جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ 2 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىكى تىلگىراممىسى : چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا ، ئىران زۇڭتۇڭى ئەھمەدى - نىجاد پاكىستاندا ، پاكىستان زۇڭتۇڭى زاھىر دالى ۋە ئافغانىستان زۇڭتۇڭى كارزاھى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ، بارلىق رايۇنلاردىكى تۇقۇنۇشلار ، چەتئەل كۈچلىرىنىڭ ئارلىشىشىنىڭ نەتىجىسى دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن ، ئەمما ، ئۇ چەتدۆلەت كۈچلىرىنىڭ زادى قايسى دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى كونكىرىت ئېيتمىغان . « بارلىق مەسلىلەر سىرتقى كۈچلەرنىڭ تەسىر كۆرسىتىسىدىن قوزغىلىدۇ ، بۇ ئۇلارنىڭ مەقسىدى ۋە قارا نىيىتى » ، نىجاد مۇنداق دىدى : « ئۇلار بىزنىڭ دۆلەتلىرىمىزنىڭ تەرەققى قىلىپ كىتىشىنى خالىمايدۇ » . نىجاد يەنە تۇلۇقلاپ : « چەتئەل كۈچلىرى بىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىمىزغا قول تىقىدۇ . بىز چۇقۇم رايۇن مەسلىسىنى ئىچكى قىسىمدا ھەل قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىشىمىز كېرەك . بىزنىڭ بۇ قىتىمقى يىغىلىشىمىز ، ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىش ھەم مەسلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈندۇر . بىز سىرتقى كۈچلەرنىڭ دۆلىتىمىز ئىشلىرىغا ئارلىشىپ ، ئىچكى ئىشلىرىمىزغاقول تىقىشقا ئۇرۇنۇشىغا قارىشى تۇرۇشىمىز كېرەك .» دىدى . پاكىستان زۇڭتۇڭى زاھىر نىڭ تەكلىپى بۇيىچە ، ئافغانىستان زۇڭتۇڭى كارزاھى ۋە ئىران زۇڭتۇڭى ئەھمەدى - نىجاد ، 16 - چىسلا باشلانغان پاكىستان پايتەختى ئىسلامئاباددا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ دۆلەت ئۇچرۇشۇشىغا قاتناشقان . ئىران زۇڭتۇڭى ئەھمەدى- نىجاد ئۈچ دۆلەتنىڭ تىخىمۇ زىچ ھەمكارلىشىپ ، ئورتاق ئالغا ئىلگىرلىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى .
مەنبە: www.chinanews.com
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 - 17) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号