شۇجىنىڭ «ئاشنىسى» بولۇۋالغان ئايال ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى قانداق ئالدىغاندۇ - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , ياشلار بايرىمىغا يەنە -7 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت خەلىقئارا
مەملىكەت
شىنجاڭ
مەدىنىيەت
ئىقتىساد
تەنتەربىيە
كۆڭۈل ئېچىش
پەن - تېخنىكا
سۈرەتلىك

 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
   ئاۋات خەۋەرلەر

 

ساركوزى ئەڭ ئاخى..
ب د ت نىڭ سۈرىيەد..
پۇتىن ئامېرىكا ئ..
ئامېرىكىنىڭ جۇڭگ..
مىسىردا يەنە بىر..
سۈرىيەدە خائىننى..
نۇر بەكرى ئۆمەك ب..
بىر قىز ئوقۇغۇچى..

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

ب د ت نىڭ سۈرىيەد..
ئامېرىكىنىڭ جۇڭگ..
بىن لادىننىڭ قول..
ئوباما ئافغانىست..
ئەر دوغان ئۈرۈمچ..
ئاففانىستان خەلق..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

ئاففانىستان خەلقىنىڭ قۇرئان كۆيدۈرگەنلەرگە قار..
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، 75 ياشلىق ئىتالىيەنىڭ س..
موسكىۋادا قىزلار كوچىدا كىشىلەرگە بۆلجۈرگەن تا..
تايلانتتا جىنسى پاراكەندىچىلىككە ئۇچرايدىغان ئ..
ئەر دوغان ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولدى..
بىن لادېننىڭ 2012-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئو..
ھايۋاناتلار قوغدىغۇچىلىرى يالىڭاچ نامايىش قىلد..
شۇجىنىڭ «ئاشنىسى» بولۇۋالغان ئايال ھۆكۈمەت ئەم..
ئامېرىكىدىكى بىر كۆل بويىدا قانخور «ئالۋاستى» ..
ئاچىسىنىڭ دېيىشىچە جىكسۇننىڭ ئۈلۈمىدە «جىن» با..

خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
شۇجىنىڭ «ئاشنىسى» بولۇۋالغان ئايال ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى قانداق ئالدىغاندۇ
شۇجىنىڭ «ئاشنىسى» بولۇۋالغان ئايال ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى قانداق ئالدىغاندۇ؟ 
        چې جۇڭرى، 1959-يىلى 9-ئايدا جىلىن ئۆلكىسى يەنبيەن ئوبلاستى لوڭجىن شەھىرىنىڭ گاڭفۇسى يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۇ ئون بالىنىڭ كەنجىسى ئىدى. ئۇ 1981-يىلى يېزا ئىگىلىك مەكتىپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن لوڭجىن شەھىرى گاڭفۇسى يېزىلىق ھۆكۈمەتكە تەقسىم قىلىنغان. ئۇ 20 نەچچە يىل تىرىشىپ ئىشلەپ، ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن، ئۇ يەنجى شەھەرلىك پارتكوم شۇجىلىقى ماڭا مەنسۇپ، دەپ ئويلايتتى.
  2010-يىل 3-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇ ئىشخانىسىدا ناتونۇش ئايالدىن كەلگەن تېلېفوننى قوبۇل قىلغان. ئۇ تېلېفوندا: - باش كاتىپ چې جۇڭرى بولامسىز؟ مەن ساۋاقدىشىڭىز سۈي شۇنزىنىڭ دوستى جىڭ يەن بولىمەن، يېقىندىلا كورېيەدىن قايتىپ كەلگەنىدىم، ساۋاقدىشىڭىز سىزگە بىر يۈرۈش ئالىي دەرىجىلىك گىرىم بۇيۇملىرى ئەۋەتتى. ۋاقتىڭىز بولسا كۆرۈشكەن بولساق بوپتىكەن ... دېگەن.
  چې جۇڭرى تېلېفوننى تۇتقىنىچە خېلى ئويلىنىپ سۈي شۇنزىنى ئاران ئېسىگە ئالغان، سۈي شۇنزى يېزا ئىگىلىك مەكتىپىدىكى ساۋاقدىشى بولۇپ، كېيىن كورېيەگە كەتكەچكە، ئۇلار ئالاقىلەشمىگىلى ئۇزاق بولغانىدى. ئۇ سۈي شۇنزىنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيتتى، لېكىن، ئۇ تېلېفون بەرگەن ئايالنىڭ ئاۋازىغا مەپتۇن بولۇپ قالغان. ئۇ بۇ ئايالغا قىزىقىپ، ئۇنى كەچ سائەت 6دە يەنجى شەھىرىنىڭ يېڭىدىن پۈتكەن بەش يۇلتۇزلۇق خەلقئارا مېھمانسارىيىدا كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلغان.
  چې جۇڭرى كەچ سائەت 6دە خەلقئارا مېھانسارىيىغا دەل ۋاقتىدا كەلگەن، ئۇنىڭ ئالدىدا  غۇنچە بويلۇق، ئاق يۈزلۈك، مودا كىيىنگەن نازاكەتلىك 27-28 ياشلار چامىسىدىكى ئايال پەيدا بولغان، چې جۇڭرى بۇ ئايالنى كۆرۈپلا يۈرىكى ئويناپ كەتكەن.
  پاراڭ ئارىلىقىدا چې جۇڭرى جىڭ يەندىن: ئوبلاستلىق پارتكوم شۇجىسى لى ياڭنى قانداق تونۇيسىز؟ دەپ سورىغان.
  جىڭ يەن پىسىڭڭىدە كۈلۈپ قويۇپ: لى ياڭ بىلەن دوستلار ئارقىلىق تونۇشقان، مۇناسىۋىتىمىز خېلى ياخشى ... دېگەن.
 ئىككىسى مېھمانسارايدىن چىققاندا يېرىم كېچە بولۇپ قالغاچقا، چې جۇڭرى كەيىپ بولۇپ قالغان جىڭ يەننى قولتۇقلاپ تۆت يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىدىن ياتاق ئاچقان. چې جۇڭرى جىڭ يەندىن «ئوبلاستلىق پارتكوم شۇجىسى بىلەن زادى قانداق مۇناسىۋىتىڭىز بار» دەپ يېنىشلاپ سورىغان. جىڭ يەن ئۆزىنىڭ لى ياڭنىڭ ئاشنىسى ئىكەنلىكىنى ئاشكارا ئېيتقان.
  چې جۇڭرى ئۆزىنىڭ ئوبلاستلىق پارتكوم شۇجىسى بىلەن بىر ئايالنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ باشقىچە تۇيغۇغا كېلىپ قالغان. ئۇ ئەمەلدارلار سورۇنىدا تېرىكى يوقلۇقىدىن پەرىشان بولۇۋاتقانلىقىنى جىڭ يەنگە ئېيتقان.
  بۇنى ئاڭلىغان جىڭ يەن: ئاكا، بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭ، بىزنىڭ تەقدىر-قىسمىتىمىز شۇنداق پۈتۈلگەندەك قىلىدۇ، بۇ ئىشىڭىزنى يىل ئاخىرىغىچە ئوڭشاپ بېرىمەن، دېگەن.
  شۇنىڭدىن كېيىن، چې جۇڭرى تۈرلۈك ئۇسۇلدا جىڭ يەنگە خۇشامەت قىلغان، ئۇنىڭ بىلەن پات-پات كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا ئالماس ئۈزۈك، ئېسىل كىيىم-كېچەك ئېلىپ بەرگەن. ئۇ جىڭ يەندىن 19 ياش چوڭ بولغاچقا، جىڭ يەننىڭ ئۆزىنى ياراتماسلىقىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئۆزىگە دىققەت قىلىدىغان بولغان. جىن يەنگە ياش كۆرۈنۈش ئۈچۈن يىلدا كورېيەگە ئىككى قېتىم بېرىپ كاستۇم-بۇرۇلكا بۇيرۇتقان.
  چې جۇڭرى 2011-يىلى 6-ئايدا جىڭ يەننىڭ ئالدامچىلىق دېلوسى بىلەن «بەلگىلەنگەن ۋاقىت ۋە ئورۇندا مەسىلىسىنى تاپشۇرۇش»قا بۇيرۇلغاندا، ئۇنىڭ تېخى كىيىپ باقمىغان 50 نەچچە قۇر كاستۇم-بۇرۇلكىسى، 300دىن كۆپ ئايىغى بار ئىدى.
     مۇئاۋىن باش كاتىپ 1 مىليون 800 مىڭ يۈەنگە قويۇلغان
  جىن يەن 2010-يىل 4-ئاينىڭ 6-كۈنى چې جۇڭرىغا تېلېفون بېرىپ: سىزنىڭ ئۆسۈشىڭىزگە كۆپ يول ماڭدىم، ئىشلار ئەپلىشىۋاتىدۇ، لېكىن بۇنىڭغا «300 مىڭ يۈەن كېتىدۇ»، دېگەن. چې جۇڭرى ئۇنىڭغا دەرھال 338 مىڭ يۈەن بەرگەن.
  چې جۇڭرى جىڭ يەنگە پۇلنى بېرىپ بولۇپ، بۇ ئىقتىسادىي يوچۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن قەرز ئېلىش نامى بىلەن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يەنجى شەھەرلىك «جىندى» ئۆي-زېمىن تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىدىن 400 نەچچە مىڭ يۈەن سوراپ ئالغان.
  2010-يىلى «1-ماي» ھارپىسىدا، جىن يەن چې جۇڭرىنى يەنە ئىزدەپ كېلىپ: مەن ئالاقىلىشىۋاتقان ئۆلكىلىك پارتكوم رەھبىرىنىڭ مەركەزگە بېرىپ ئىش بېجىرىشى ئۈچۈن 1 مىليون يۈەن لازىم بولۇپ قاپتۇ، ھەل قىلىپ بەرسىڭىز، دېگەن. چې جۇڭرى ئىككىلەنمەيلا، شۇ كۈنى 1 مىليون يۈەننى جىڭ يەننىڭ بانكا كارتىسىغا سېلىپ بەرگەن.
  لېكىن ئۇ جىن يەننىڭ بۇ پۇلنى ئېلىپلا «AUDI» ماركىلىق پىكاپ، ئالىي دەرىجىلىك كىيىم-كېچەك سېتىۋالغانلىقى، ئالىي دەرىجىلىك كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا  پۇلنى ساماندەك سورىغانلىقىنى بىلمەيتتى.
  جىن يەن 2011-يىلى 7-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى يېڭى سېتىۋالغان «AUDI» ماركىلىق پىكاپىنى ھەيدەپ كېلىپ، چې جۇڭرىنى يەنجى شەھىرى «ماۋشەن چارگاھ»ىغا بېرىپ دەم ئېلىپ كېلىشكە تەكلىپ قىلغان. جىن يەن چې جۇڭرىنىڭ قوينىدا تۇرۇپ: سىزنىڭ ئىشىڭىز نۇرغۇن ئادەمگە چېتىلىدىكەن. يېقىندا ئۆلكىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئالمىشىپتۇ، ئۇ تاغامنىڭ يېقىنى بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئانچە-مۇنچە كۆڭۈل بىلدۈرمىسەك بولماس، دېگەن. چې جۇڭرى تەشكىلات بۆلۈمى مۇھىم ئورۇن، سەل قاراشقا بولمايدۇ، دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭ بانكا كارتىسىغا 300 مىڭ يۈەن سېلىپ بەرگەن.
 جىڭ يەن 2010-يىلى 10-ئاينىڭ بېشى «سىزنى ئۆستۈرۈش ئىشى بىلەن چاڭچۇنگە بېرىپ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈپ كېلىمەن» دېگەندە، چې جۇڭرى ئۇنىڭغا يەنە 100 مىڭ يۈەن بەرگەن؛ جىن يەن 2011-يىلى 1-ئايدا جىلىن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ رەھبىرى جىلىن شەھىرىدە «مەن بىلەن كۆرۈشمەكچى» دېگەندە، چې جۇڭرى ئۇنىڭغا يەنە 3500 فوند ستېرلىڭ بەرگەن. بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا جىن يەن چې جۇڭرىدىن 1 مىليون 800 مىڭ يۈەننى ئالداپ ئېلىۋالغان.
             تامنىڭمۇ قۇلىقى بار
      جىن يەن 2011-يىل 3-ئاينىڭ 21-كۈنى بەزى دوستلىرىنى يەنجى شەھىرى «جىندالەي» مېھمانخانىسىغا تاماققا تەكلىپ قىلغان. جىن يەن كەيىپ بولۇپ قېلىپ دوستلىرىغا لى ياڭ بىلەن قانداق تونۇشۇپ قالغانلىقى، قانداق ياخشى كۆرۈشۈپ قالغانلىقىنى ماختىنىپ سۆزلەپ بەرگەن. بۇ چاغدا ياندىكى ئۆيدە تاماق يەۋاتقان ج ك پ يەنبيەن ئوبلاستلىق پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ باشقارما باشلىقى بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ھاڭ-تاڭ قالغان، چۈنكى، ئۇنىڭ بىلىشىچە ئوبلاستلىق پارتكوم شۇجىسى لى ياڭنىڭ بۇنداق دوستى يوق ئىدى. شۇڭا، ئۇ تاماقتىن كېيىن جىن يەننىڭ ئارقىسىدىن چىقىپ، ئۇنىڭ ئاپتوموبىلىنىڭ نومۇرىنى خاتىرىلىۋالغان.
  يەنجى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئامانلىق ساقلاش چوڭ ئەترىتى ئاپتوموبىل نومۇرى ئارقىلىق جىن يەننىڭ ئەھۋالىنى تېزلا ئىگەللىگەن. جىن يەن ئەسلىي جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن، كۆپ ئەسكىلىك قىلغان ئايال ئىكەن. ساقچىلار 2011-يىل 3-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۇنى توختىتىپ قويغان.
  جىن يەن 1978-يىلى 10-ئايدا يەنبيەن ئوبلاستى تۇمىن شەھىرىنىڭ چەت يېزىسىدا تۇغۇلغان. كىچىكىدىنلا ناھايىتى سۆزمەن ئىكەن. ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن يەنجى شەھىرىگە كېلىپ ئىشلىگەن. 21 ياشقا كىرگەندە يەنجى شەھىرىدىكى ئاپتوموبىل رېمونتچىسىغا ياتلىق بولغان. ئۇ ئالدامچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن بىرنەچچە قېتىم تۇتۇلغان، شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ يامان ئادىتىنى ئۆزگەرتمەي، ئەكسىچە ئالدامچىلىق ۋاسىتىسىنى قانداق ئۆستۈرۈشنى ئويلىغان. يۇقىرى قاتلامدىكى رەھبەرلەر بىلەن ئالاقىلىشىش ئۈچۈن، ئۇ كۆپ ۋاسىتە قوللىنىپ، ئۆلكە، ئوبلاست، شەھەردىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ئىشخانا، يان تېلېفون ۋە ئۆي تېلېفون نومۇرلىرىنى يىغىپ، ئالدامچىلىق قىلىشقا باشلىغان. چې جۇڭرى دەل ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تاللىغان نىشانلىرىنىڭ بىرى ئىدى.
                ئالدامچىلىقنىڭ كۆلەڭگۈسىدىكى چىرىكلىشىش
  جىن يەن 2011-يىلى 4-ئاينىڭ بېشىدا ساقچىلارغا ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپىدىن 1 مىليون 800 مىڭ يۈەننى ئالداپ ئېلىۋالغانلىقى ۋە باشقا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىمۇ ئالدىغانلىق جىنايىتى تاپشۇرغان. چې جۇڭرى ا «بەلگىلەنگەن ۋاقىت ۋە ئورۇندا مەسىلىسىنى تاپشۇرۇش» قا بۇيرۇلغان.
   ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى قانداق قىلىپ 1 مىليون 800 مىڭ يۈەن سوۋغا بېرەلەيدۇ؟
   مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىدىكىلەر تەكشۈرۈپ چې جۇڭرىنىڭ ئوبلاستلىق زېمىن بايلىقى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، يەنجى شەھىرىنىڭ باشلىقى، ئوبلاستلىق سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان مەزگىلىدە خىيانەت قىلىش، پارا ئېلىش، زور مال-مۈلكىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولماسلىق قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ زور مەسىلىسى بارلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇنىڭ ئاياللارنىڭ كويىدا بولۇپ، چىرىكلىشىپ چۈشكۈنلەشكەنلىكى، ئوي-زېمىن سودىگەرلىرى تەمىنلىگەن جىنسىي پارىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېنىقلىدى.
   يەنبيەن ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 2012-يىل 2-ئاينىڭ 24-كۈنى 1-سوت ھۆكۈمىنى چىقاردى. سوت مەھكىمىسى «چې جۇڭرى 1996-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، 3 مىليون 300 مىڭ يۈەن ھۆكۈمەت پۇلىغا خىيانەت قىلغان، باشقىلار بەرگەن 6 مىليون 800 مىڭ يۈەن پارىنى قوبۇل قىلغان، يەنە 10 مىليون يۈەنلىك زور مال-مۈلكىنىڭ قانۇنلۇق كېلىش مەنبەسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگەن» دەپ قارىدى. سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا خىيانەت قىلىش، پارا ئېلىش، زور مال-مۈلكىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولماسلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەردى.  
[ئاپتورى :   مەنبەسى :   ۋاقتى : 2012-3-1 19:51:30  كۆرۈلۈشى : 2437 قېتىم]

  
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
كۇنلۇكى100_150يۇەندىن 20نەپەر كۇنلۇك ئىشچى قۇبۇل قىلمىز،
شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىردىن ھۆكمەت تارمىقدىكى ساندۇ..
ئىلمىي مالاقە لازىممۇ!
بىنا ئۆي ئىجارىگە بېرىلىدۇ
80توننا مىغىز كۈنجۈر سېتىلىدۇ
....سۇپۇن زاۋۇتىغا ئەر-ئايال،قىز-ئۇغۇل خىزمەتچى قۇبۇل قى..
ئايدا 200 نەچچە يۇەن تۆلەپ داڭلىق ماركىدىكى كومپىيۇتىر،..
جىىدى ئەرزەن باھادا سىيتلىدۇ!
مېنرالسۇزاۋۇتىغا10نەپەر خىزمەتچى قۇبۇل قىلمىز
كەشتە ئىشلەش زاۋۇتىمىزغا جىددىي 5نەپەر قىز ئىشچى ئالىم..
مايلېق مۇتسېكلېتنېڭ LPG سۇيۇقلاندۇرۇرغان گاز قۇرۇرمرسې..
ھۇكىمەت تارمىقىدا ئىشلەپ كوپ پۇل تاپقۇڭىز بارمۇ؟
ھۆكۇمەت ئورنىدا ئىشلەپ ،ھۆكۇمەتنىڭ رەسمى ئىشچىسى بولۇ..
ئۆي سېتىۋالىدىغانلارغا تەۋسىيە !!!!!كۆرۈپ بىقىڭ !!!
قارقات ئىچىملىك زاۋۇتىمىزغا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىر..
{پۇل تىپىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بۇ يەردە}
ھەركەتلىك | فانتازيىلىك | قورقۇنۇچلۇق | ئۇرۇش | بوكىس | ئۇيغۇرچە | قىسىملىق | كارتون | كومىدىيىلىك | مۇھەببەت
پىچاقچى
قەھرىمان
كۆڭۈلدىكىدەك مۇھەببە
گىگانىتلار 3-بۈلۈم
چەۋەنداز مۈشۈك
يېڭى ‹غەرىپكە ساياھە
ناتىۋانلار 1-72
قىساسكار ئاشىق 1 -10
قىزىم نەدە؟ 1 - 104
كورتلار ۋادىسى - ئىر

شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682