5- ئاينىڭ 3- كۈنى چەتئەل ئاخباراتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، لىۋىيە ئۆتكۈنچى كومېتىتىنىڭ بىر ئەدلىيە ئەزاسى 2- ماي مۇنداق دېدى: كازافىنى ياكى ئۇنىڭ ئىددىيسىنى، ۋە ياكى ئۇنىڭ بالىلىرىنى مەدھىيلەپ تەرىپىنى قىلىش گۇناھ ھېسابلىنىپ، تۈرمىگە تاشلىنىدۇ. ئەگەر بۇ قىلمىشى دۆلەتكە خەۋپ يەتكۈزسە، ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە تۇرغاندا، ئۆسەك سۆز تارقىتىپ، دۆلەتنىڭ ھەربىي بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزسە، ياكى تېرورلۇق تۈسىنى ئالغان يالغان خەۋەرلەرنى تارقاتسا، ئۇنداقتا بۇ خىل ئادەملەرمۇ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ. لىۋىيىنىڭ قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، 2011- يىلى كازافى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇۋەتكەندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر، لىۋىيە يەنىلا ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە تۇرىۋاتىدۇ.
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 - 17) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号