جاستىننى كۆرگەن قىزلار ماڭقىسىنى ئېقىتىپ يىغلاپ كەتتى |

4-ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا كانادالىق قالتىس ئالقىشلىق ناخشىچى جاستىن بىيبىر لوندوندا پەيدا بولۇشى بىلەن ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان قىز چوقۇنغۇچىلىرى ئەسەبىيلەرچە ۋارقىراپ ئۆرە -تۆپە بولۇشۇپ ھەتتا قاتناشنىمۇ قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى .

مەبۇدىسىنىڭ لوندونغا كىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ھەتتا بەزى قىزلار نەچچە كىچە كوچىدا تۈنىگەن . بەزىلىرى جاستىن چۈشىدىغان مىھمانخانا سىرتىغا چىدىر تىكىپ شۇ يەردە كىچىنى ئۆتكۈزگەن . يەنە بەزىلىرى ئۆز ئارا قاتتىق مۇنازىرلىشىپ ئۇنىڭغا بولغان سادىقلىقىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ كىمنىڭ ئۇنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقى توغرىسىدا بەسلەشكەن .بىر قىز ‹‹ پەرۋەردىگار ، مەن ئۇنى بەك بەك ياخشى كۆرىمەن ، مەن ھەر كۈنى كەچتە ئۇنى چۈشەيمەن .›› دىگەن . يەنە بىرسى ‹‹ ياق ، مەن ئۇنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى ، ئۇ ماڭا ھاياتى كۈچ ئاتا قىلغان . ئۇ مىنىڭ مەبۇدەم . مەن ئۇنىڭ بارلىقىنى ياخشى كۆرىمەن ، ئۇنىڭ قىز دوستىدىن باشقا !›› شۇ كۈنى جاستىن مىھمانخانىغا يىتىپ كىلىشتىن بۇرۇن چوقۇنغۇچىلىرى ھەر 20 مىنوتتا بىر قىتىم بەزى بىر يالغان خەۋەرلەر ئۈچۈن چىقىرىشىپ بۇ ئۇلۇغ مەبۇدىسىنى كۆرۈش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بۇلۇپ قىلىشتىن قاتتىق قورقۇشقان . بۇ قىزلار جاستىننى كۆرۈش ئۈچۈن نەچچە كۈن يىمەي- ئىچمەي ھەتتا مەكتەپكىمۇ بارماي ساقلىغان . بىر قىز مۇنداق دىگەن . ‹‹ مەن تۆت كۈن مەكتەپكە بارماي ئۇنى ساقلىدىم ، ئاتا- ئانام مىنى ساراڭ بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالدى ، چۈنكى ئۇلار مىنىڭ ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى چۈشەنمەيدۇ .›› يەنە تېخى مەكتەپ فورمىسى كىيىۋالغان 12 ياشلىق ئوكىنى مۇنداق دېگەن: ‹‹ باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشى بىلەن كارىم يوق ، بىيبىر بەك قاملاشقان ، مەن ئۇنى سۆيىمەن».

جاستىن بىيبىر لوندونغا يىتىپ كېلىپ خانلىق ئالاھىدە مېھمانخانا دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگەندە بۇ قىز چوقۇنغۇچىلىرى شاۋقۇن- سۈرەنلىرىنى توختىتىپ ھاياجانلىق ياشلىرىنى ئاققۇزغان ، ھەم ئۇنىڭ ماشىنىسىنى ئورىۋېلىپ ماشىنىنىڭ ئەينىكىنى مۇشتلىغان . ھەتتا ئۇلار ئالدىغا ماڭالماي شوپۇر توختىماي سىگنالنى باسقان .

بىر قىز تىخى شۇ ‹‹جەڭ ›› مەيدانىدىكى ئىتتىرىش سوقۇلۇشلارنىڭ ئاسارىتىدە جاستىننىڭ قولىغا تىگىپ كەتكەن بۇلۇپ ھاياجانلانغان ھالدا ‹‹ مەن ئۇنى سىلىۋالدىم! مەن جاستىن بىيبىرنى سىلىدىم ، توۋا! مەن بۇنىڭ راستلىقىغا ئىشەنگىم كەلمەيۋاتىدۇ . بۈگۈن مەن ئۈچۈن ھاياتىمدىكى ئەڭ گۈزەل بىر كۈن . مەن بەك بەخىتلىككەنمەن !››
[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2012-4-27 22:27:47 كۆرۈلۈشى : 665 قېتىم] |
|