ھىلارىنى تۇيۇقسىز ھۇجۇمدىن قوغدايدىغان "ئادەم قالقان"لار مۇشۇ يېقىندا ئامېرىكا ئايال مۇخبىرى لورا.بۇلۇمىڭفېر ئامرېكىنىڭ ۋىرگىنىيە شىتاتىدىكى ئەخپى مەشىىق بازىسىغا كىرىپ ھىلارى ئايال قوغدىغۇچىلىرىنىڭ تېرورچىلىققا قارشى مەشىق جەريانىنى كۆرگەن.بۇلۇمىڭفېر يەنە يالغاندىن ھىلارىنىڭ قىياپىتىدە بۇلۇپ تېرورچىلىق ھۇجۇمى يۈز بەرگەندە ئايال قوغدىغۇچىلارنىڭ قانداق ئادەم قالقىنى بولىدىغانلىقىنى نەخ مەيداندا كۆرگەن. تېرورچىلىققا قارشى مانېۋىردا"تېررورچىلار"ھىلارىنىڭ ماشىنىسىنىڭ چاقىنى پارتلاتقان،ھەمدە يەنە ئىككى "تېررورچى"AK-47تىپلىق ئاپتومات بىلەن ماشىنىغا ئوق ئۈزگەن،بۇ ۋاقتىدا قوغدىغۇچىلار "ھىلارىنى"كەينى ئورۇندۇققا يۈزىنى پەسكە قارىتىپ ياتقۇزغان ھەمدە تەڭ ئاۋازدا"بىزنىڭ رۇخسىتىمىزسىز مىدىرلىماڭ"دېگەن.كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇلارنىڭ بىر قىسمى "ھىلارنىڭ"ئالدىدا سەپ تۈزەپ"ئادەم قالقان"بولغان،يەنە بىر قىسمى سىرتتىكىلەر بىلەن ئېلىشقان.ئايال قوغدىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بويتاق بولۇپ،ئەڭ كىچىكى 24ياش ئىگىلىنىشىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە خاس ماھارەتكە ئىگە بولۇپ،ھەرخىل قوراللارنى ئىشلىتەلەيدىكەن.ئۇلار چوقۇم روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى ئېغىر مەشىقلەردىن ئۆتكەن بولۇپ ئارقىسىغا يېقىلغان ۋاقتىدىمۇ دۈشمەنگە ئوقنى دەل تەككۈزەلەيدىكەن،يەنە ئىككى مىنۇتتا 45 يەر بېغىرلاش ھەرىكىتى ئىشلىيەلەيدىكەن،تىز سۈرئەتتە ھەيدەلگەن ماشىنىنىڭ كەينىدىن نەچچە كوچا ئايلانمىسىغىچە يۈگرىيەلەيدىكەن. بۇ قوغدىغۇچىلار ھىلارى بىلەن ھەرخىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدىغان بولۇپ چەت ئەللەردە زىيارەتتە بولۇش ۋە رېستورانلاردا غىزالىنىش قاتارلىقلاردىمۇ بىللە بولىدىكەن.ئايال قوغدىغۇچىلار ھىلارى بىلەن ھەرقانداق رېستورانغا كىرگەندە ئەڭ ئاۋۋال بەش دانە "جىددىي چىقىش ئېغىزى"نى تاپىدىكەن.29ياشلىق قوغدىغۇچى سىتاشا مۇخبىرغا ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ رېستورانغا كىرسە ئاۋۋال تاماق تىزىملىكىگە قارايدىغانلىقىنى بىراق ئۇلارنىڭ ئاۋۋال تورۇس،لامپۇچكا كۇنۇپكىسى قاتارلىقلارغا قاراپ جىددىي چىقىش ئېغىزى ئىزدەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.35ياشلىق تېلىشا مۇخبىرغا ئۇلارنىڭ قورال ئېلىپ ئىشلىشى خۇددى باشقىلارنىڭ ئېگىز پاشنىلىق ئاياغلارنى كىيىپ،گىرىملارنى قىلىپ خىزمەت قىلغىنىغا ئوخشايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئايال قوغدىغۇچىلار ھەر ساھەدىن كېلىپ چىققان خەۋەرلەرگە قارىغاندا ھىلارىنىڭ ئايال قوغدىغۇچىلىرى ھەر ساھەدىن كېلىپ چىققان بولۇپ بەزىلىرى ساقچى بەزىلىرى ئادۋوكات يەنە بەزىلىرى ھاۋا ئارمىيىسىدىن ئىكەن.29ياشلىق مورگىن بولسا بىر پىئانىنو مۇزىكانتى ئىكەن،ئۇ مۇخبىرغا:"مەن ئىلگىرى بىر پىئانىنو چالغۇچىسى بولۇپ،بۇرۇن قورالمۇ تۇتۇپ باقمىغان،ئۇرۇشلارغىمۇ قاتناشمىغان،دەسلەپ قورال تۇتقاندا خىشتەك ئېغىر بىلىندى،بىراق ھازىر كۆنۈپ قالدىم."دېگەن. ئون نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئامېرىكىنىڭ تۆت نەپەر دۆلەت ئىشلىرى كاتىپىنىڭ ئىچىدە ئۈچى ئايال،شۇڭا ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئايال قوغدىغۇچىلارمۇ بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.ھازىر ھىلارىنىڭ 13ئايال قوغدىغۇچىسى بولۇپ،ئۇلار ئالاھىدە ماھارەتلەرگە ئىگە،ھەرخىل قوراللارنى ئىشلىتەلەيدۇ. ھەتتا ھەرقانداق ۋاقىتتا ھىلارىنى ئوقتىن توسۇپ قېلىشقا رازى، ئۇلار ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن "ھىلارى پەرىشتىلىرى"دەپ ئاتالماقتا.
مەنبە: news.qq.com
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 - 17) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号