|
|
داڭدار چولپانلارنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشىنىڭ ئاجايىپ سىرلىرى |
مەنبە: blog.sina.com.cn
2012-04-10 08:22
جۇڭگودىكى كىشىلەرنىڭ چەتئەلگە چىقىش قىزغىنلىق ئۇرغۇپ - تېشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن چولپانلار ناھايىتى ئاز سالماقنى ئىگىلىسىمۇ ، ئەمما چەتئەلدە ئولتۇراقلاشقان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى كۆزگە ئەڭ چېلىقىدىغان كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ . ئۇنداقتا بۇ چولپانلار نېمە ئۈچۈن دۆلەت ئىچىدىكى پاراغەتلىك تۇرمۇشىنى تاشلاپ چەتئەلگە چىقىپ كېتىدۇ ؟ تۆۋەندە بىز بۇ ئاجايىپ سىرلارغا جاۋاب ئىزدەپ باقايلى :
1. لى لىيەنجيې

جۇڭگودىكى گۇمپا شاھى دەپ نام ئالغان داڭلىق چولپان لى لىيەنجيېنىڭ سىنگاپورغا چىقىپ كەتكەنلىكى ئاللىقاچان ئاشكارىلانغان مەخپىيەتلىك بولۇپ قالدى . ئاشكارىلىنىشىچە ، لى لىيەنجيې سىنگاپوردىن ئون تۆت مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى ئۆي سېتىۋالغان . يەنە كېلىپ ، ئۇ سىنگاپوردىكى تەكلىپ بىلەن قاتناشقان مەلۇم بىر قېتىملىق يىغىندا ئۆزىنىڭ سىنگاپورغا كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان . لى لىيەنجيېنىڭ نېمە سەۋەبتىن چەتئەلگە چىقىپ ئولتۇراقلاشقانلىقىنىڭ سەۋەبىگە كەلسەك ، ئۇنىڭ چەتئەلگە چىقىشى ھەرگىزمۇ جۇڭگودىن ۋاز كېچىپ ، ۋەتەننى سۆيمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس . تەيۋەندىكى تاراتقۇلارنى ئۇنى زىيارەت قىلغاندا ئۇ تاراتقۇلارغا : « سىنگاپور ناھايىتى پاكىزە شەھەر ، ئامانلىق ساقلاش خىزمىتىمۇ ناھايىتى ياخشى ، سىنگاپورنىڭ ئىللىق ھاۋاسىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن . بۇ جايدا قوش تىل مائارىپى يولغا قويۇلغان . كۆپ خىل مەدەنىيەت مەركەزلەشكەن شەھەر . شۇڭا مەن سىنگاپورنى تاللىدىم » دېگەن . ئۇ يەنە : « بەلكىم باشقىلار مېنى تىللىشى ، مېنى چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن ، ئەمما مەن سىنگاپورغا كۆچۈپ چىققانلىقىمدىن پۇشايمان قىلمايمەن » دېگەن . ئۇنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا ، بالىسى قوبۇل قىلالايدىغان ، جۇڭگو ۋە غەرب مەدەنىيىتىنى تەڭ ئۆگۈنەلەيدىغان ياخشى بىر ئۆگۈنۈش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ۋە ئائىلىسىدىكىلەردىن خاتىرجەم ھالدا سىرتلارغا چىقىپ ئىشلىيەلەيدىغان جاينى تېپىش ئۈچۈن ئىكەن .
2. جاڭ زىيى

جاڭ زىيىنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى نۇرغۇنلىغان چولپانلارغا ئوخشاشلا كەسىپ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ئىدى . چۈنكى ئۇ خەلقىئارا دۆلەتلەر ئارىسىدا قاتناپ يۈرۈشكە توغرا كەلگەنلىكتىن چېگرىدىن كىرىپ - چىقىش قولايلىق بولۇشى ئۇنىڭغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم ئىدى . ئۇ ئەڭ بۇرۇن شىياڭگاڭ ئىقتىساسلىقلار پىلانى ئارقىلىق شىياڭگاڭلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن چولپان ھېسابلىنىدۇ . يانچۇقىدىكى شىياڭگاڭنىڭ پاسپورتى ئىدى .
3. گۇڭ لى

گۇڭ لىنىڭ سىنگاپورغا چىقىپ كېتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا ئۇنىڭ يولدىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى . گەرچە ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ئاجرىشىپ كەتمەكچى بولغانلىقى توغرىسىدىكى سۆز - چۆچەكلەر تارقالغان بولسىمۇ ، ئەمما ئاخىرى ئۇنىڭ سىنگاپورغا كۆچۈپ چىققانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ئىلگىرىكى ئەپقاچتى گەپلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان ئىدى .
4. خۇجۈن
 خۇجۈن شىياڭگاڭ نوپۇسىغا ئۆتۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ، ئايالىنىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغانىدى . 2001 - يىلى ، خۇجۈننىڭ ئايالى بىر قىز يەڭگىدى . ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى قائىدە - تۈزۈم بويىچە بولغاندا ، خۇجۈن ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشقا يول قويۇلمايتتى . ئەمما ئۇ شىياڭگاڭ تەۋەلىكىگە ئۆتكەندىن كېيىن تەبئىي ھالدىلا ئىككى پەرزەتلىك بولۇش ئىمتىيازىغا ئىگە بولالايتتى .
5. جىياڭ داۋېي

جىياڭ داۋېي نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى كاناداغا كۆچۈپ كەتكەنىدى . ئۇنىڭ كاناداغا كۆچمەن بولۇپ بېرىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا ، بالىلىرىنى چەتئەلدە تەربىيلەش ئۈچۈن ئىدى . ئۇنىڭ ئادۋۇكاتى ئۇنىڭغا چەتئەلگە چىقىش تەكلىپىنى بەرگەن ھەمدە ئۇ داڭلىق شەخس بولغاچقا ، چەتئەلگە چىقىپ ئولتۇراقلىشىشقا ئانچە كۆپ پۇل خەجلەنمەيدىغانلىقىنى ، ھەمدە قىزىنىڭ كانادادا ئوقۇش مەسىلىسىنىڭ تەبئىي ھالدا ھەل بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان . يەنە كېلىپ ئۇنىڭ خەلقىئارالىق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىگىمۇ كۆپلىگەن قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغان بولغاچقا ، ئاخىرىدا كاناداغا كۆچۈپ بېرىشنى قارار قىلغان .
6. چېن چۇڭ

كىنو خانىشى دەپ نام ئالغان چېنچ چۇڭ نام چىقىرىپ تازا ۋايىغا يەتكەن چاغدا ، ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىققان . ئۇ دەسلەپكى مەزگىللەردە ھوللىۋود كىنوچىلىقىغا تونۇلغان جۇڭگو ئارتىسى بولغاچقا ، ئۇنىڭ يات دۆلەتتە تاۋلىنىشى ئۇنىڭ خەلقىئارادىكى نوپۇزىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان . 1988 - يىلى ، ئوسكار مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىدا ، ئۇ جۇڭگولۇقلارغا ۋاكالىتەن تۇنجى بولۇپ دۇنيا كىنو سەھنىسىنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالغان . ئۇنىڭ چەتئەلگە چىقىش مەقسىتىنى كەسىپي تەرەققىياتى ئۈچۈن دېيىشكە بولىدۇ .
7. تاڭ ۋېي

تاڭ ۋېينىڭ يۈرەكلىك ھالدا ئورۇنلىغان ماھارىتى رادىئو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى تەرىپىدىن چەكلەنگەن . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ناھايىتى ئۇزۇن مەزگىللەرگىچە ئۇنىڭ ھېچقانداق خەۋىرى بولمىغانىدى . ئەمما يېقىندا ئۇ شىياڭگاڭ پۇقراسىغا ئايلانغان بولۇپ ، بۇ يەردە ئۇ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايدۇ .
8. جاڭ تيېلىن

چېڭلۇڭ خاننىڭ ئوبرازى ناھايىتى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا يارىتىپ چىققان جاڭ تيېلىن ئەينى يىلى ئەنگىلىيەدىكى لوندون خانلىق تىياتىر ئىنىستىتۇتىدا ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ، ئەنگىليە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەن . ئۇ بىر قېتىملىق لىكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىدە ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا ئەنگىلىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتۈشىنىڭ سەۋەبى بولسا ، تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتلەرگە ئېرىشىپ ، دۇنياغا جۇڭگونى تونۇتۇش ۋە تېخىمۇ ياخشى جۇڭگولۇق بولۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان .
9. نىڭ جىڭ

نىڭ جىڭنىڭ چەتئەلگە چىقىپ ئولتۇراقلىشىشىنىڭ سەۋەبى نۇرغۇنلىغان چولپانلار بىلەن ئورتاق بولۇپ ، ئۇ دۆلەت ئىچىدىكى تاماشا ساھەسىنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتىدىن كۆڭلى سوۋۇغان ، چېكى يوق خىزمەتتىن بىزارلىق ھېس قىلغان ، پايلاقچى مۇخبىرلارنىڭ ئاپپاراتى ۋە سۆز - چۆچەكلىرىدىن يىرگەنگەنلىكى ئۈچۈن ئامېرىكىغا چىقىپ كېتىشنى تاللىغان . ھەمدە بۇ يەردە ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاش ئاددىي تۇرمۇشتىن بەھىر ئېلىشنى تاللىغان . ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇ ئامېرىكىدا ئۆزىنى ناھايىتى ئەركىن ھېس قىلىدىكەن . بۇ يەردە كىشىنى بىئارام قىلىدىغان ئىشلار ۋە تۈگىمەس تېلىفونلارنىڭ ئاۋارىچىلىقىدىن ساقلانغىلى بولىدىكەن . نەگە بېرىشنى خالىسا شۇ يەرگە بارالايدىكەن . كەينىدىن ئەگىشىۋالىدىغان مۇخبىرلار يوق ئىكەن . ئەڭ مۇھىمى ئۇ بۇ يەردە تىنچ ۋە خاتىرجەم كۈن ئۆتكۈزەلەيدىكەن .
بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن چولپانلارنىڭ چەتئەلگە چىقىپ ئولتۇراقلىشىشىنىڭ سەۋەبى باجدىن قېچىش ئۈچۈن ئىكەن ، چۈنكى دۆلىتىمىزدە چەتئەل نوپۇسىدىكى سەنئەتكارلار شىركەت ئاچسا باج كېمەيتىپ ئېلىنىدىكەن ياكى كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن . بۇنداق بولغاندا چولپانلار بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايدىكەن .
[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2012-4-11 11:29:26 كۆرۈلۈشى : 430 قېتىم] |
|
|
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
|
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى
(2010 - 5 - 17)
, خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn ,
ئالاقە QQ نۇمۇرى :
396896928 ,
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 ,
新ICP备10201682号 |
|