جۇڭگو خەۋەر تورى 3-ماي تېلگراممىسى : شىياڭگاڭ «ئەدەبىي مەلۇمات گېزىتى»نىڭ 3-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئامېرىكا ئاقساراي نەچچە كۈن ئىلگىرى زۇڭتوڭ ئوبامانىڭ بىر تۈرلۈك ئەمىلى خىزمەت مۇساپە پىلانىنى ئاشكارىلاپ ، ئوبامانىڭ ئافغانىستانغا مەخپى ئۇچۇپ بېرىشىنى يوشۇرغان . بىراق بۇ توسۇق يەنىلا «يېرىق»تىن كۆرۈنۈپ قالغان ، ئوباما كابۇلغا يېتىپ بارغان ھامان ، Twitterدا ئاشكارىلىنىپ بولغان . ئىگىلىنىشىچە ، ئاقساراي مۇساپە پىلانىدا ئوبامانىڭ پۈتۈن كۈن ئېللىپىس شەكىللىك ئىشخانىدا ، مۇئاۋېن زۇڭتوڭ بىدېن ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پانېتتا ۋە نوپۇزلۇق مەسلىھەتچىلەر بىلەن بىللە يىغىن ئاچىدىغانلىقىنى ئېيتقان ، پەقەت ئاز ساندىكى ئامېرىكا مۇخبىرلىرى ئۇنىڭ ئافغانىستاندا مەخپى زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلىدىكەن . بىراق ئافغانىستان ئاساسلىق تېلىۋىزىيە ئىستانسى TOLOnews، مەخسۇس ئايروپىلان «ھاۋا ئارمىيە 1-نومۇر» قونۇشتىن نەچچە سائەت بۇرۇن ، ئەڭ بۇرۇن Twitterدا زۇڭتوڭ ئوبامانىڭ كابولغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان . لىكىن ، مەخپى زىيارەت خەۋىرى Twitterدا تىز سۈرئەتتە تارقىتىلىۋاتقاندا ، كابۇلدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىخانىسى شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن كەچكە يېقىن ۋاقىتتا Twitterدا مۇنداق دېگەن : «زۇڭتوڭ ئوبامانىڭ كابۇلدا ئىكەنلىك خەۋىرى يالغان». ئۇنىڭدىن كېيىن ، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئوبامانىڭ زىيارەتكە چىققانلىقىغا ئالاقىدار سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىشتىن ئۆزىنى يوشۇرغان .
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 - 17) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号