ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپلىقىنى ئايال كىشى ئۈستىگە ئېلىش ئەنئەنىلىككە ئىگە،شۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپىنىڭ قوغدىغۇچىلىرىمۇ چوقۇم ئايال بولۇشى كېرەك.ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى ئۆزىمۇ ئايال قوغدىغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.بۇ گۈزەل قىزلار ھىلارىنىڭ ئايال قوغدىغۇچىلىرىدۇر.ئەمما ئۇلارنى بوش چاغلىماڭ،ئۇلار كۆزنى يۇمۇپ ئاچىقىچە جېنىڭىزنى ئېلىشى مۇمكىن.گەرچە ئايال قوغدىغۇچىلار ھىلارى قوغداش ئەترىتىدە موھىم ئورۇننى ئىگىلىسىمۇ پەقەت بەشلا قوغدىغۇچى بار،ئەمما ئۇلار كازافىنىڭ ئايال قوغدىغۇچىلىرىغا ئوخشىمايدۇ.ئۇلار ھەر خىل قوراللارغا پىششىق بولۇپ،ئىككى مىنۇتتىلا 45 خىل ماھارەتنى تاماملىيالايدۇ.ھىلارىنىڭ ئايال قوغدىغۇچىلىرى چىرايلىق بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە خىللانغان ۋە قاتتىق مەشىقلەندۈرۈلگەن بولۇپ،تۈرلۈك تۇيۇقسىز ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ناھايىتىمۇ يۇقىرى.ھىلارىنىڭ ئايال قوغدىغۇچىلىرى ھىلارىغا ئەگىشىپ ئۇنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.سۈرەتتە ئۇنىڭ قوغدىغۇچىسى ئۇنى ھىمايە قىلىپ ماشىنىغا چىقارماقتا.مەيلى ھىلارى خانىم دۆلەت ئىچىدە ياكى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى شۇنداقلا يىغىنلارغا قاتناشمىسۇن ئۇنىڭ چىرايلىق قوغدىغۇچىلىرى ئۇنىڭ سايىسىدەكلا ئۇنىڭ ئەتراپىدا يۇرۇشىدۇ.ئايال قوغدىغۇچىلار مانا مۇشۇنداق قەھرىتان سوغۇقلاردىمۇ قاتتىق مەشىقلەندۈرۈلگەنلىكتىن،ئۇلار تۆمۈر ئاياللار قوشۇنى دەپ تەرىپلەنگەن.ئايال قوغدىغۇچىلار مەشىق ئۈستىدەئايال قوغدىغۇچىلارئەترىتىدىكى خادىملار مەشىق ئۈستىدەئايال قوغدىغۇچىلار ئادەتتە ھىلارى خانىمنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ بولغاندىن كېيىن بازىغا قايتىپ كېلىپ مەشىق ئېلىپ بارىدۇ.ئۇلار ھەر خىل قوراللارنى ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى تولۇق ھازىرلىغان بولۇپ،ئىنكاسى ناھايىتىمۇ تېز ۋە چەبدەس.ئۇلار كۆپ ھاللاردا بازىدىكى ئەر ئەسكەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئەسكەرلەر بىلەن بىللە قوغداش مەشىقى ئېلىپ بارىدۇ.ئايال قوغدىغۇچىلار ئەرلەر بىلەن بىللە مەشىققە قاتناشماقتائايال قوغدىغۇچىلار مەشىق ئۈستىدەئايال قوغدىغۇچىلار مەشىققە تەييارلىق قىلماقتا.ئايال قوغدىغۇچىلار مەشىق قىلماقتا.ئادەتتە ئۇلار مانا مۇشۇنداق جاپالىق مەشىق قىلىپ قاتمۇ-قات سىناقلاردىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ھىلارىنى قوغداش خىزمىتىگە تاللانغان.ئايال قوغدىغۇچىلار ئەترىتىدىكى خادىملار قورال مەشىقى قىلماقتا.
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 - 17) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号