ئاشىق - مەشۇقلارنىڭ تاكاللىشىپ قېلىشى ئادەتتىكى بىر ئىش . ئەمما ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ يەنە شۇنداق ئەھۋال داۋاملاشسا كىشىلەرگە چۈشىنىكسىز تەسىر بېرىپ قويۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ . تاماشا ساھەسىدە يەنە شۇنداق چولپانلار باركى ، ئۇلار ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ، يەنە داۋاملىق تۈردە تاكاللىشىپ ھەتتا جاڭجاللىشىپ كەلگەن . چۈشىنىش تەس بولغىنى شۇكى ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى دەتالاش زادى يۈز - ئابرويى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانمۇ ياكى مەنپەئەت ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانمۇ ؟ بۇ توقۇنۇشنى زادى ھەل قىلغىلى بولمامدۇ ؟
تۆۋەندە بىز بۇ ئاجايىپ توقۇنۇشقا تولغان سىرلارغا جاۋاب تېپىپ باقايلى :
1. ۋاڭ جىفېي بىلەن جاڭ شىنيى

سەۋدا چولپان ۋاڭ جىفېي يېقىندا مىكرو بىلوگىدا مەشۇقى جاڭ شىنيى بىلەن ئايرىلىپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىدى . ئۇنىڭ قايغۇلۇق ئايرىلىش ھېسياتى نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ قوللىشى ۋە ھېسداشلىقىنى قوزغىدى . بەزى تورداشلار ئۇنى ئايرىلىپ كەتكەنلىكىنى دەستەك قىلىپ ئۆزىنى تەشۋىق قىلماقچى دەپ قارىدى . قوللىغۇچىلىرى بولسا بەس - بەستە ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇپ تەسەللىي بەردى . جاڭ شىنيى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئۇۋىسىدا تىنچ ياتقۇسى كەلمىگەندەك ، ئۆزىنى ئاقلاپ ، ۋاڭ جىفېيغا رەددىيە بەردى ، ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى قوغدىماقچى بولدى .
2. چېن شىياۋدۇڭ بىلەن جاڭ بوجى

چېن شىياۋدۇڭ بىلەن جاڭ بوجى ئىككىسى ئىلگىرى ئامراق بىر جۈپلەردىن ئىدى ، شۇنداقلا چېن شىياۋدۇڭ جاڭ بوجى تەرىپىدىن يۈرەك تارىنى چەككەن بىردىنبىر ئەر دەپ ئېتىراپ قىلىنغانىدى . ئەمما بۇ ئىككىيلەن ئاخىرىدا يەنىلا ئايرىلىپ كەتكەن . چېن شىياۋدۇڭ جاڭ بوجىغا پۈتۈن ئىشىتىياقى بىلەن كۆيگەن ، بۇ خىل ئۆزىگە ھېچقانداق چېكىنىش يولى قالدۇرمىغان مۇھەببەت ئۇنىڭغا زور بېسىم ئېلىپ كەلگەن . ئاخىرىدا ئۇ جاڭ بوجىغا ئايرىلىپ كېتىشنى ئېيتقان ، بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا ، جاڭ بوجى ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك ساداقەتمەن ئەمەسلىكىنى ئېيتقان . بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان جاڭ بوجى ناھايىتى ئاچچىقلانغان بولسىمۇ ، ئەمما ھېچقانداق رەددىيە بەرمىگەن .
3. ليۇ دېخۇا بىلەن يۈ كېشىن

يۈ كېشىن ليۇ دېخۇانىڭ تاراتقۇلار ئالدىدا ئېتىراپ قىلغان قىز دوستى . شۇنداقلا بۇ ئىككىيلەن ئەينى چاغدا قىزغىن مۇھەببەتلەشكەن . ئەمما ئاخىرىغا كەلگەندە ليۇ دېخۇا يۈ كېشىن بىلەن ئايرىلىپ كەتكەن . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يۈ كېشىن ليۇ دېخۇاغا ئۆچمەنلىك ساقلاپ كەلگەن . ئۇ ئىككىيلەننىڭ مۇھەببەتلەشكەن چاغدىكى ھەربىر مىنۇتىنى دېگۈدەك خاتىرىلەپ ماڭغان ، ليۇ دېخۇانىڭ ئائىلىسىدە مەسىلە چىققاندا ئۇنىڭ يارىسغا تۇز سەپكەن . ھەمدە جۇلىچىيەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇلۇپ كىرگەن چاغدا ئىككىسىنىڭ تېخى ئايرىلىپ كەتمىگەنلىكىنى ئېيتقان . يۈ كېشىننىڭ قىلمىشلىرىغا قارىتا ليۇ دېخۇا سۈكۈت ئارقىلىق تاقابىل تۇرغان .
4. فەن جىيى بىلەن لىچىيەن

دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق ئەترەت باشلىقى فەن جىيى بىلەن ئايروخانقىز لىچىيەننىڭ تويى ئەينى چاغدا يېڭى بىر نىكاھ دولقۇنى قوزغىغانىدى . ئەمما بۇ ئىككىيلەننىڭ نىكاھ تۇرمۇشى كىشىلەر ئويلىغىنىدەك بەختلىك ئەمەس ئىدى . فەن جىيى كۆپ قېتىم ئۆز تۇرمۇشىنىڭ بەختسىز ئىكەنلىكىدىن ئاغرىنغان . ئاخىرىدا ئۇلار كېلىشىم تۈزۈپ ئاجراشقان . يەنى فەن جىيى لىچىيەنگە ئۈچ مىليون يۈەن خەلق پۇلى تۆلەم بېرىدىغان ھەمدە بۇ پۇلنى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە تۆلەپ بولالمىسا تۆت ھەسسە ئۆسۈم بىلەن تۆلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا پۈتۈشكەن . ئاخرىدا فەن جىيى بۇ قەررنى قايتۇرۇپ بولالمىغاندا لىچىيەن كېلىشىمنامىنى ئېلىپ سوتقا ئەرز قىلغان . لىچىيەننىڭ چېكىدىن ئاشقان قىلمىشى فەن جىيىنى مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان .
5. يۈەنلى بىلەن جاۋ لىڭ

يۈەنلى بىلەن جاۋ لىڭ ئىككىيلەن فىلىم ئىشلەش جەريانىدا تونۇشۇپ ، چاقماق تېزلىكىدە توي قىلغان بولۇپ ، ئاخىرىدا يەنە چاقماق تېزلىكىدە ئاجرىشىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان . جاۋ لىڭ مىكرو بىلوگىدا يۈەنلىغا قارىتا جەڭنامە ئېلان قىلغان . ھەمدە يۈەنلىنى نومۇسسىز دەپ تىللىغان . يۈەن لى بولسا جاۋلىنى بىر ھاراقكەش ، ئىقتىدارى يوق تۇرۇپ نام چىقىرىشنى ئويلايدۇ دېگەن . بۇ ئىككىسى خۇددى بىر - بىرىگە ئۇتتۇرۇپ قويۇشتىن قورققاندەك تىل جېڭىنى داۋاملاشتۇرغان بولسىمۇ ، ئەمما سالاپىتىنى پۈتۈنلەي ئۇتتۇرىۋەتكەن .