داڭلىق چولپان ۋېكتورىيە ئامراق قىزىنى ئېلىپ جۇڭگوغا كەلدى |

تېڭشۈن تاماشا تورى 22-ئاپرېل خەۋىرى ، داڭلىق پۇتبول چولپىنى بېكخامنىڭ ئايالى ۋېكتورىيە ئامراق قىزىنى ئېلىپ بېيجىڭغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىم ئاساسلىقى بېيجىڭدىكى مەلۇم بىر پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن . بىر كۈن ئاۋۋال كەلگەن ۋېكتورىيە ئوماق قىزى بىلەن بىرگە بېيجىڭ كوچىلىرىنى ئايلاندى .
چولپان ۋېكتورىيە ئىنتايىن داغدۇغىلىق كۈتۈۋېلىنغان بولۇپ ،ئۇ چىققان ئېسىل ماشىنىنىڭ ئارقىسىدا نۇرغۇن قوغداپ ئەگىشىپ ماڭغۇچى ماشىنا ئەترىتى تەڭ ماڭغان ،نۇرغۇن كىشىلەر ۋېكتورىيەگە ئەگىشىپ ئۇ ئورۇنلاشقان مېھمانخانا ئالدىغىچە ئەگىشىپ كەلگەن. ئۇ مېھمانخانىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن قوغدىغۇچىلارنىڭ ياردىمىدە ئوماق قىزىنى ئېلىپ ماشىنىدىن چۈشكەن . ئۇ شۇ كۈنى ناھايىتى چىرايلىق ياسانغان بولۇپ، مودا خاسلىقىنى قىلچە يوقاتماي ، گۈزەللىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغان .


2012-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى پۇتبول چولپىنى بېكخامنىڭ ئايالى ۋېكتورىيە بېيجىڭدا مەلۇم بىر ماشىنا ماركىسىنىڭ يېڭى پاسوندىكى ماشىنا ئىشلەپ چىقارغانلىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە قاتناشقان . بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە ئۇ يەنىلا گۈزەللىكىنى نامايان قىلىپ تۇرىدىغان ئېسىل كىيىم كىيگەن بولۇپ، خاسلىقى بىلەن ھەممەيلەننى جەلپ قىلدى .




[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2012-4-23 23:05:40 كۆرۈلۈشى : 352 قېتىم] |
|