ھاياتى كۈچى تولۇپ تاشقان يېڭى مەدەنىيەتنىڭ تۆرەلمىلىرى بىخلىيالمىدى. بۇيەردە شەرق تېرىمچىلىرىدەك كىشىلىك مۇناسىۋەت ھەققىدىكى چىگىش ئېتىكىلىق مەسىلىلەر ۋە ئائىلە، نەسەپ ئەھكاملىرى مۇھاكىمە قىلىنمىدى؛ ھىندىستانلىقلاردەك مېتافىزىكىغا باي، پانى ئالەمنىڭ چەكسىزلىكىگە مەھلىيا بولىدىھگان ئوي-خىياللار بولۇنمىدى؛ غەربلىكلەردەك شەخسنىڭ قەدەر-قىممىتىنى، ئەقلى يۈكسەكلىكىنى، كەسكىن ئەمەلىيەتچانلىقىنى ئۆز ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ مىزانى قىلىدىغان پەلسەپە تېخىمۇ ۋۇجۇتقا كەلمىدى. بۇ يەردە پەقەت قۇم بارخانلىرىنىڭ سۈررەڭ، زېرىكەرلىك جىمجىتلىقىغا ئوخشاش چىدىغۇسىز سۈكۈنات؛ پىنھان، ئاندا-ساندا كۆرۈنۈپ قالىدىغان غۇۋا ھاياجان؛ قۇرغاق، چاڭقاق ئىستەك؛ ئاخىرقى نۇقتىغا يېتىشنى ئويلىمايدىغان سەۋرسىزلىك ھۆكۈم سۈردى. تېخىمۇ توغرىسى، يېڭىدىن گۈللىنىشكە ئېرىشكەن ياۋروپالىقلار مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان ئاتلانتىك ئوكياندا، تەۋەككۈلانە قەدەملىرى بىلەن شامال يۆلىنىشىگە قاراپ ئۈزۈپ كېتىۋاتقان كېمىلىرىنىڭ ئاپاق يەلكەنلىرىگە يېڭى دۇنيانىڭ تارىخىنى يېزىشقا باشلىغان چاغدا، تارىم ۋادىسى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ <ۋاكۇئۇم بەلبىغى>غا، كونا قۇرۇقلۇقتىكى «تەنھا ئارال» غا، يېقىنقى زامان تارىخىدىكى <ئۇنتۇلغان زونا> ئايلىنىپ قالغان ئىدى. گويا زۇلمەتكە ئوخشايدىغان بۇ خىل مۇدھىش دەۋر تاكى خخ ئەسىرنىڭ تاڭ نۇرى يېتىپ كەلگۈچە داۋاملاشتى.
دەرۋەقە، جۇغراپىيىلىك مۇھىت ھەممىنى بەلگىلەيدۇ، دەيدىغان نەزەرىيە مۇتلەق ئىلمى نەزەرىيە ئەمەس، لېكىن جۇغراپىيىلىك جايلىشىشنىڭ بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان بىۋاستە تەسىرىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. چوڭ دەريا ۋادىلىرىدىكى لاتقىلاردىن شەكىللەنگەن تۈزلەڭلىكلەردە ياشاپ كەلگەن ھىندىلار بىلەن شىمالى ئاسىيانىڭ يەلپۈنۈپ تۇرغان پايانسىز يايلاقلىرىدا ئات ئۈستىدە ياشاپ كەلگەن موڭغۇللارنىڭ مەدەنىيەت پىسخىكىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە پەرقلىق بولغان جۇغراپىيىلىك مۇھىت بەلگىلىگەن. ياۋروپا مەرىپەتچىلىك دەۋرىدە ئۆتكەن فرانسىيە پەيلاسوپى مۇنتېسكىيۇ گەرچە ئۆز تەلىماتلىرىدا جۇغراپىيىلىك مۇھىتنىڭ ھەل قىلغۇچ رولىنى ھەدەپ كۆككە كۆتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى سەل قاراشقا بولمايدىغان تەرەپلىرىنىمۇ كۆرسىتىپ بەردى. قەدىمكى يۇناندا نېمە ئۈچۈن ئالەمگە مەشھۇر ئەپسانە_رىۋايەتلەر، ئادەم بەدىنىنىڭ گۈزەللىكىنى ئىپادە قىلىدىغان ھەيكەلتىراشلىق شۇنچە تېز تەرەققى قىلدى؟ ماركس بۇنى گرېتسىيىنىڭ گۈزەل جۇغراپىيىلىك مۇھىتقا باغلىدى: «يۇنانلىقلارنىڭ گۈزەل تەبىئىي شارائىتى -ئۇنىڭ بۇلۇتسىز كۆك ئاسمىنى ، ئۇننى ئوراپ تۇرغان چەكسىز يېشىل زۈمرەت دېڭىزى ئۇلارنى گۈزەللىككە ئۈندىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھلىرىنىمۇ ئەڭ گۈزەل، ئەڭ ئالى كىشى سۈپىتىدە تەسۋىرلىدى. گرېتسىيىنى قاپلاپ تۇرغان گۈزەل، زەڭگەررەڭ ئاسماننى ئادەم قىياپىتىدىكى <بۈيۈك ئاتا>، دېڭىزىدا لەھەڭگە مىنىپ، شىددەتلىك دولقۇنلار ئارىسىدا يۈرىدىغان زور بىر كىشى قىلىپ تەسۋىرلىسە ، قۇياشنى ئوت ئۇچقۇنلىرى چاچىدىغان بىر ئاقساق تۆمۈرچى قىلىپ تەسۋىرلىدى...»
مەدداھ -ۋائىزلىق ئەرەب سەھرالىرىدىن تەكلىماكان گىرۋەكلىرىگىچە بولغان قۇرغاق، ھۆل-يېغىن سىز، چۆل_جەزىرىلەر بىلەن ئاندا-ساندا ئۇچ راپ تۇرىدىغان بوستانلىقلار ئۆز ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن ئىچكى ئاسىيادا تەرەققى قىلغانىدى. بۇ يەردىكى قۇياش نۇرىنىڭ تونۇردەك قىزدۇرۇشى بىلەن سۇسىز چۆللەرنىڭ ئالتۇندەك يالىلدىشىدىن شەكىللەڭەن قۇرغاق، زېرىكەرلىك ھايات ئۇلارنى شېئىرىي تۇيغۇغا باي، ھىسىياتچان، تىل سەنىتى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ چاڭقىغان روھى دۇنياسىغا تەسەللى تېپىشىغا ئۆگەتكەن. ئېھتىمال ،دۇنيادا باشقا ھېچقانداق بىر مىللەت ناتىقلىقتا ئەرەبلەردەك ئۇنچىلىك چىۋەر بولمىسا كېرەك. باشقا گەر قانداق بىر تىل ئىپادىلەش ئىقتىدارى، قاپىيە ۋە شېئىرى تۇيغۇ جەھەتتە ئەرەپ تىلىدەك كۈچۈك بولمىسا كېرەك. ئەرەپ تارىخىنى ئۇزۇن يىل تەتقىق قىلغان فىللىپ ھىتتى بۇ ھەقتە مۇنداق يازغان ئىدى: «دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر تىل مىللى روھنىڭ بارلىق تەرەپلىرىنى ئىپادە قىلىشتا ئەرەپ تىلىدەك كۈچلۈك بولمىسا كېرەك. شېئىرىي مىسرالار ئارقىلىق ھېسسىياتنى ئىپادىلەش ئىسلامىيەتتىن ئاۋالقى ئەرەبلەرنىڭ بىردىنبىر ئالاھىدىلىكى ئىدى. ئۇلارنىڭ تىل ئىقتىدارى پەقەت شېئىرىيەت ئارقىلىقلا ئەڭ ياخشى ئىپادىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيتتى. ئىسلام دىنى ئەرەب تىلىنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكىنى ۋە ئەرەب مىللىتىنىڭ بۇ خىل پىسخىك ئۆزگىچىلىكىنى ئۆزىدە تولۇق نامايان قىلغان ئىدى. ئىسلام دىنىنىڭ غەلىبىسى مەلۇم مەنىدە بىر تىلنىڭ غەلىبىسى، بولۇپمۇ بىر كلاسسىك دەستۇرىنىڭ غەلىبىسى ئىدى.»
شۇڭا ئەرەبلەر ئۆزلىرىنىڭ بىر ماقالىدا: «ئەقىل ئۈچ نەرسىگە _ پەرەڭلەر (ياۋروپالىقلار)نىڭ كاللىسىغا. چىن (جۇڭگو) لۇقلارنىڭ قولىغا، ئەرەبلەرنىڭ تىلىغا مۇجەسسەملەشكەن» دەيدۇ. ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەرەب مەدەنىيىتى ۋە پەلسەپىسىنىڭ گۈللىنىشى، ئەمەلىيەتتە، ئەرەب تىلىنىڭ ئىپادە قۇدرىتى ئارقىلىق ئېرىشكەن شېئىرىي پەلسەپە ئىدى. گېگىل: «شېئىرىيەت ئېلىنى ئىزدىسەڭ ئىرانغا بار» دەپ تەرىپلىگەن ئوتتۇرا ئەسىر پارىس شېئىرىيىتىمۇ مۇسۇلمان شەرقىنىڭ شېئىرىي تۇيغۇسىدا يۈكسەك پەللە ياراتقان ئىدى. بۈيۈك قوشۇلۇشتىن كېيىنكى مىڭ يىلدىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، ئەمەلىيەتتە، ساپ شېئىرىيەت بىلەن خاراكتىرلىنىدىھگان ئەدەبىيات ئىدى. ئەرەب سەھرالىرىنىڭ زېرىكەرلىك تۈنلىرىدە توقۇلۇپ، پۈتكۈل شەرق مۇسۇلمان دۇنياسىغا كەڭ تارقالغان «مىڭ بىر كېچە» رىۋايەتلىرىنىڭ ئەڭ نەپىس، ئەڭ گۈزەل بابلىرى نېمە ئۈچۈن ئىشرەت ۋەسۋەسىلىرى گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرغان بايانلار بىلەن شەھلا كۆزلۈك ھۆر پەرىلەرنىڭ ناز-زىبا بىلەن تولغان تەسۋىرلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ؟ تارىم ۋادىسىدىن تاكى نېل دەرياسىغىچە بولغان ئوتتۇرا ۋە غەربى ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا ئەسىر شېئىرىيىتىدە نېمە ئۈچۈن «يار»، «مەي»، «جانان» ۋە «گۈل» ۋەسلىگە تەشنا ئىشقىي شېئىرىيەت شۇنچە تەرەققى قىلىدۇ؟.....

ئالدىنقى بەت [1] [2] [3] [4] [5] [6] [7] كېيىنكى بەت

         كۆرۈلۈشى:2638     قوشۇلغان ۋاقتى:2010-8-28 11:57:07يوللىغۇچى ئەزا:xirinim

    
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سىرلىقلىقىڭىزنى يوقاتماڭ
سىرلىقلىقىڭىزنى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
چاچ چۈشۈشنى كەلت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھەددىدىن زىيادە رومانتىكلىقمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ
ھەددىدىن زىيادە ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزە ئۆپكىنى ئاسرايدۇ
سەۋزە ئۆپكىنى ئا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مېۋە پوستى بىلەن...
مېۋە پوستى بىلەن..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دۇنيادىكى ئەڭ توغرا پىسخېكا سىنىقى
دۇنيادىكى ئەڭ تو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارنىڭ جورا تاللاشتىكى يېڭى چارىسى
ئاياللارنىڭ جورا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:«ئەر-خوتۇنلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ» نىڭ ھەقىقىي سىرى
«ئەر-خوتۇنلار ئو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەر -ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار
ئەر -ئاياللار ھەق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت
ھازىرنىڭ ئۆزى بە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تەنھالىق ئىنسانغا نىسبەتەن‹‹يۇشۇرۇن قاتىل ››ئىكەن
تەنھالىق ئىنسانغ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساپما كەشنىڭ زىيىنى تولا
ساپما كەشنىڭ زىي..

ئالدىنقى ماقالە:مەدەنىيلىشىشمۇ، ياتلىشىشمۇ؟
كېيىنكى ماقالە:قىز ئوغۇلارنىڭ پەرقى مۇنداق بولىدۇ
{ كۆچۈرۈش } { بېسىپ چىقىرىش }
 
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭ

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  新ICP备10001556号