سۈرىيەدە خائىننى ماشىنىدا سۆرەپ كوچىدا ئىچىنىشلىق سازايە قىلدى |
سۈرىيە ھەققىدە:
غەربىي ئاسىيانىڭ غەربىگە، يەر ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي ياقىسىغا جايلاشقان دۆلەت. يەر مەيدانى 187 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغاق رايونلىرىنى تۈزلەڭلىكلەر ئىگىلەيدۇ. بۇ جايلارنىڭ تۇپرىقى مۇنبەت، ئىقلىمى ياخشى بولۇپ، سۈرىيىنىڭ مۇھىم يېزا ئىگىلىك رايونى ھېسابلىنىدۇ. غەربىي قىسىم تۈزلەڭلىكلىرىنىڭ شەرقىدە يەر شەكلى مۇرەككەپ بولغان غەربىي ئاسىيا ئۈزۈلمە بەلباغ رايونى بار. ئۇ ئۈزۈلمە بەلباغ جەنۇبتىن سوزۇلغان شەرقىي ئافرىقا قىزىل دېڭىز ئۈزۈلمىسىنىڭ شىمالىدىكى داۋامى ھېسابلىنىدۇ. بۇ جايدا ئاراۋىت تېغى، ئاشى دەريا ۋادىسى، ئۇلارنىڭ شەرقىدە شىمالدىن جەنۇبقا سوزۇلغان تۆت تارماق ئۈزۈلمە بەلباغ بار. شەرقىي تەرىپىدىكى سۈرىيە، لىۋان چېگرىسىدىكى سىرتقى لىۋان تاغلىرىنىڭ شەرقى كەڭ كەتكەن ئېگىزلىكلەردىن ئىبارەت. سۈرىيىنىڭ دېڭىز قىرغاق تۈزلەڭلىكلىرى بىلەن ئۈزۈلمە بەلباغ رايونىنىڭ ئىقلىمى يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمىغا خاس بولۇپ، قىشلىقى يىللىق، يامغۇرلۇق، يازلىقى ئىسسىق، قۇرغاق كېلىدۇ. شەرقىي قىسمىدىكى ئېگىزلىك، جەنۇبىدىكى قۇملۇق، شىمالدىكى ئىفرات دەريا بويلىرىنىڭ ئىقلىمى غەربىي دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدىن پەرقلىنىدۇ. سۈرىيىنىڭ ئاھالىسى 10 مىليون 792 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984)، بۇنىڭ 5/4 قىسمىنى ئەرەبلەر ئىگىلەيدۇ. ئەرەبلەردىن باشقا يەنە كورد، ئەرمەن، تۈركمەن، بەدەۋىي قاتارلىق مىللەتلەر بار. سۈرىيىدىكى پەلەستىنلىكلەر 250 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئاھالىنىڭ 85% دىن كۆپرەكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئەرەب تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ. سۈرىيە 4000 يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي دۆلەت. ئۇ ئىلگىرى - ئاخىرى بولۇپ رىم، ئەرەب، تۈرك ئىمپېرىيىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن فرانسىيىنىڭ ۋەكالىتەن باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن. 1946 - يىلى 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى مۇستەقىل بولغان. 1958 - يىلى 2 - ئاينىڭ 21 - كۈنى مىسىر بىلەن بىرلىشىپ، ئەرەب بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان. 1961 - يىلى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئەرەب بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتىدىن چېكىنىپ چىقىپ، ئەرەب سۈرىيە جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان. يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسەن بۇغداي، ئارپا، كېۋەز، ئۈزۈم، تاماكا، ياغلىق زەيتۇن، ئەنجۈر، نەشپۈت قاتارلىق زىرائەتلەر بىلەن مېۋە - چېۋە ئۆستۈرۈلىدۇ. پاختا، بۇغداي، ئارپىنى ئېكسپورت قىلىدۇ. سانائىتىدە كان سانائىتى، نېفىت ئايرىش، نېفىت - خىمىيە، پولات - تۆمۈر، سېمونت، يېمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىق، تېرە - خۇرۇم قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. ئۇنىڭ ئىچىدە نېفىت سانائىتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. سۈرىيىنىڭ تولۇق نامى <ئەرەب سۈرىيە جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ غەربى، ئوتتۇرا دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان. <سۈرىيە> سۆزىنىڭ مەنبەسى توغرىلىق نۇرغۇن كۆز قاراشلار بولۇپ، بىرلىككە كەلگەن قاراش يوق. بىرىنچى، <ئاسسۇرىيە> (Assyria) سۆزىدىن كەلگەن. چۈنكى سۈرىيە ئەسلى قەدىمكى ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئاسسۇرىيىنىڭ كەينى يېرىمى ( Syria) نى يەر نامى قىلىپ قوللىنىپ كەلگەن؛ ئىككىنچى، فىنكىينىڭ ؟؟ بىر شەھىرى ( tyre) نىڭ شام تىلىدىكى نامى ( sur) دىن پەيدا بولغان، باش ھەرپ t بىلەن s ئوخشاش بولۇپ، ( tyre) نى syre قىلىپ يېزىشقىمۇ بولىدۇ؛ ئۈچىنچى، سۈرىيىنىڭ شەرقىدىكى لىۋان تاغ تىزمىلىرىنىڭ قەدىمكى نامى <سۈرىئان> ( Siryon) ياكى <سۈرىئانا> ( Siryana) دىن ئۆزگەرگەن، شۇڭا ئۇنىڭ <ئېگىزلىك> دېگەن مەنىسى بار؛ تۆتىنچى، مۇشۇ رايوندا ئولتۇراقلاشقان قەدىمكى سۈرىيىلىكلەرنىڭ نامىدا ئاتالغان بولۇپ، سۈرىيىلىكلەر سۆزىدىن ئۆزگەرگەن. <سۈرىيە> سۆزى مىلادىدىن ئىلگىرى 3 - ئەسىرلەردىكى سېلىۋاك پادىشاھلىقى دەۋرىدە يۇنانلىقلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن، كىيىنچە رىملىقلار ئىشلەتكەن. لېكىن بۇ نام پەقەت غەرىبتىلا شۇنداق ئاتالغان، ئەرەبلەر ھېچقاچان <سۈرىيە> سۆزىنى ئىشلەتكەن ئەمەس بولۇپ، ئۆزىنى <شام> ( sam) يەنى< سول تەرەپ>، كۆچمە مەنىدە <شىمال تەرەپ> دەپ ئاتايدۇ. بۇ ئەرەب ئېمپىرىيسىنىڭ دەسلىپىدە مەككىنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ بۇ جاينى <سول تەرەپ>، <شىمال تەرەپ> دەپ قارىغانلىقىغا قارىتا ئېيتىلغان سۆز. <سۈرىيە> نىڭ شۇڭا <شىمالدىكى دۆلەت> دېگەن نامى بار. سۈرىيە 1516 - يىلىدىن 1918 - يىلىغىچە تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا تۇرغان، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن فىرانسىيىنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇشىدىكى رايون بولۇپ، 1946 - يىلى 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى مۇستەقىل بولغان، 1958 - يىلى 2 - ئاينىڭ 21 - كۈنى مىسىر بىلەن بىرلىشىپ، ئەرەب بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان، 1961 - يىلى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئەرەب بىرلەشمە جۇمھۇرىيتىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، ئەرەب سۈرىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. سۈرىيىنىڭ يەر مەيدانى 185.18 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 13 مىليون 500 مىڭ. ئاھالىسىنىڭ 86%ى ئەرەبلەر، قالغىنى پەلەستىنلىك ۋە تۈركلەر ھېسابلىنىدۇ. ئەرەبلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئاھالىنىڭ 15%ى خىرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. قالغان 85% مۇسۇلماننىڭ 80%ى سۈننىي مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. ئەرەب تىلى دۆلەت تىلى. پايتەختى دەمەشق، پۇل بىرلىكى سۈرىيە فوندى.
بەزى دۆلەتلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، دۆلەت بايرىقىدىن دۆلەت تۈزۈلمىسى ۋە سىياسىي تۈزۈلمىسىدىكى نۇرغۇن ئۆزگىرىش بولغان تارىخىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. سۇرىيە دۆلەت بايرىقى ئەنە شۇنداق بولۇپ، كۆپ قېتىم دۆلەت تۈزۈلمىسىدىكى ئۆزگىرىشكە ئەگىشىپ ئۆزگەرگەن. 1946 - يىلى سۇرىيە مۇستەقىل بولغاندا سابىق پادىشاھى فايسالنىڭ پادىشاھلىق بايرىقىنى قوللانغان، بايراق يېشىل، ئاق ۋە قارا ئۈچ خىل رەڭدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئوتتۇرىسىدا ئۈچ قىزىل بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز بار ئىدى. 1958 - يىلى سۇرىيە بىلەن مىسىر بىرلىشىپ ئەرەب بىرلەشمە جومھۇرىيتى قۇرۇلغاندا، دۆلەت بايرىقىدىكى رەڭ قىزىل، ئاق ۋە قارا ئۈچ خىل رەڭگە ئۆزگىرىپ، ئوتتۇرىسىغا بەش بۇرجەكلىك ئىككى يېشىل يۇلتۇز سىزىلغان. 1961 - يىلى سۇرىيە ئەرەب بىرلەشمىسىدىن چېكىنىپ چىقىپ، يەنە ئەسلىدىكى دۆلەت بايرىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۋالغان. ئۇزاق ئۆتمەي ئەرەب گۈللىنىش سوتسىيال پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ، دۆلەت بايرىقىنى يەنە ئۈچ يېشىل يۇلتۇزلۇق قىزىل، ئاق ۋە قارا ئۈچ خىل رەڭلىك بايراققا ئۆزگەرتكەن. 1971 - يىلى سۇرىيە مىسىر، لىۋىيە بىلەن بىرلىشىپ ئەرەب جۇمھۇرىيتى ئىتتىپاقى قۇرۇپ، بەش بۇرجەكلىك يېشىل يۇلتۇزنىڭ ئورنىغا ئالتۇن رەڭلىك شۇڭقارنى سىزغان. 1981 - يىلى، سۇرىيە يەنە 1958 - يىلىدىن 1961 - يىلىغىچە ئىشلەتكەن دۆلەت بايرىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ھازىرغا قەدەر ئىشلەتمەكتە. قىزىل، ئاق، قارا ۋە يېشىل رەڭ پان ئەرەب رېڭى بولۇپ، ئەرەبنى گۈللەندۈرۈش ئۈمىدى مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن ئەرەب بىرلەشمىسىنىڭ بەلگىسىدۇر. قىزىل رەڭ ئىسسىق قان ۋە شىجائەتنى، ئاق رەڭ ئۈمىد ۋە پاكلىقنى، قارا رەڭ غەلبە ۋە تارىخنى، بەش بۇرجەكلىك يېشىل يۇلتۇز ئەرەب ئىقىلابىنى بىلدۈرگەن.
سۇرىيە دۆلەت گېربى ئەرەب شۇڭقىرى بولۇپ،كۆكسىدىكى قالقانغا دۆلەت بايرىقىدىكى رەسىم - قىزىل، ئاق ۋە قارا ئۈچ خىل بەلدەم بىلەن ئوتتۇرىسىغا بەش بۇرجەكلىك ئىككى يېشىل يۇلتۇز سىزىلغان. دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىدىكى باشىقى يېزا ئىگىلىكىنى بىلدۈرگەن. بېزەككە ئەرەبچە < ئەرەب سۇرىيە جۇمھۇرىيتى > دېگەن خەت يېزىلغان
[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2012-5-3 14:51:36 كۆرۈلۈشى : 149 قېتىم] |
|