ئەسلى تېمىسى: ئامېرىكىدا ئاق تەنلىكلەر «ئاز سانلىق مىللەت» كە ئايلىنىپ قالدىمۇ؟ئاق تەنلىكلەرنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، ئاق تەنلىكلەر ئامېرىكىدىكى «ئاز سانلىق مىللەت» كە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 17- مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا نوپۇس تەكشۈرۈش ئىدارىسى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، ھازىر ئامېرىكىدا يېڭىدىن تۇغۇلغان ئاق تەنلىكلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلىمەيدىغان بولۇپ قالغان.ستاسىتسىكىلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، ئۆتكەن يىلى 7- ئايدا قەدەر، ئىسپانىيەلىكلەر ئەۋلادىدىن باشقا ئاق تەنلىكلەردىن تۇغۇلغان بوۋاقلار پۈتۈن يىل ئىچىدە تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ %49.6 نى ئىگىلىگەن، ئىسپانىيەلىكلەر، قارا تەنلىكلەر، ئاسىيالىقلار ۋە ئەبجەش ئىرقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز سانلىق مىللەتلەردىن تۇغۇلغان بوۋاقلار %50.4 نى ئىگىلىگەن. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئابىدە خاراكتېرلىك بۇ ئۆزگىرىش ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئاق تەنلىكلەر «كۆپ سانلىق» نى ئىگىلەيدىغان نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۈزۈل- كېسىل ئۆزگەرتىۋەتتى.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لاتىن ئامېرىكىسى رايونىدىن ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن ئىسپانىيەلىكلەرنىڭ نوپۇسى شىددەت بىلەن ئېشىپ، ئاق تەنلىكلەردىن توغۇلغان نوپۇسنىڭ ئازىيىش سۈرئىتىنى تېزلىتىۋەتتى. پېۋ تەتقىيات مەركىزى ئىسپانىيە مەركىزىنىڭ نوپۇس ستاتىستىكىچىسى جېفرېي پاسسېلنىڭ ئانالىزىدا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكىدىكى ئىسپانىيەلىك نوپۇسىنىڭ ئوتتۇرىچە ياش قىممىتى 27 ياش بولغاچقا، «كۆپىيىش يۇقىرى باسقۇچى» غا توغرا كەلگەن، شۇڭا، ئامېرىكىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن توغۇلغان نوپۇسنىڭ نىسبىتى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ.ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئەقىل ئامبىرى برۇكىڭس ئىلمىي ئۇيۇشمىسىنىڭ نوپۇس ستاتىسكىچىسى ۋىللىئام فرېي مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكىدىكى نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش قۇرۇلمىسىدىكى مايىللىق ئۆزگىرىشى ئامېرىكىدىكى ئاق تەنلىك نوپۇسىنىڭ «ئاق تەنلىك بوۋاق دولقۇنى مەدەنىيىتىدىن تېخىمۇ يەر شارىلاشقان كۆپ مىللەتلىك دۆلەتكە ئۆزگىرىۋاتقانلىقىدىن» دېرەك بېرىدۇ.
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 - 17) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号