جۇڭگو ئاخبارات تورى17-ماي تېلېگراممىسى: ئامېرىكا تىك ئۇچار ئايروپىلانى 15-ماي تېكساس شتاتىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن ئاكتىپلاشتۇرۇلمىغان بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى خاتا تاشلاپ قويغان. ۋەقەدىن كىيىن ئۇلار شۇ ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنى جىددىي تارقاقلاشتۇرغان،بەختكە يارىشا ئۈلۈش-يارلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.كىللىن شەھىرىنىڭ پۇقرالىرى 15-ماي كەچتە AH-64 ئاپاچى تىپلىق بىر تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ بىر نەرسىنى تاشلىغانلىقىنى كۆرگەن.ساقچىلار جىددىي بۇ يەرگە يىتىپ كېلىپ ئۇنىڭقالدۇقلىرىنى تېرىۋالغان،ھەمدە بۇ يەرنى قورشىغانيەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دېيىشىچە،بۇ يەردىكى 100 گە يېقىن ئاھالە بۇ سەۋەبتىن تارقاقلاشتۇرۇلغان.بىر بومبا سۆكۈش ئەترىتى بۇ چۈشۈپ كەتكەن جىسىمنىڭ مەشىقتە ئىشلىتىلىدىغان M36 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان بولۇپ، بۇ بومبىنىڭ ئېغىرلىقى 45 كىلوگرام كېلىدىكەن. ھەربىي تەرەپ بۇ ۋەقەنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرمەكتە.
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 - 17) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号