|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ
|
|
|
شەك - شۈبھىسىزكى، ئاسىيا چۆللۈكلىرىنىڭ تونۇردەك قىزىيدىغان تومۇز كۈنلىرى بىلەن زېرىكەرلىك تۈنلىرى بۇ يەردە ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ ئاي يۈزلۈك ھۆر-پەرىيلەرنىڭ ئىشق مۇھەببىتى بىلەن ئۆز كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇشقا ئۈندىدى؛ قۇرغاق ئاسمىنىدا بىر قەۋەت نېپىز چاڭ-توزان ئېسىلىپ تۇرغان قايناق بازار-رەستىلەردە غىل-پال كۆرۈنۈپ قالىدىغان چۈمبەللىك قىز چوكانلارنىڭ يوشۇرۇن رۇخسارى سۆز سەنىتىدە چىۋەر بۇ كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىنى غىدىقلىدى؛ ھەيۋەتلىك سېپىل_قەسىرلەرنىڭ ھىمايىسى بىلەن سۇلتانلارنىڭ پىنھان ھەرەمخانىلىرىغا بەخشەندە قىلىۋېتىلگەن ياش كېنىزەكلەر تۇلپارغا مىنگەن سۇباتلىق شاھزادىلەر ھەققىدە تاتلىق خىياللارغا رام بولدى.. ئەرەب ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ چۈشكۈنلۈكە يۈزلىنىشىدىن كېيىنكى ئۇزاق تارىخى دەۋردە پۈتكۈل ئەرەب سەھرالىرى، ئىران چۆللۈكلىرى ، ماۋارائۇننەھر ۋە تارىم ۋادىسى يېڭىلانماي تەكرار-تەكرار ئېيتىلىپ تۇرىدىغان ئىشق_مۇھەببەت داستانلىرىنىڭ مەست قىلىشى بىلەن چاڭقاق_قۇرغاق ۋۇجۇدىغا تەسەللى تېپىپ كەلدى. تەپەككۈر ئۇسۇلىدىكى بىر خىللىق، بەدىئىي تەسەۋۋۇرىدىكى قېلىپبازلىق، مەزمۇنىدىكى قۇرغاقلىق ۋە يېما-موتېفلاردىكى تەكرارلىق مۇسۇلمان شەرقىي نىڭ يېقىنقى زامانغا كەلگەندە ئەقلى تەپەككۈرىدىكى چېكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنىڭ نەتىجىدىدە ئەدەبىي ئويغىنىش دەۋرىدىن كېيىن، ئىجتىمائىي پەنلەر بىلەن پەلسەپىدە يېڭى تەپەككۈرغا، تەبىئىي پەنلەردە پارتىلاش خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن ياۋروپالىقلارنىڭ ئەكسىچە، ئىچكى ئاسىيا دەۋرىدىن ئاستا_ئاستا كەينىدە قالدى. ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچۈپ، تارىم ۋادىسىدا مىللەتلەرنىڭ چوڭ قوشۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىنكى مىڭ يىلدىن ئارتۇق جەريان مىللىتىمىزنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى ۋە مەدەنىيەت پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرگەن ئاساسلىق دەۋر ھېسابلىنىدۇ. دەرۋەقە، بۇ جەرياندا مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرگەن ئامىللار مۇرەككەپ ۋە كۆپ خىلدۇر. ھالبۇكى، بىر مىللەتنىڭ مەلۇم مەدەنىيەت مۇھىتىدا شەكىللەندۈرگەن پىسخىك جۇغلانمىسى ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قانچە ئامىلنىڭ مۇھىم رول ئوينىشى، باشقا قوشۇمچە ئامىللارنىڭ مۇئەييەن تۈرتكىسى نەتىجىسىدە ئىشقا ئاشىدۇ. ئۇنداقتا، ئۇيغۇر مەدەنىيەت پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرگەن ئاساسلىق ئامىللار نېمە؟ ئۇلار قانداق رول ئوينىغان؟ بۇنىڭدىن بىر قانچە يىللار ئىلگىرى، تەكلىماكان گىرۋىكىگە جايلاشقان بىر قانچە قايناق بازارنىڭ شەنبىلىك ھاياتىنى تاماشا قىلىۋاتقان بۇر ياپونىيىلىك سەيياھ ھاياجان ئىلكىدە مۇنداق دېگەنىكەن:<شەرقى ئاسىيانىڭ ياپيېشىل ئېكىنزارلىقلار بىلەن تولغان مۇنبەت زېمىنىدا، ئۈستىدە ئاقۇش تۇمانلار لەيلەپ تۇرغان گىرىمسەن تاغ دەريالىرى غا قاراپ مۇقىم، پىنھان تېرىم ھاياتى كەچۈرۈپ كەلگەن خەلقلەر ئۆزلىرىدە مۇلايىم، سەۋرچانلىق، ئاياللىق نازاكەتكە باي ھۆل خاراكتېرىنى يېتىلدۈرگەن؛ لېكىن ئىچكى ئاسىيانىڭ تەبىئىي مۇھىتى بۇنىڭغا تۈپتىن ئوخشىمايدىكەن. بۇ يەرنىڭ مۇھىتى قۇرغاق، تاغلىرى قاقاس، قۇملۇقلىرى پايانسىز بولۇپ، بۇ ھال يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئوچۇق-يورۇق، قىزىققان، ئەرلىك جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان قۇرغاق خاراكتېرىنى يېتىلدۈرگەن بولىشى مۇمكىن..> بىزنىڭچە، ياپونىيىلىك بۇ سەيياھنىڭ يۇقىرقى تەھلىلى ئاددى بىر سېلىشتۇرما بولمىسا كېرەك، ئەلۋەتتە. چۈنكى ئۇزۇن تارىختىن بۇيان بىزنىڭ ئاتا_بوۋىلىرىمىز تەكلىماكان چۆللۈكىدىن ئىبارەت بۇ سىرلىق بالىياتقۇنى قۇچاقلاپ ياشاپ كەلگەن ئىدى. بۇ سىرلىق بالىياتقۇغا مىللىتىمىز ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن تالاي سەرگۈزەشتىلەر _ خۇشاللىققىمۇ، ئازابمۇ، ۋەھىمىمۇ، گۈزەللىكمۇ يوشۇرۇنغان ئىدى. تەكلىماكان ئۇلار ئۈچۈن بىر <مېھرىبان ئانا ئىدى>، ئۇلار ئۇنى ئۇلۇغلايتتى، ئۇ توغرىلىق گۈزەل رىۋايەتلەرنى توقۇيتتى. ئۇنىڭ باغرىغا كۆمۈلگەن قەدىمى شەھەرلەردىن بەزى-بەزىدە ئاڭلىنىپ قالىدىغان مۇڭلۇق ناخشا سادالىرىدىن، توخۇلارنىڭ چىللاشلىرىدىن، تۇلپارلارنىڭ كىشنەشلىرىدىن، تۆگە كارۋانلىرىنىڭ كولدۇرما ئاۋازلىرىدىن سۆيۈنۈپ كېتەتتى. قەلبىدە مۇھەببەت ئويغانغان يىگىت قىزلار گويا ئۇلۇغ ئانىنىڭ ئەمچەكلىرىگە ئوخشايدىغان سانجاق_سانجاق قۇم بارخانلىرىنىڭ ئۈستىدە ئوڭدىسىغا يېتىۋېلىپ، تولۇن ئاينىڭ كۆتۈرۈلىشىنى كۈتەتتى. . . . دەرۋەقە، «چۆل _ ئۇلارنىڭ ۋەتىنى، ئانىسى، كۆڭۈل خۇشى ئىدى. شۇڭا چۆلنىڭ گۈزەللىكىنى پەقەت چۆل پەرزەنتلىرىلا بىلىدۇ...» يەنە بىر تەرەپتىن، تەكلىماكان ئۇلار ئۈچۈن قورقۇنچلۇق سىر ئىدى. ئۇنىڭ گويا ئۇخلاپ ياتقان زور شىردەك ھەيۋەتلىك جىسمىغا جىمىكى رەھىمسىزلىك، ۋەھىمە، مەڭگۈ تويمايدىغان ئاچكۆزلۈك يوشۇرۇنغانىدى. ئۇ قورقۇنۇچلۇق گۈركىرەپ نەرە تارتسا، بىر كېچىدىلا قايناق شەھەرلەرنى، كىمخاپتەك بوستانلىقلارنى يۇتۇپ كېتەتتى. تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بوستانلىق مەدەنىيىتى ئەمەلىيەتتە تەكلىماكان بىلەن بولغان نەچچە نىڭ يىللىق جاپالىق كۆرەش جەريانىدا شەكىللەڭەن ئىدى. ئۆز مەنىسى بىلەن ئېيتقاندا چۆل ئادەملىرىنىڭ مىجەزىمۇ سۇسىز جەزىرىلەردە كۆكلەپ تۇرغان ئاشۇ تىكەنلىك ئوتلارنىڭ تەبىئىتىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. راھەتلىك باغلار، شەھەرنىڭ سالقىن سارايلىرىدا يىللاپ ئاپتاپ كۆرمىگەن لەشتەك ئاق چىرايلارنى بۇ يەردە ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. چۆل ئادەملىرىنىڭ چىرايى قۇياشتا چاقناپ مىستەك پارقىراپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ كىيىم كېچەكلىرىنىڭ ئۆڭۈپ ئاشۇ قۇملارنىڭ رەڭگىگە ئوخشاپ قالغان؛ قۇياشنىڭ ئوتتەك قىزىق تەپتى، ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇرغان چۆل شاماللىرى جاھىللىق، قوپاللىق، مەردانىلىك، سادىقلىقتەك خىيالەتلەرنى ئۇلارنىڭ قان_قېنىغا سىڭدۈرىۋەتكەن. شۇنداق، بۇ يەردە تەبىئەت ھېچ بىر ھاياتلىقنى پەپىلىمەيدۇ؛ ھەممە نىمە ئۆزىنىڭ قايتماس، ئېگىلمەس روھىغا تايىنىپلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ!....> شۇڭلاشقا ئۇيغۇر روھى تەكلىماكان قۇملۇقى ئوتتۇرىسىدا بىر خىل ئىچكى مۇناسىۋەت شەكىللەڭەن. بىز بۇ خىل روھى باغلىنىشنى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر»، خالىدە ئىسرائىلنىڭ <قۇملۇقنىڭ چۈشى>، ئەختەم ئۆمەرنىڭ «قۇرۇتلاپ كەتكەن كۆل»، مۇھەممەت باغراشنىڭ «جەزىرە» قاتارلىق ئەسەرلىرىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلالايمىز. دېمەك، مىللىتىمىز خاراكتېرىنىڭ يېتىلىشى ۋە ئىچكى پىسخىك جۇغلانمىسىنىڭ تەركىبىدە تەكلىماكاندىن ئىبارەت بۇ سىرلىق جەزىرىنىڭ قۇرغاق، ئىنسان بىلەن تەبىئەتتىن تاشقىرى بىر ئىلاھى كۈچ ئوتتۇرىسىدىكى بادھلىنىشنى ئۆز ئىزدىنىشلىنىڭ مەقسىتى قىلىدىغان مەنىۋى ھالەت ئۆز ئىزلىرىنى چوڭقۇر قالدۇرغان. ئىككىنچى، دېھقان مىللەتكە خاس مەنىۋى تىندۇرما قايسىدۇر بىر پەيلاسوپ: «دېھقىنى بار مىللەت يوقالمايدۇ» دەپتىكەن. دەرۋەقە، نىسبەتەن مۇقىم بولغان تېرىم ھاياتى داۋامىدا دېھقانلار شۇ مىللەتنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ساقلىغۇچى ۋە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرغۇچى گەۋدە ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۆز نىسىۋىسىنى ئۆز يېرىنىڭ ھوسۇلىدىن ئېلىپ، <يەر_ ئالتۇن قوزۇق> دېگەن ئەقىدىگە قاتتىق ئېسىلىپ ياشايدىغان دېھقانلارنىڭ ۋۇجۇدىدا سۇ، ئوت مەنبەلىرىنى قوغلىشىپ، تىنىمسىز كۆچۈپ يۈرىدىغان چارۋىچىلارغا قارىغاندا جاھىل، مۇقىم، ئېغىر_بېسىق، ئەنئەنە ئۇدۇملىرىنى ئۈزۈپ قويۇشنى خالىمايدىغان، ئۆز نېسىۋىسىگە شۈكۈر قىلىپ ياشايدىغان خاراكتېر ئۈستۈن ئورۇننى ئىگىلەيتتى. بىز تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدىكى بوستانلىقلاردا تىرىكچىلىك قىلىۋاتقانلارنىڭ يېقىنقى بەش ئەسىر دىن بۇيان دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىپ، قول ھۈنەرۋەنچلىك ۋە ئۇششاق تىجارەتنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەيدىغان تەبىئىي ئىگىلىك مۇھىتىدا بىر خىلدا ياشاپ كەلگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز. سۈيى ئىنتايىن كەمچىل، ئىقلىمى قۇرغاق، ھەر ۋاقت قۇم بورانلىرىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇرىدىغان بۇ جەزىرىدە پەقەت ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئەمگەكچان قولى ئارقىلىقلا ھاياتلىق ئېھتىياجىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان يېشىل بوستانلىقلار ھاسىل بولغانىدى. پەقەت دەھقانلار بۇ ناچار مۇھىتقا بەرداشلىق بېرىپ ئۈن تىنسىز ياشاشقا ئادەتلەنگەنىدى. شۇڭا، ئۆلۈك توپىلىق يولدا كەتمىنىنى مۈرىسىگە ئېلىپ، چاك-چاك يېرىلغان پۇتلىرىدا توپا توزىتىپ كېتىۋاتقان تارىملىق بوۋاينىڭ ياشاڭغىرىغان كۆزلىرى بىلەن چاڭگا ساقاللىرىدا ۋۇجۇدىغا تىنىپ كەتكەن بىر چوڭقۇرلۇق، يىراق ئۆتمۈشكە تۇتىشىپ كەتكەن بىر كەيپىيات ئەكس ئېتىدۇ. دېمەك، قۇرۇم ۋە تەڭرى تاغلىرىدىن تارىم ئويمانلىقىغا قاراپ ئاققان نۇرغۇنلىغان دەريا - تارماقلىرىنىڭ لاتقىلىرىدىن شەكىللەڭەن بوستانلىقلاردا مىللىتىمىزنىڭ مۇقىم تېرىم ھاياتىغا كۆچكەندىن بۇيانقى دېھقان مىللەتكە خاس روھى تىندۇرمىسى يوشۇرۇنغان ئىدى. بۇ تىندۇرمىدا جاھاندىن خالى بېكىنمە كەيپىيات، قېرىلىققا خاس ئېھتىياتچان ، ئۇزۇن مەزگىللىك بىر خىللىقتىن شەكىللەڭەن بۇرۇختۇملۇق، سۈررەڭ قۇملۇقلارغا ئەسىر بولغان سۈكۈنات بار ئىدى. ئۇنىڭ ۋۇجۇدى بىر خىلدا بەزىرىپ ياتىدىغان تەكلىماكان چۆلىگە ئوخشاش ئىدى. ئۇ قاغجىرايتتى، ئەمما ئىندىمەيتتى؛ يىراقلارغا تەلپۈنەتتى، ئەمما ئۆزگەرمەيتتى. مىللىتىمىز تەكلىماكان چۆلىنىڭ ئۇزۇن ھەم زېرىكەرلىك تۈنلىرى بىلەن ئاتەش ئاپتاپلىرىنى دېھقانغا خاس سەۋرچان جىسمىغا سىڭدۈرۈپ، يىراق تارىخنى بۈگۈڭە ئۇلىدى. ئەگەر بىر مىللەتنىڭ دېھقانلىرى مەۋجۇتلا بولىدىكەن، شۇ مىللەتنىڭ مەنىۋى تىندۇرمىسىدىكى ماھىيەتلىك ئېنېرگىيە مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە شۇ مىللەتنىڭ دېھقانلىرى سىرتقى مەدەنىيەتنىڭ غىدىقلىشى رادىئاتسىيىلىشىگە ئۆز ۋۇجۇدىدىكى جاھىللىقى بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئىككى مەدەنىيەتنىڭ ئۇچرىشىشىدىن كېلىپ چىققان تەڭپۇڭسىزلىقنى تىنىچلاندۇرىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن ئىلگىرى ئۆزبېكلەر سىر ۋە ئامۇ دەرياسى ئارىلىقىدىكى بوستانلىقلار بىلەن پەرغانە ئويمانلىقىدىكى مۇنبەت ۋادىدا دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىپ ياشاپ كەلگەن تېرىمچى خەلق ئىدى. قازاق قىرغىزلار بولسا دەشتى قىپچاق دالىلىرى بىلەن ئىسسىقكۆل ئەتراپىدىكى يايلاقلاردا چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنىدى. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، چوڭ ئۆزگىرىشكە يۈز تۇتقان ئوتتۇرا ئاسىيا ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ، بولۇپمۇ رۇس مەدەنىيىتىنىڭ قاتتىق رادىئاتسىيىسىگە دۇچ كەلدى. بۇ خىل مۇرەسسەسىز مەدەنىيەت رادىئاتسىيىسى تاكى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغان غا قەدەر 70يىل داۋاملاشتى، نەتىجىدە يايلاق ھاياتىدىن بىۋاستە شەھەرلەشكەن قازاق - قىرغىزلار ئۆزلىرىدىن كۆپ دەرىجىدە كۈچلۈك بولغان رۇس مەدەنىيىتىنىڭ رادىئاتسىيىدىگە بەرداشلىق بېرەلمەي «ئىمپورت-ئېكىسپورت» تەڭپۇڭلىقىنى يوقىتىپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن 80 - يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە مىللى جىددى كرىزىسقا ئۇچراپ، مەدەنىيەتتە كەڭ كۆلەمدە رۇسلىشىش خەۋىپىگە دۇچ كەلدى، ھەتتە رۇس تىلىنى ئانا تىل ھېسابلايدىغانلارنىڭ سانى كۈن سناپ كۆپەيدى. مۇستەقىللىق جاكارلاشتىن ئىلگىركى قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەك (فرونزى) تە قىرغىز تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر ئوتتۇرا مەكتەپمۇ تاقىلىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنىدى... لېكىن، ئۆزبېكىستاننىڭ ئەھۋالى باشقىچە ئىدى. ئۆزبېكلەرمۇ ئوخشاشلا رۇس مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك رادىئاتسىيىسىگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەسلىدىنلا مۇئەييەن ئەنئەنىۋى ئاساسقا ئىگە شەھەر ۋە تېرىم مەدەنىيىتى بولغاچقا، رۇس مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك ئېقىمىغا قارشى ئىنكاس قايتۇرالىدى، شۇنداقلا سىرتقى مەدەنىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىكى تەڭپۇڭلىقىنى يوقىتىپ قويمىدى. . .بۇنىڭدىكى سىر دەل ئۆزبېكلەرنىڭ ئەنئەنىۋى شەھەر مەدەنىيىتى ۋە مىللى پىسخىك جۇغلانمىغا باي تېرىم مىللىتى بولغانلىقىدىندۇر. تېخىمۇ توغرىسى ئۆزىگە جاھىل، قېرىلارچە ئېغىر بېسىق خاراكتېر يېتىلدۈرگەن، كولخوز-قىشلاقلىرىدىن ئايرىلالمايدىغان، پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنى پاختا بىلەن تەمىنلىگەن ئۆزبېك دېھقانلىرىنىڭ بولغانلىقىدىندۇر مىللەتكە خاس ئاسان ئۆزگەرمەيدىغان، جاھىل، سىغدۇرۇشچان روھى تىندۇرما مىللىتىمىز مەدەنىيەت پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرگەن مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.
ئالدىنقى بەت [1] [2] [3] [4] [5] [6] [7] كېيىنكى بەت |
كۆرۈلۈشى:2632 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-8-28 11:57:07 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|