5-ئاينىڭ 4-كۈنى ، مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرە ، نامايىشچىلار بىلەن ھەربىي قىسىم ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى . مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە نەچچە مىڭلىغان ئامما 4-ماي ئايرىم-ئايرىم ھالدا قاھىرەنىڭ ئىككى چوڭ مەيدانىغا يىغىلىپ ، نەچچە كۈن ئاۋۋال دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا قارىتا غەزەپلىنىپ نامايىش ئېلىپ بارغان . دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا تۇرۇشلۇق ھەربىي ئەسكەرلەر بىلەن نامايىش قىلغان ئامما ئوتتۇرىسىدا يەنە بىر قېتىم توقۇنۇش يۈز بېرىپ ، 59ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 - 17) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号